ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىزلىق ئادەتلىرى

ئۇيغۇرلاردا:" تەن ساقلىق -زور بايلىق، ساغلام تەندە ساپ ئەقىل" دەيدىغان ئەقلىيە سۆزلىرى بار. بۇ سۆز جەۋھەرلىرىنىڭ بىباھا قىممىتى ۋە ئىلمىي ئاساسىي بار. چۈنكى تەن ساغلام بولغاندىلا ھەر قانداق ئىشنى كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇندىغىلى بولىدۇ. پاكلىق، پاكىزلىققا ھەر دائىم ئەھمىيەت بېرىش -ساغلام بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2009.10.07

تازىلىققا رىئايە قىلىشنى ئادەت قىلغاندىلا ساغلام، زېرەك، چېچەن ۋە قاۋۇل بولغىلى بولىدۇ.

پاكىستان ئىسلام ئاباد ئالىي بىلىمگاھىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى "ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى"دا خىزمەت قىلىۋاتقان ئابدۇراھمان ھاجىمغا بىر قانچە سوئال بىلەن مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.

ئابدۇراھمان ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدۇراھمان ھاجىم تازىلىق ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى توغرىلىق سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:" تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش - بىر مىللەتنىڭ ساپاسى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى، ئېسىل پەزىلىتىنىڭ مۇھىم بىر بەلگىسىدۇر. مۇسۇلمانلار تازىلىق ئادىتىنى ئەڭ ئاۋۋال يېتىلدۈرگەن خەلقتۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ دەستۇرى: ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى، پاك بولغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پاكلىققا تەشەببۇس قىلىپ: ئاللاھ پاكتۇر، ئۇ پاكلىقنى ياقتۇرىدۇ دېگەن. پاك ۋە پاكىز بولۇش مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسىدۇر. شۇڭا مۇسۇلمانلارنىڭ نۇرغۇنلىغان ياخشى تازىلىق ئادەتلىرى بار."

مۇسۇلمانلارنىڭ تازىلىق ئادەتلىرىدىن ئۆرنەكلەر

ئابدۇراھمان ھاجىم مۇسۇلمانلارنىڭ تازىلىق ۋە پاكىزلىق ئادەتلىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى: مۇسۇلمانلار بىرىنچىدىن، مۇھىت تازىلىقىغا، جۈملىدىن ھويلا-ئارام، مەسچىت، ساراي، ئۆي-ماكانلارنىڭ تازىلىقىغا زور ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئانا ۋەتەندىكى ساپ مۇسۇلمانلار ياشايدىغان رايونلاردا بۇ ئادەتنىڭ نەقەدەر گۈللەنگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. مۇسۇلمانلار مۇھىت تازىلىقىنى دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنە ھەم مەجبۇرىيەت دەپ بىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارغا كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدىغان ئىككى قىلىقتىن ساقلىنىڭلار: كىشىلەرنىڭ ماڭىدىغان يولى ۋە سايىدايدىغان ئورۇنلىرىنى پاسكىنا قىلىپ قويماڭلار دەپ تەلىم بەرگەن.

ئۇلار ئىككىنچىدىن، ئورمان ئۆستۈرۈپ، باغۋاران بىنا قىلىپ، گۈل-گىياھ تېرىپ مۇھىتنى گۈللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. خەلقىمىزدىمۇ "بېغى يوقنىڭ نېنى يوق" دەيدىغان ماقال بار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : قانداقلا بىر مۇسۇلمان دەرەخ تىكسە ياكى زىرائەت تېرىسا، ئۇنىڭدىن ئۇچار قۇشلار ياكى ئىنسانلار ياكى ھايۋانلار يېسە ئۇ كىشى ئۈچۈن سەدىقىنىڭ ساۋابى بولىدۇ دېگەن.

ئۈچىنچىدىن، ھويلا، يوللارغا سۇ سېپىپ پاكىز سۈپۈرۈش مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ھەر كۈنلۈك سەھەر تۇرۇپ پۈتتۈرىدىغان بىرىنچى ئىشى. مۇسۇلمانلار ئەتىگەنلىك نامازدىن پارىغ بولغاندا، بالىلارنى تۇرغۇزۇپ، كىيىندۈرۈپ، ئۆي ئىچىنى پاك پاكىز تازىلاپ بولۇپ، ئاندىن ناشتا قىلىدۇ. ئەخلەتنى، يۇندىنى ھەرگىز يول بويلىرىغا، سۇ قاناللىرىغا تۆكمەيدۇ. شۇنداقلا يولدىكى توسقۇنلارنى ئېلىۋېتىش، يول ياساش، كۆۋرۈك سېلىش، قۇدۇق قېزىش قاتارلىقلارنى چوڭ ساۋابلىق ئىش دەپ بىلىدۇ. زىرائەتلەرنى، گۈل-گىياھلارنى نابۇت قىلمايدۇ.

تۆتىنچىدىن، شەخس تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ناماز مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسى بولۇپ، پاكلىق، پاكىزلىق ۋە تاھارەت بولمىسا ناماز قوبۇل بولمايدۇ. شۇڭا مۇسۇلمانلار شەخسىي تازىلىقنى قانداق شارائىتتا بولمىسۇن، ھەر دائىم ئۆز ۋاقتى ‏- سائىتىدە مۇنتىزىم ئورۇندايدۇ. مۇسۇلمانلاردىكى بۇخىل مۇنتىزىم شەخسىي تازىلىقنى باشقا ھېچقانداق بىر مىللەتتە كۆرگىلى بولمايدۇ. مۇسۇلمانلاردىكى تاھارەت بىلەن غۇسلى بۇنىڭ مىسالىدۇر.

ئۇلار بەشىنچىدىن، ئوزۇقلۇقنىڭ تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيە بېرىدۇ. شۇڭا ئۇلاردا ئوزۇقلۇق ھالال-ھارام دەپ ئېنىق چەك قويۇپ ئاجرىتىلىدۇ. مۇسۇلمانلار ھالال ئوزۇقلۇقلارنى يېيىشكە ۋە ھارامنى يېمەسلىككە بۇيرۇلغان. قۇرئان كەرىمدە:" ھايۋانلار(يەنى تۆگە، كالا، قويلار)نىڭ ھەممىسىنى (قان ئېقىتىپ بۇغۇزلىغاندىن كېيىن يېيىش)ھالال قىلىندى... سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، چوشقا گۆشى، ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامىنى ئېيتىپ بۇغۇزلىغان ھايۋان، بۇغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، ئىگىزدىن يېقىلىپ ئۆلگەن ھايۋان، ھايۋانلار(تەرىپىدىن ئۈسۈپ) ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىرتقۇچ ھايۋانلار يېرىپ يىگەن ھايۋان(نىڭ گۆشىنى يېيىش) ھارام قىلىندى دەپ كۆرسىتىلگەن".

دېمەك تازىلىق ۋە پاكىزلىق ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ ئادەتلىنىشى تولىمۇ مۇھىم بولغان بىر زۆرۈرىيەتتۇر. تازىلىقنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى پايدىلىرى ئىنتايىن كۆپتۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.