ئۇيغۇرلار ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئىزچىل ئۇچرىماقتا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.06.10
2010.06.10
www.youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1964 - يىلى 10 - ئايدىن 1996 - يىلى 7 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا جەمئىي 46 قېتىم ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بارغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان. نۆۋەتتە خەلقئارادىكى ئاتوم بومبا سىنىقىنىڭ ئىنسانلارغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيانلىرىنى تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا ئېلىپ بارغان ئاتوم بومبا سىنىقىنىڭ زىيىنىغا ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان ئىكەن.
رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى ئۆتكەندە، ئاق قان راكىغا گىرىپتار بولغان 8 ياشلىق ئابدۇۋەلى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىر ياتاقتا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان 12 ياشلىق ئابدۇسالام، 8 ياشلىق مۇزەپپەر قاتارلىق راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئۇيغۇر بالىلىرىنى زىيارەت قىلغان ئىدۇق. مەلۇم بولىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىل كېسەللەرگە دۇچار بولغانلار سانى يىلدىن -يىلغا ئاشماقتا ۋە بۇ خىل كېسەللەرگە دۇچار بولۇۋاتقانلارنىڭ ياش چەكلىمىسىمۇ بارغانچە كىچىكلىمەكتە ئىكەن.
چەتئەللەردىكى مۇتەخەسسىسلەردىن ئىلگىرى ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى دوختۇرخانىسىدا دوختۇر بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر ئەنگىلىيىدە ئۇيغۇرلاردىكى تۈرلۈك راك كېسەللىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتوم سىنىقىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان، مۇتەخەسسىس دوختۇر ئەنۋەر توختى ئەپەندى ۋە نيۇ -يوركتىكى دوختۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل يامان سۈپەتلىك قان بۇزۇلۇش ھەم ئۆسمە كېسەللىرىگە بۇ قەدەر كۆپ گىرىپتار بولۇشىنىڭ سەۋەبى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا كۆپ قېتىم ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناقلىرىنىڭ تەسىرىدىن دەپ كۆرسەتتى.
مۇتەخەسسىس ئەنۋەر توختى ئەپەندى 1998 - يىلدىن بۇيان، ئەنگىلىيىدىكى راك كېسەللىرى مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ تەسىرىدىن بولغان مۇھىت بۇلغىنىشى ھەم رايوندا كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىۋاتقان تۈرلۈك راك كېسەللىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا. ئۇ، يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان كۆپ قېتىم ئاتوم رادىئاتسىيە زىيانلىرى ھەققىدىكى خەلقئارالىق يىغىن ۋە ژۇرناللاردا ئۆز تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.
ئەنۋەر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىدا، رايوندىكى راك كېسەللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى. ئۇ، سۆزىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۆسمە كېسەللىرى دوختۇرخانىسىنى مىسالغا ئېلىپ، دوختۇرخانىدا ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان كېسەل كارىۋاتلىرى ھەم رايوندىكى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان تۈرلۈك راك كېسەللىرى ھەققىدە توختالدى.
نيۇ -يوركتىكى دوختۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندى، ئۇيغۇرلاردا بۇ يىللاردا راك كېسىلىنىڭ بۇ قەدەر كۆپىيىشىدىكى ئامىللار كۆپ تەرەپلىمە بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ تەسىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەنۋەر توختى ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ يىللاردا رايوندىكى ئاتوم سىنىقىنىڭ تەسىرىدىن ئۇيغۇرلاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بىرقانچە خىل راك كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ، سۆزىدە ئاتوم سىناقلىرى تەسىرىدىن پەيدا بولغان راك كېسەللىرىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئىرسىيەت كېسەللىرى بولۇپ داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەمەت ئىمىن ئەپەندى قان راكىنىڭ ھەم باشقا راكلارنىڭ پەيدا بولۇشىدا ئاتوم سىنىقى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ئاتوم توزانلىرىنىڭ، ئاتوم رادىئاتسىيە نۇرىنىڭ بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەنۋەر توختى ئەپەندى ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بارغان رايونلاردا كۆرۈلىدىغان ھەر خىل ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭسىزلىق ئامىللىرى ھەققىدە توختالدى.
ئەنۋەر توختى ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىللاردا رايوندا ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناقلىرىنىڭ ئورنى ھەم بۇ خىل سىناقلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىغىلا ئەمەس ھەتتا ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭمۇ مۇھىتىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ئېلىپ بارغان 46 قېتىملىق ئاتوم سىنىقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىنىڭ 100 يىلغىچە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن مەزگىللەرگىچە رايون مۇھىتىغا ھەم بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.