ئۇيغۇر ئېلىدە ياشانغانلار پاراۋانلىق كاپالىتىگە ئىگە ئەمەس
2012.08.07

ياشانغانلار پاراۋانلىق خىزمىتى ۋە ئورگان قۇرۇلۇشىدىكى يېتىشەلمەسلىك ھەمدە يېتەرسىزلىكلەر، ئۇيغۇر ئېلى جەمئىيىتىدە ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىدا زور بوشلۇق ياراتقان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئېلىدە يالغۇز ۋە يېتىم ياشانغانلارنىڭ ئىنتايىن كەسكىن ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان مەلۇمات دىققىتىڭلاردا بولسۇن.
يېقىندا ئېچىلغان خىتاي - 11 نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ - 27 دائىمىي ھەيئەت يىغىنىدا، ياشانغانلار پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنى كېڭەيتىش ھەمدە ئۇلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەققىدە تەكلىپ سۇنۇلۇپ، بۇ ھەقتە تۇنجى قارار لايىھىسى تۈزۈپ چىقىلغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن كېيىن ئۇزۇندىن بۇيان ھەل بولماي كېلىۋاتقان ياشانغانلار كۈتۈنۈش ۋە بېقىلىش مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ساناتورىيە ھەمدە پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشقا مەخسۇس مەبلەغ ۋە كۈچ ئاجرىتىدىكەن.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن، ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى ھەقىقىي تۈردە كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان قانۇن - نىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ھەر بىر شەھەر،ناھىيىلەردە مەخسۇس ياشانغانلار ساناتورىيىسى قۇرغاندىن باشقا، ياشانغانلار ئائىلىسىگە دۆلەتتىن بېرىلىدىغان سىستېمىلىق ياردەم تۈزۈلمىسى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياشانغانلارنى غەم غۇسسىدىن خالى قىلىش ھەمدە مەھەللە، كوچا باشقارمىلىرىدا مەخسۇس ياشانغانلار ئۈچۈن پائالىيەت سورۇنلىرى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، ھەر يىلى ياشانغانلار خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئوخشاش ياشانغانلار خىزمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سېستىمىلىق مېخانىزمغا كىرگۈزۈش قاتارلىقلار پىلانغا كىرگۈزۈلگەن.
ياشانغانلار خىزمىتى خىتاي جەمئىيىتىدىكى كرىزىسقا ئۇچراۋاتقان مەسىلىنىڭ بىرى. ياشانغانلاردىن خەۋەر ئېلىش بىر دۆلەت، بىر ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق خىزمىتىنىڭ بىرى. شۇنداقلا بۇ تەڭپۇڭ، مۇكەممەل ئەمەلىلەشتۈرۈشكە مۇھتاج بىر خىزمەت.خىتاي نوپۇس جەھەتتە ياشانغانلار نىسبىتىنىڭ بارغانچە ئېشىشىدەك، نوپۇس تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىگە دۇچ كېلىۋاتقىنىغا 10 يىللار بولدى، ئەمما ھازىرغا قەدەر خىتايدا ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ تەرەققىياتىغا ماس ھالدىكى پاراۋانلىق سىستېما بەرپا قىلىنمىغان. يەنى ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتا، «ئائىلە ئاساس، جەمئىيەت تىرەك، ئورگانلار كاپالەت» بولۇشتەك مىخانىزىم تېخى ئەمدى قۇرۇلۇش باسقۇچىدا. شۇنداقلا پاراۋانلىق ئورۇنلىرى ھەمدە خىزمىتىدە ئوخشىمىغان سۈپەت مەسىلىلىرى مەۋجۇت. بۇنىڭ بىلەن ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كەسكىن مەسىلىلەرگە دۇچار بولۇپ كەلگەن.
جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىگە نەزەر سالساق، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ 2010 - يىل ئاخىرىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇمكى، 2010 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسى ياشانغانلار دەۋرىگە كىرگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 14 ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيىلىرىدە ئاممىۋى ۋە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان ياشانغانلار ساناتورىيە ھەمدە پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنىڭ سانى 117بولۇپ، تۇرۇشلۇق ياشانغانلار 3124 نەپەر ئىكەن. شۇنداقلا بۇلارنىڭ 90% ىدىن ئارتۇقىنى خىتاي مىللىتى ئىگىلەيدىكەن.
ھالبۇكى، خىتاينىڭ 2011 - يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى 60تىن ئاشقان ياشانغانلار نوپۇسى 2مىليون 335مىڭ 400 كىشى بولۇپ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 10ئۈ8%تىنى ئىگىلەيدۇ. ئەمما ياشانغانلار نوپۇسى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ماس پاراۋانلىق خىزمىتىدە زور تەڭپۇڭسزلىق مەۋجۇت.
خىتاي خەلق ئىشلىرى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ - 10 نۆۋەتلىك - 5 ئومۇمىي يىغىنىدا، سىياسي كېڭەش ئەزاسى مىڭ ۋېي مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ: «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشانغانلار ساناتورىيىلىرى ئاز ۋە كارۋات يېتىشمەسلىك ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن. ھازىر بار بولغان ياشانغانلار پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنىڭ بەزى بىر قىسمى ھۆكۈمەت خەلق ئىشلىرى ئىدارىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولسىمۇ، كۈپ قىسمى شەخسى ياكى كوللېكتىپ ئىگىلىكىدىكى ساناتورىيە ئورۇنلىرى بولۇپ، باھا، سۈپەت، باشقۇرۇشتا ئوخشىمىغان مەسىلىلەر ھەم تەڭپۇڭسىزلىقلار مەۋجۇت بولغاچقا، بۇ جايلاردىكى ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى خىرسقا ئۇچراپ كەلگەن.
كۆپ ساندىكى ياشانغانلار يالغۇز، بېقىمسىز، كاپالەتسىز قالغان. ياشانغانلارنى كۈتۈش ئورۇنلىرى كەمچىل بولغاندىن سىرت، كۈتكۈچى ھەم مەخسۇس خادىملار كەمچىل. ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا ئاجراتقان مەبلىغى چەكلىك بولغاچقا، خادىملارنىڭ مائاشى تۆۋەن، پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنىڭ تۇرمۇش، داۋالىنىش، يىمەك - ئىچمەك سۈپىتىدىكى پەرقلەر زور. ياشانغانلار خىزمىتىدە كۆپ تەرەپلىمە يېتەرسىزلىك بار، ياشانغانلارنىڭ پارۋانلىق خىزمىتىنىڭ ئاساسىنى قۇرۇشتا، ئالدى بىلەن پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن تەڭ بۇ ئورۇنلارغا كېرەكلىك خادىملارنى تەربىيىلەش ۋە سەپلەشنى كۈچەيتىش زۆرۈر»
خوتەننىڭ لوپ ناھىيىسىدىن يېقىندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان 75 ياشلىق يالغۇز ئايال ھۆكۈمەتنىڭ ئايدا بېرىدىغان قۇتقۇزۇش پۇلى بىلەنلا ھايات كەچۈرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، تۇرمۇشنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئۆزى ئىشلەپ جان بېقىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى :
ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا قارامايدا ئېچىلغان شىنجاڭدىكى ياشانغانلار ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى سىستېمىسى يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى مۇئاۋىن رەئىسى زەپەر ھەبىبۇللا ئوخشاش مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، «ئۇيغۇر ئېلىدە ياشانغانلار نوپۇسى يىلىغا 4.36% تېزلىكتە ئېشىۋاتقان شارائىتتا، بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ياشانغانلار خىزمىتىدىكى كەسكىن رىقابەتنى يېڭىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، ئامما بىرلىكتە ياشانغانلار خىزمىتىنى يېڭى بىر سەۋىيە، يېڭى سۈپەت،يېڭى بىر قەدەمدە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. بولمىغاندا كېيىنكى يىگىرمە - ئوتتۇز يىل جەريانىدا ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ جەمئىيەتنىڭ بېسىمىمۇ ئارتىدۇ، ياشانغانلار ۋەزىيىتى تېخىمۇ كەسكىنلىشىدۇ....» دېگەن ئىدى.
خىتاي جەمئىيىتى ياشانغانلار پاراۋانلىق خىزمىتىدە ئۇچراۋاتقان بۇ كرىزىس، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ مۇكەممەل بولغان مەمۇرىي باشقۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش قەدىمىنىڭ ئوبيېكتىپ تەرەققىياتقا يېتىشەلمەي قالغانلىقىنى ۋە قانۇن - تۈزۈم قۇرۇلۇشىدا نازارەت مىخانىزىمىنىڭ ياخشى جارى قىلدۇرۇلمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىي مەمەت توختى، خىتايدا ياشانغانلار خىزمىتىدە ھاسىل قىلغان بۇ يۇچۇقنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە تەھدىت ئېلىپ كېلەلەيدىغان بىر چوڭ خىرس ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى: