ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ `تېررورچىلار' تىزىملىكىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇردى
تۈنۈگۈن خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى 8 نەپەر ئۇيغۇرنى تېررورچى دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۈگۈن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ تىزىملىككە قارىتا نارازىلىق باياناتىنى ئېلان قىلدى.
-
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2008-10-22 -
-
-
سۈرەتتە خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىر يېزىسىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش
news.boxun.com / Wang Lixiong
Your browser doesn’t support HTML5 audio
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئالدى بىلەن بۇ كىشىلەرنى تونۇمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدە ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئەگەر بۇ كىشىلەر راستىنلا مەۋجۇت دېيىلگەن تەقدىردىمۇ، خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان پاكىتلارنىڭ تېررورلۇق پاكىتى بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ پروگراممىمىزدا، ئۇيغۇر تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى، تۈركىيىدىكى شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى، شۇنداقلا، شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ باياناتچىسى قاتارلىق تەشكىلات مەسئۇللىرى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، خىتاينىڭ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى تېررورچىلار تىزىملىكىگە قارىتا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنكاسلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.