دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر سىچۇئەندە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە بېرىۋاتقان بۇنداق ياردەم بىر ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكەت؛ باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان مىللىتى، تىلى، دىنى، مەدەنىيىتى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق بىلەن ئوخشىمايدىغان ھەر بىر ئىنسان ئۆزلىكىدىن ئىپادىلىگەن ئىنسانىي ئەخلاق. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭمۇ باش تارتمايدىغان ۋەزىپىسى.
سىچۇئەندە ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرگە ياردەم بېرىدىغان بۇنداق ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكەت ھازىر ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئەمما، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم توپلاش ھەرىكىتىنى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى سىياسىيلاشتۇرۇۋالغان.
دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر قەشقەرنىڭ پۈتۈن ناھىيە ۋە يېزىلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىئانە توپلاش ھەرىكىتىگە خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرى ئارىلىشىپ، يېزا باشلىقلىرىغا ۋەزىپە بەلگىلەپ، مەھەللىلەردىن ئۆيمۇ-ئۆي ئىئانە توپلاشقا باشلىغان.
دىلشات رىشىت ئەپەندى بايان قىلغان بۇ ئەھۋال 'شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىدە ئىسپاتلىنىپ تۇرۇپتۇ. مەسىلەن، 'شىنخۇا تورى' دا بۈگۈن ئېلان قىلىنغان 'شىنجاڭدا ھەر مىللەت خەلقى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بەس-بەستە پۇل توپلاپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارغا بولغان سۆيگۈسىنى ئىپادىلىمەكتە' دېگەن خەۋەردە، گەرچە سىچۇئەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى ئۇچرىغان خەلققە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا، ئاقسۇ، كورلا، تۇرپان قاتارلىق رايونلارنىڭ ھەممىسىدە، ھەر مىللەت خەلقى ياردەم توپلاش ھەرىكىتىنى قوزغىغان، دەپ تەسۋىرلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ خەۋەردە يەنە، 'پۇل توپلاش' نى كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى ئۆزى تەلەپ قىلغانلىقى ياكى ئۆزى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاپ قويۇلغان.
مەسىلەن، بۇ خەۋەردە، تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ليۇشېڭ ھەر دەرىجىلىك كادىرلاردىن ۋە خەلق ئاممسىدىن دەرھال پۇل توپلاپ سىچۇئەندە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى، دەپ بايان قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورنىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈنلىن ئۆزى يېرىم سائەت ئىچىدىلا ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن 4700 يۈەن پۇل توپلاپ بولدى، دەپ بايان قىلىنغان.
دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىكى پۈتۈن بايلىقلارنى خىتايلار ئىگىلىۋالغان. بۇ رايوندا يەنە چىرىكلىشىپ ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى ئۆزىنىڭ يانچۇقىغا سېلىۋالغان كوممۇنىست بايلىرىمۇ بار. ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىچىدە بولسا يىللىق كىرىمى مىڭ يۈەندىن ئاشمايدىغان ئادەم ناھايىتى كۆپ. ھازىر مۇشۇ رايوندىكى بايلار نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا بېسىم ئىشلىتىپ پۇل توپلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
