«ۋالل سترىتنى ئىشغال قىلىش» ھەرىكىتى پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيدى
2011.10.18

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «مالىيە خەۋەرلىرى» گېزىتىدە مۇنداق دەپ تەسۋىرلىنىدۇ: بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن، 17-سېنتەبىر كۈنى نيۇ-يورك شەھىرىدە، بىر قانچە ئادەم تەشەببۇس قىلىپ باشلانغان «ۋالل سترىتنى ئىشغال قىلىش» ھەرىكىتىنىڭ، ھازىرقىدەك پۈتۈن دۇنياغا كېڭىيىپ دۇنياۋى ھەرىكەتكە ئايلىنىپ كېتىشىنى ھېچكىم تەسەۋۋۇر قىلمىغان ئىدى. مانا ھازىر، 16-ئۆكتەبىر كۈنى «ۋالل سترىتنى ئىشغال قىلىش» ھەرىكىتى ئاللىقاچان تۆت قىتئەگە ھەم ئوكيانىيىگە كېڭىيىپ بولدى. ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىمۇ «ياۋروپاچە ۋالل سترىتنى ئىشغال قىلىش» ئەۋج ئالدى.
مۇقىم داھىيسى بولمىغان تارقاق ھالەتتىكى كىشىلەر بىرخىل قىزغىنلىق ۋە ئارزۇ-ھەۋەس بىلەن قوزغىغان بۇ ئاممىۋى ھەرىكەت، پۈتۈنلەي ئىنتېرنېتتىكى فايسبۇك، تىۋىتېر دەپ ئاتىلىدىغان تور پونكىتلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ قانات يايدۇرۇلۇپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى خەلق ئاممىسىنى ئىقتىسادىي جەھەتتە تەڭسىزلىك پەيدا قىلغان نۇقتىلارغا نارازىلىق ئىپادىلەش نىشانىغا يەتكۈزدى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئۆتكەن شەنبە كۈنى نيۇ-يورك شەھىرىنىڭ پاي بازىرىدىكى نامايىش شەھەرنىڭ تېخىمۇ ئاۋات، تېخىمۇ سەزگۈر يېرىدىكى «دەۋر مەيدانى» غا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن. لوس ئانجىلىس شەھىرىدىكى 5 مىڭ ئادەملىك كوچا نامايىشىمۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغا يۆتكەپ كېلىنگەن. پىتسبۇرگ شەھىرىدىكى 2 مىڭ كىشىلىك نامايىشمۇ كوچا مارشىغا ئايلاندۇرۇلغان. بۇ نامايىشلارنىڭ ھەممىسىدە، بايلار بىلەن نامراتلار ئوتتۇرىسىدا پەيدا قىلىنغان پەرقلەرگە قارشى تۇرىدىغان شوئارلار توۋلانغان.
ئۆتكەن شەنبە كۈنى يەنە، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 900 دىن ئارتۇق شەھەرنىڭ ئىقتىساد-پۇل مۇئامىلە مەركەزلىرىدە، نيۇيوركتىكىگە ئوخشاش داغدۇغىلىق نامايىش بولغان. ئىسپانىيىنىڭ مادېرىت شەھىرى، پورتىگالىيىنىڭ لىسبېن شەھىرى، گرېتسىيىنىڭ ئافىنا شەھىرىدىكى نامايىشقا قاتناشقان ئادەم سانىمۇ بىر نەچچە مىڭدىن ئاشقان. پەقەت ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 500 كىشىلىك نامايىشلار، ھۆكۈمەتسىزلىكنى تەشەببۇس قىلغۇچى گۇرۇھلار ئارىلىشىۋالغانلىقتىن زوراۋانلىق ھەرىكەتكە ئايلىنىپ قالغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۆتكەن شەنبە كۈنى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىكى پۇل -مۇئامىلە مەركىزىدە يۈز بەرگەن نامايىشتا «تورانتونى قايتۇرۇۋالايلى» دېگەن شوئار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كانادادىكى «ئاببۇستېر» دەپ ئاتىلىدىغان ئەڭ چوڭ ئېلان-سەنئەت گېزىتىنىڭ ساھىبى كالل لاسون، «ۋالل سترىتنى ئىشغال قىلىش» نامايىشىنى 10-ئاينىڭ 29 -كۈنى پۈتۈن دۇنيادا بىر كۈندە، بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىش، 11-ئايدا فرانسىيىدە ئېچىلىدىغان 20 چوڭ سانائەتلەشكەن دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا داۋاملاشتۇرۇش، ئۇنىڭدا بىردەكلا بايلار بىلەن نامراتلار ئوتتۇرىسىدا پەيدا قىلىنغان پەرقلەرگە قارشى تۇرىدىغان شوئارلارنى توۋلاش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ۋاشىنگتون پوست گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، ب د ت باش كاتىپى بانكىمۇن 17-ئۆكتەبىر كۈنى «ۋالل سترىتنى ئىشغال قىلىش» ھەرىكىتى ھەققىدە قىلغان سۆزىدە، «ۋالل سترىتنى ئىشغال قىلىش» ھەرىكىتىگە قاتناشقان خەلق ئاممىسى، ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كىرزىسنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىنكى نارازىلىق كەيپىياتىنى ئىپادىلىدى، ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى چوقۇم مىليونلىغان خەلقنىڭ دەردىگە يېتىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن.