ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئاۋغۇست ئېيى كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن، يەنىلا قاتتىق زەربە بېرىشنى كۈچلۈك تەكىتلىشىگە قارىتا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى نارازىلىق ئىنكاسلارنى قايتۇرماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىئومىزدا بايانات بەردى.
پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈچ دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار يىغىنىدا ۋاڭ لېچۈەن سۆز قىلىپ "ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەشتە، ھۇجۇمكار ھالەتتە تۇرۇش، باش كۆتۈرگەن ھامان ئۇجۇقتۇرۇش، پۇختا مۇداپىئەلىنىش ۋە قاتتىق زەربە بېرىشنى داۋاملىق تۈردە كۈچەيتىشنى قايتا تەكىتلىگەن ھەمدە ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتا،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكى مەسىلىسىدە مەيدانى قەتئىي ۋە بايرىقى روشەن بولۇشى كېرەكلىكىنى قايتا ئەسكەرتكەن.
ۋاڭ لېچۈەننىڭ قەشقەر ھەمدە كۇچالاردا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەندىن كېيىنمۇ يەنىلا باستۇرۇشنى كۈچەيتىشنى قاتتىق تەلەپپۇزدا تەكىتلىشىنىڭ نېمىلەردىن سىگنال بېرىدىغانلىقى ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات ئۆزىنىڭ كۈز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
دىلشات رىشىت يەنە ۋاڭ لېچۈەننىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتا ئاساسى قاتلام خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەنلىكى ھەمدە كادىرلارنى يېقىنقى ۋەقەلەردىن ساۋاق ئېلىپ باستۇرۇشنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنىڭ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلارغا ھامان گۇمان ۋە ئەندىشە بىلەن قاراۋاتقانلىقنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
خىتايدا ئولىمپىك ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىدىن ئۈمىد كۈتۈۋاتقان شۇنىڭدەك يېقىندا تېخى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋغا ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىش مەسىلىلىرى ئۈستىدە سۆز ئاچقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۈمىدىگە خىلاپ ھالدا قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇۋاتقانلىقى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرىشىنى ھايات - ماماتلىق كۈرەش دەپ ئاتىشى نېمىنىڭ بىشارىتى ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالغان دىلشات رىشىت، ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزلىرىنىڭ شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ئولىمپىك بىخەتەرلىكى نامى بىلەن ھەر خىل شەكىلدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قامال قىلىش، باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى ھەرگىزمۇ ئولىمپىك ياكى ھازىرقى خەلقئارانىڭ بېسىمى بىلەن يۇمشىتىش خىيالىدا بولمايلا قالماي، ئەكسىچە مىللىي كەمسىتىش ھەمدە زوراۋانلىق سىياسىتىنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.