خىتاي ھۆكۈمىتى 24 - ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇر رايونىدا ئۆزىنىڭ قاتتىق قول سىياسىتى بىلەن "تۆمۈر مۇشت" نامىنى ئالغان، ۋاڭ لېچۈەننى يۆتكەپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا "ئىدىيىسىنىڭ ئازادلىقى"، "تەپەككۇرىنىڭ ئوچۇقلۇقى" بىلەن تەرىپلىنىۋاتقان، بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن، "يۇمشاق سىياسەت يۈرگۈزۈشى مۇمكىن" دەپ قارىلىۋاتقان جاڭ چۈنشەننى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە خىلمۇ - خىل پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
بۈگۈن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەردىن، "بېيجىڭ باھارى" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى ھەم ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىلەر رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
"خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاڭ لېچۈەننى يۆتكەپ كېتىشى، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ"
خۇ پىڭ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاڭ لېچۈەننى يۆتكەپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇشتىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاڭ لېچۈەننى يۆتكەشكە مەجبۇر بولۇشىنىڭ ئۆزى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاڭ لېچۈەن بۇ 20 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزگەن قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ھازىرقى مەسىلە خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى دۇنيا جامائەتچىلىكى ھەم ئۇيغۇر خەلقى ئالدىدا ئاشكارا ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىدى. شۇڭا رايوندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تەڭسىز سىياسىتىگە نارازىلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" گە ئوخشاش ۋەقەلەرنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن يۈز بەرگەن دەپ، مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتەرمەكچى بولۇۋاتىدۇ."
ئېلشات ئەپەندى، ۋاڭ لېچۈەننىڭ يۆتكەپ كېتىلىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلىشىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ شېڭ سىسەي ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەۋردىمۇ يۈز بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
"ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئەمەلدار ئالماشتۇرۇش بىلەنلا مەسىلە ھەل بولمايدۇ. مۇھىمى رايوندىكى خەلقنىڭ ھەق -ھوقۇقلىرىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش "
خۇ پىڭ ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ رايونغا يېڭى ئەمەلدار بەلگىلىشى بىلەنلا رايوندىكى نېگىزلىك مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشىدىن ئۈمىدۋار ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: "ھازىر خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى جاڭ چۈنشەننى " ئىدىيىسىنىڭ ئازادلىقى"، "تەپەككۇرىنىڭ ئوچۇقلۇقى" بىلەن مەدھىلەپ، ئۇنى سىرتقى دۇنياغا رايوندا نىسبەتەن يۇمشاق سىياسەت يۈرگۈزىدۇ دەپ تەشۋىق قىلماقتا. ئەمما بىز شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، جاڭ چۈنشەن بەرىبىر خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان بىر ئەمەلدار. ئۇ ھەر ۋاقىت كوممۇنىست ھۆكۈمەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. شۇڭا مەن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئەمەلدارنى ئالماشتۇرۇشى بىلەنلا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتەلىشى مۇمكىن دەپ قارىمايمەن، مۇھىمى يەنىلا رايوننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ ھەقىقىي ھالدا كاپالەتكە ئىگە بولۇشى ياكى ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ ھۆرمەت قىلىنىشىدا. بۇ مەسىلە تىبەت رايونىنىڭكى بىلەن ئوخشاش مەسىلە. شۇڭا مەن ھازىرچە رايوندىكى نېگىزلىك مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشىغا ئۈمىدۋار پوزىتسىيىدە ئەمەسمەن. يەنىلا بۇندىن كېيىنكى ۋەزىيەت تەرەققىياتىنى كۆزىتىشىمىز كېرەك."
ئېلشات ئەپەندى رايوندىكى ئەمەلدارنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى بىلەنلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولۇشىنىڭ ناتايىن ئىكەنلىكىنى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى سىياسىتىنىڭ ماھىيەت جەھەتتە ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلار ئۆز ھەق - ھوقۇقلىرىنى ھەقىقىي ھالدا قولىغا ئالغىنىدىلا ئاندىن ئۇيغۇرلار ھاياتىدا ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
"ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى ۋەزىيەتنى ئوڭشايمەن دەيدىكەن، ئۇيغۇرلارغا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئەركىنلىكى بېرىشى كېرەك!"
خۇ پىڭ ئەپەندى سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، رايوندىكى تەرەققىياتنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىرادىسى بويىچە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
"خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى تىبەتلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىگە ، ئۆرپ - ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىشى، ھازىرقىدەك "شىنجاڭغا ياردەم" نامىدا، پۈتۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىركەتلەرنى رايونغا كۆچۈرۈپ كېلىپ، رايوننىڭ بايلىقلىرىنى ئەكىتىش، رايونغا كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاش ئەمەس، بەلكى رايوندىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئارامىغا قويۇشى كېرەك."
خۇ پىڭ ئەپەندى سۆزىنى تۆۋەندىكى جۈملە بىلەن ئاخىرلاشتۇردى: "مېنىڭچە، مەيلى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى تىبەتلەر بولسۇن، ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى تولىمۇ ئاددىي. ئۇ بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشىگە يول قويۇش، يەنى مەركىزى ھۆكۈمەت رايوننىڭ ئىشلىرىغا ئۇ قەدەر كۆپ ئارىلىشىۋېلىپ، رايوندا قانچىلىك كۆپ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش ئەمەس، بەلكى رايوندىكى خەلقنىڭ ئەركىنلىكىگە ، مىللىي ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارنى ئۆز ئەركىگە قويۇپ بېرىپ، رايوندا ئازراق ئىش قىلىشى، يەرلىك خەلققە دەخلى قىلماسلىقى، ئۇلارغا كۆپرەك ئەركىنلىك بېرىشى كېرەك ئىدى، ئەمما خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھازىر ئەكسىچە ئىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ!"
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.