ۋاپاسىزلىقنىڭ رەزىللىكى ۋە ۋاپاسىزلىق تۈرلىرى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2010.02.09
2010.02.09
ۋاپاسىزلىقنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، يۇقىرىسى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە ۋە ئىنئاملىرىغا تۇزكورلۇق قىلىپ، ئۇنىڭغا شۈكۈر ئادا قىلىشتىن باش تارتىشتىن باشلاپ ئۆسۈپ يېتىلگەن ئانا ۋەتىنىنىڭ غېمىنى يېمەسلىك، ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىش، ئاتا - ئانىسىنىڭ ياخشىلىقلىرىنى قايتۇرماسلىق، ئۇرۇق - تۇغقانلارنى تاشلىۋېتىش شۇنداقلا باشقىلار تەرىپىدىن قىلىنغان قانداقلا بىر ياخشىلىقنى ياخشىلىق بىلەن قايتۇرماسلىق قاتارلىقلارغىچە بېرىپ يېتىدۇ.
پاكىستاندىكى خەلقئارالىق ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى دارۇلھەدىس بىلىمگاھىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئابدۇلكەرىم ھاجىمغا بۇ ھەقتە بىر قانچە سوئال بىلەن مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.
ئابدۇلكەرىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت
ئابدۇلكەرىم ھاجىم زامانىمىزدىكى ۋاپاسىزلىق تۈرلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "ۋاقىتقا رىئايە قىلىش ۋاپادارلىقنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ نەزەرىدە ئاددى سانىلىپ كەلگەن چوڭ مەسىلىدۇر. ۋاقىتقا رىئايە قىلماسلىق، ۋەدىلەشكەن سائەتتە ھازىر بولماسلىق، باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى زايا قىلىش ئەڭ يامان ۋاپاسىزلىقتۇر. بۇ تۈردىكى ۋاپاسىزلىقتىن ھەممىمىز نېسىۋىمىزنى ئالماقتىمىز. بۇ ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ مۈشكۈلىسىدۇر. بىكار تەلەپلەردىن باشقا ھەر قانداق كىشى ئۈچۈن ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەتلىك بىر نەرسە. تىرىشچان ئادەملەر ھەمىشە ۋاقىتنىڭ تارلىقىدىن شىكايەت قىلىدۇ ۋە كۈندۈزنى كېچىگە ئۇلىغۇسى كېلىدۇ. ئەمما بىكار تەلەپلەر ئۈچۈن كۈن ئۆتسە، سائەت توشسا بولدى. ۋاقىتنىڭ قەدرىنى بىلمىگەنلەر ھەمىشە باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئوغرىلايدىغان بىپەرۋالاردۇر.ئابدۇللا ئىبنى ئەبۇل ھەمسا مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىدۇ: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى مەككىدە ئۇنىڭ بىلەن بىر ئىشتا ۋەدىلەشكەن ئىدىم، ئۇنىڭغا كېلىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ قويۇپ كېيىن ئۇنى ئۇنتۇپ قالدىم، ئۈچ كۈندىن كېيىن ھېلىقى ۋەدەم ئېسىمگە كېلىپ، ئۇچرىشىشقا ۋەدىلەشكەن جايغا بارسام، بۇ جايدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تاپتىم. ئۇ: "مېنى ئاۋارە قىلىپ قويدۇڭغۇ يىگىت! مانا مەن بۇ يەردە، ئۈچ كۈندىن بېرى سېنى كۈتۈۋاتىمەن،" دېدى. سائەت ئونغا ۋەدە قىلغان ئادەمنى سائەت ئون بىر ياكى ئون ئىككىلەردە ئاران تاپقانغا خۇش بولىدىغان مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدىكى ئىنسانلار غەربلىكلەرنىڭ ئەدەپ- ئەخلاققا ئويغۇن كەلمەيدىغان بەزى ئادەتلىرىنى دوراشنىڭ ئورنىغا ، ئۇلارنىڭ راستچىللىق ۋە ۋاقىتقا رىئايە قىلىشتەك ياخشى ئادەتلىرىنى ۋە ۋاقىتنى ئالتۇن بىلىپ ئۇنى زايا قىلماستىن پايدىلىنىغان روھىنى دورىسا بولمامدۇ؟! ۋاقىت ھايات، ۋاقىت نەق پۇل، ۋاقىت ئىلىم، ۋاقىت سالامەتلىك، ۋاقىت پەن-تېخنىكا، ۋاقىت قىممەتلىك ھەر نەرسە. بەزى شىركەتلەر بىر مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە ھەسسىلەپ پايدىغا ئېرىشسە، بەزىسىنىڭ بىر مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە چۆكىدىغانلىقى، جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئېھتىياجلىق بەزى كېسەللەرنىڭ داۋالاشقا بىر مىنۇت كېچىكىش سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىمۇ بىر رىئاللىق."
ۋەدىسىدە تۇرماسلىقمۇ چوڭ ۋاپاسىزلىقتۇر
ئابدۇلكەرىم ھاجىم يەنە مۇنداق دېدى:" ئىنسان كېلىشىم تۈزسە كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشى، بېرەر ئىشقا ۋەدە قىلغان بولسا ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىشى لازىم. ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ئىنسانىي گۈزەل ئەخلاق بولسا، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش بەكمۇ قاتتىق رەزىللىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە ساختىلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ۋاپادارلىققا ئۈندەيدىغان ئايەتلەرنىڭ كۆپ بولغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. قۇرئان كەرىمنىڭ ئىسرا سۈرىسىدە: "ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار (قىيامەت كۈنىدە ) ئەھدە ئۈستىدە ئەلۋەتتە سوئال - سوراق قىلىنىسىلەر،" دەپ كەلگەن."ئادەمنىڭ گېپىدە تۇرۇشى، كىشىلەر ئارىسىدا ئىشەنچلىك، گېپىدىن يېنىۋالمايدۇ، توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلىمايدۇ، دەپ تونۇلۇشى ئۇنىڭ ئىنسانىي گۈزەل ئەخلاقىنىڭ نىشانىسىدۇر. ۋەدىگە ۋاپا قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئادەمدە ئىككى خىل ئالاھىدىلىك بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭ بىرى ئەستە تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، يەنە بىرى ئىرادىنىڭ چىڭ بولۇشىدۇر.
بىر ئادەمنىڭ ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىشىمۇ ۋاپاسىزلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر. مەسىلەن: ئىلگىرى نامرات بولۇپ ھازىر ئاللاھ بايلىق بەرگەن بولسا، ئىلگىرى كېسەلچان بولۇپ، ھازىر ساقلىققا ئېرىشكەن بولسا، خۇددى ھېچقاچان نامرات بولمىغاندەك، ئاغرىپ يېتىپ باقمىغاندەك مەغرۇرلىنىشى، نامراتلارنىڭ ۋە كېسەلچانلارنىڭ ھالىغا يەتمەستىن ئۆزىنىلا ئويلاپ ياشىشى تولىمۇ يامان ۋاپاسىزلىقتۇر.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.