ۋاقىتتىن پايدىلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.06.27
2008.06.27
ئەھۋال بۇنداق ئىكەن ئەقىل ئىگىسى بولغان ھەر بىر ئىنسان ۋاقىتنىڭ قەدرىگە يېتىشى، ئۇنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىكى، ئۇنى ئۆزىنىڭ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ئىشلىتىشنى بىلىشى تولىمۇ مۇھىمدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە:" كۆپىنچە كىشىلەر قەدرىنى بىلەلمەيدىغان ئىككى نەرسە باردۇر: ئۇنىڭ بىرى ساقلىق، يەنە بىرى ۋاقىتتۇر"دەپ كۆرسەتكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇلكېرىم ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئابدۇلكېرىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت
ئالىم ئابدۇلكېرىم ھاجىم ۋاقىتنىڭ قىممىتى ۋە ئۇنى چىڭ تۇتۇپ پايدىلىنىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد غازالى " مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى"ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: " بىرىمىز ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلغان چېغىدا، ئۆتكەن كۈنلىرىنى ھېسابلاپ، ھاياتلىق مۇساپىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى بىلىش ئۈچۈن كەينىگە قارىغان ۋاقتىدا، تەپەككۇر ئۇزۇنغا بارمايدۇ. چۈنكى ئۇ پەقەت سىرلىق باشلىنىش ۋە ئەگىشىپ كەلگەن ئۇزۇن يىللار ۋە كەڭ كېچىلەردىن باشقىسىنى بىلمەيدۇ. ئويلىنىشتىن قايتقاندا بولسا، ئۆتكەن ئاشۇ يىللار گويا دائىرىسىنى غۇۋا ھادىسىلەر گىرەلىشىپ كەتكەن بىر كۈندەكلا تۇيۇلىدۇ. بۇ پەقەت ئىنساننىڭ ھازىردا ھېس قىلغان تۇيغۇسىدۇر. ئەمما قىيامەت كۈنى ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغاندا بۇنى ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا ھېس قىلىدۇ. قۇرئان كەرىمدە :" قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنى يىغىدۇ، كۈندۈزدە ئازغىنە ۋاقىت تۇرغاندەك قىسقا بىلىنىدۇ، ئۇلار ئۆز - ئارا تونۇشىدۇ" دەيدۇ. بۇ ھېس قىلىش يەر يۈزىدە مەڭگۈ تۇرىمىز ياكى ئاقىۋىتىمىز تۇپراق بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، دەپ گۇمان قىلىدىغانلار ئۈچۈن قاتتىق ئەلەم بولىدۇ. بۇ مۇشۇ دۇنيانىڭ كۈنلىرىنى ئاخىرەتنىڭ كۈنلىرىگە سېلىشتۇرغان ۋاقىتتىكى سەمىمىي سېزىم. لېكىن ئۇ يېتىپ قوپۇپ ياكى يەپ - ئىچىپ، چارچاپ دەم ئېلىپ، ئەتىگەن، كەچ، كۈن، ئاي ۋە يىللارنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتكەن دۇنيادىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئالدىغۇچى ۋە ئازدۇرغۇچى سېزىم. ئىنسان بۇنى سېزىپ تۇرۇپ يەنىلا ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى غەپلەتتە زايا قىلىدۇ. بېشىغا ئېغىر كۈنلەر ياكى ئۆلۈم سائىتى كەلگەنگە قەدەر بىخۇتلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ھاياتى ئاخىرلىشىپ ھەممە ئىش قولىدىن كەتكەن ۋاقىتتا ھوشىنى تاپىدۇ. بۇنىڭ نېمىگە پايدىسى بولسۇن؟! "ئەقىللىق كىشىلەر ۋاقىتنى قەدىرلەيدۇ
ئابدۇلكېرىم ھاجىم ۋاقىتنى قەدىرلەش ھەققىدە يەنە مۇنداق دېدى:" ئۆزىنىڭ پايدا - زىيىنىنى بىلىدىغان، ئەقىللىق كىشىلەر چوقۇم ۋاقىتنى قەدىرلەيدۇ. چۈنكى ۋاقىت ئۇنىڭ ھاياتى. ئەگەر ئۇ ۋاقتىنىڭ قولدىن كېتىشىگە يول قويسا، ئۇنى ئەرزىمەس ئىشلار بىلەن بىھۇدە ئۆتكۈزىۋەتسە، نادانلىق بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانغا ئوخشاش بىلىدۇ. ئىنسان تىنىمسىز ھالدا ئالدىغا ئىلگىرىلەپ مېڭىۋاتىدۇ. پەلەكنىڭ ھەر بىر ئايلىنىشى ئۇزۇن يولدىكى باسقۇچلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان يېڭى بىر تاڭدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىنساننىڭ مانا بۇ ھەقىقەتنى چۈشىنىپ ئۇنى كۆز ئالدىدا ئايان بولۇۋاتقاندەك سېزىشى، ئىلگىرى بولغان ۋە كېيىن بولىدىغان ئىشلار ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشى ئاقىلانىلىق ئەمەسمۇ؟!"ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ
ئابدۇلكېرىم ھاجىم يەنە مۇنداق دېدى:" كىشىنىڭ ۋاقىت مېڭىۋاتقان بولسىمۇ، ئۆزىنى توختاپ تۇرغاندەك ھېس قىلىشى ئۇنىڭ ئالدانغانلىقىدۇر. بۇ خۇددى پويىزدا ئولتۇرغان يولۇچىنىڭ ئۆزىنى جىم تۇرغاندەك پەقەت سىرتتىكى شەيئىلەرلا مېڭىۋاتقاندەك سەزگىنىگە ئوخشايدۇ. ئەمەلىيەتتە ۋاقىت ئىنسان خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن، ئۇنى مەجبۇرىي ھالدا ھامان كۆزلىگەن نىشانغا ئاپىرىپ تاشلايدۇ. مۇسۇلمانلار ۋاقىتنىڭ قەدرىنى ياخشى بىلىدۇ. ئۇلار " ۋاقىت قىلىچقا ئوخشايدۇ، سەن كەسمىسەڭ، سېنى ئۇ كېسىدۇ" دېگەن ھەقىقەتنى ياخشى بىلىدۇ. بىر ھەدىستە:" بەندىنىڭ قەدىمى قىيامەت كۈنىگە قويۇلىشىغىلا تۆت نەرسىدىن سوئال قىلىنىدۇ: ئۆمرىنى نېمە بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكىدىن، ياشلىقىنى نېمە ئىش بىلەن تۈگەتكەنلىكىدىن، مال - دۇنيانى قانداق يول بىلەن تاپقانلىقى ۋە ئۇنى نېمىگە ئىشلەتكەنلىكىدىن، ئۆگەنگەن بىلىمىگە قانداق ئەمەل قىلغانلىقىدىن سوئال - سوراق قىلىنىدۇ" دەپ كەلگەن.""ئاددىيسى، كۆزلەر ۋاقىتنىڭ چەكلىك تەسىرىنى يۈزەكى كۆرۈشتىلا كۆرىدۇ. ئەمما ۋاقىت چىرايلارغا قورۇق، بەدەنلەرگە ئاجىزلىق، چاچ ۋە ساقاللارغا ئاقلىق ئېلىپ كېلىش بىلەن بىللە ئاخىرى ئەجەلنىمۇ چاقىرىپ كېلىدۇ. ۋاقىتنى يۈرۈشىدىن توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. ئىنسان قۇدرىتى ئۇنى ئارقىغا چېكىندۈرەلمەيدۇ. ئۇ مەدەنىيەت ۋە گۈللىنىشلەرنى خارابلاشتۇرغان ھالدا ئۆزىنىڭ ئاجايىب قۇدرىتى بىلەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ. مانا بۇ - ۋاقىت. مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزى بىلىم ئېلىش، ئىجاد قىلىش، مىللىتى ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەش، ياخشى ئىشلارنى قىلىش، ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان ياخشىلىقلارنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئەقىللىقلارنى ئويغىتىش پەيتىدۇر ."
"دېمەك، بۇ ھاياتلىق مۇساپىسى ئۇزۇن مۇسابىقىلەرگە تەييارلانغان مەيدان بولۇپ، ۋاقىتنى قەدىرلەشنى بىلگەنلەر ۋە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ قىلىشقا تېگىشلىك بولغانلارنى جايىدا ئورۇنداپ ، نەتىجە يارىتىش بىلەن ئاللاھنى ۋە خەلقىنى مەمنۇن قىلالايدىغانلار ئۇتۇپ چىقىدىغان مۇسابىقىدۇر."