ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىشسىز قېلىش ئالدىدا تۇرماقتا
2006.05.01
يېقىندا خىتاينىڭ مائارىپ مىنىستىرى ۋاڭ شۈمىن مەملىكەت ئىچىدىكى 448 مىڭ رەسمىيلەشمىگەن ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى پات ئارىدا خىزمەتتىن چېكىندۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. گەرچە ئۇ سۆزىدە مەزكۇر قارارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ۋاقتىنى ئېنىق دېمىگەن بولسىمۇ، بۇ گەپ ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىشى بىلەن، جەمئىيەتتە قاتتىق غۇلغۇلا بولۇپ، كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
رەھىمسىز بىر قارار
كۆپلىگەن كىشىلەر خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قارارىنى "ناھايىتى رەھىمسىز بىر قارار" دەپ تەكىتلەپ، يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ يېزا مائارىپىغا سالغان مەبلىغى ئەزەلدىن ناھايىتى ئاز بولۇپ كەلگەن ئىدى، شۇڭا يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئىنتايىن كەم. مۇشۇنداق شارائىت ئاستىدا، ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچىلار ئۆز مەنپەئەتىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، يېزا مائارىپى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر دېگىدەك پىداكارلىق بىلەن جاپالىق ئىشلىگەن. ئۇلار ئايلىق مائاشى رەسمىيلەشكەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە تۆۋەن بولسىمۇ،يەنىلا ئىرادىسىدىن ۋاز كەچمەي ئۆز ھاياتىنى ئوقۇغۇچى تەربىيىلەش خىزمىتىگە بېغىشلىغان. مانا ئەندى ھۆكۈمەت يېزا مائارىپىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشى كېرەك، يېزا مائارىپىنى ھەقسىز قىلىش كېرەك دەپ تەكىتلەۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇلارنىڭ يەنە مەزكۇر رايونلاردا ئىشلەۋاتقان ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچىلارنى پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈش كېرەك دېگەنلىكى ناھايىتى يۈزسىزلىك قىلغانلىق " دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.
بېرىلىدىغان ھەق تۆۋەن
مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، مەيلى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى يېزا مەكتەپلىرىدە بولسۇن ياكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا مەكتەپلىرىدە بولسۇن، ۋاكالەت دەرس بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت شارائىتى ئىنتايىن جاپالىق ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەر ئايدا ئېلىۋاتقان مائاشى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ كەلگەن. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەر رايونىنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدا 35 يىل ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان بىر ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ مەزكۇر يېزىدا 20 نەچچە يىل خەلق ئوقۇتقۇچىسى يەنى ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەنلىكىنى ھەمدە ئەڭ دەسلەپتە ئېيىغا 8 يۈئەن، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئېيىغا 45 يۈئەن ئېلىپ ئىشلىگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر يېزىدا ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ نۇرغۇن ئوتتۇرا تېخنىكوم پۈتتۈرگەن ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سىنىپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەپتىسىگە 18 سائەتتىن 22 سائەتكىچە دەرس بېرىدىكەن. گەرچە ئۇلار رەسمىيلەشكەن ئوقۇتقۇچىلارغا ئوخشاش جاپالىق ئىشلىگەن بولسىمۇ، ھەر ئايدا ئالىدىغان مائاشى ئاران 240 يۈئەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ئىنتايىن قىيىنچىلىقتا ئىكەن.
ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشتىن بوشىتىشقا بولغان نارازىلىق
خىتاي مائارىپ مىنىستىرى ۋاڭ شۈمىننىڭ 448 مىڭ ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچىنى پۈتۈنلەي ئىشتىن بوشىتىش كېرەك دېگەن سۆزى پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەملىكەت ئىچىدىكى مەتبۇئاتلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان.
مەتبۇئات مۇخبىرلىرى خىتاي مائارىپ مىنىستىرى ۋاڭ شۈمىندىن "شۇ قەدەر كۆپ ساندىكى ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچىلار بىردىنلا خىزمەتتىن ھايدالسا، ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشىغا ۋە شۇنداقلا ھوقۇق مەنپەئەتىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك" دەپ سورىغىنىدا، مائارىپ مىنىستىرى بولغان ۋاڭ شۈمىن "ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچىلار ھېچقاچان قانۇنلۇق يوللار ئارقىلىق رەسمىيەت بېجىرمىگەن. ئۇلار مەكتەپ ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئىشلەشتە، مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ رۇخسىتىسىز يەنى قانۇنسىز ھالدا ئىش بېجىرگەن" دەپ جاۋاب بەرگەن.
ۋاڭ شۈمىننىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن بۇ جاۋابى كىشىلەرنى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن. خىتاينىڭ شىنخۇئا تور بېتىدە " ئەگەر ۋاڭ شۈمىننىڭ دېگىنىدەك بولغاندا، يىللاردىن بۇيان مىڭلىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىۋاتقان يېزىلاردىكى رەسمىيلەشمىگەن ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار بولۇپ ھېسابلىنامدىكەن ؟! بۇ بەكمۇ يۈزسىزلىكقۇ ! بىر مائارىپ مىنىستىرىنىڭ ئاغزىدىن بۇنداق گەپنىڭ چىقىشىغا پەقەتلا ئىشەنگۈمىز كەلمەيدۇ" دېگەندەك نارازىلىق پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بىر قىسىم تورداشلار ۋاڭ شۈمىننىڭ دېگەنلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ" مائارىپ مىنىستىرلىقى تارىخنى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، ئەڭ جاپالىق ۋاقىتلاردا 'خەلق ئوقۇتقۇچىسى' دېگەن شەرەپلىك نام بىلەن بىكارنىڭ ئورنىدا قۇلدەك ئىشلىتىپ، ئەندى شارائىت سەل ياخشىلاشقاندا ھەممىنى بىردىنلا ئىنكار قىلىش بەكمۇ ئادالەتسىزلىك بىر ئىش. مائارىپ مىنىستىرلىقى تارىخنى ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئەمەلىي ئەھۋاللارنىمۇ كۆزدە تۇتۇشى كېرەك. ئەگەر 400 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىنى بۇ خىل ئاددى ئۇسۇل بىلەن بىردىنلا ئىشتىن بوشىتىۋەتسە، بۇ ئىش پەقەت مائارىپ ساھەسىگىلا تەسىر يەتكۈزۈپ قالماي بەلكى جەمئىيەتتە زور مۇقىمسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ" دەپ كۆرسەتمەكتە.
ئۇزۇن يىل مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگەن سىدىق ھاجى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ۋەتەندىكى چېغىدا بىر مەزگىل ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەنلىكىنى ئەسلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي مائارىپ مېنىستىرى ۋاڭ شۈمىننىڭ 448 مىڭ ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچىنى پۈتۈنلەي ئىشتىن بوشىتىش كېرەك دېگەن سۆزىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا ئىقتىدارلىق كىشىلەر كەم بولماقتا
- ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى ئىشسىز قالماقتا
- خىتايدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى بارغانسېرى تەسلەشمەكتە
- تېخىمۇ كۆپ خىتايلار ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ خىزمەت ئىزدىمەكتە
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپنىڭ سۈپىتى ناچار بولماقتا
- كېڭەيتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تېخىمۇ كۆپ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشسىز قالدۇرماقتا
- خىتاي نوپۇسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق ھەم كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ناچارلاشماقتا