خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىدىن قورقتى

خىتاي بىلەن ياۋرۇپا بىرلىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، خىتاي تەرەپ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىق شەرتىنى قويدى. غەرب ئاخبارات ساھەسى خىتاي ۋە بېريۇسسېل دائىرىلىدىن قاتتىق نارازى بولدى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2012.09.21


رويتېرس، گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ۋە فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 20 - سىنتەبىردىكى خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى كۈنلۈك سۆھبەت ئۈچۈن بېلگىيە پايتەختى بېريۇسسېلغا يېتىپ كەلگەن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، 20 - سىنتەبىر كۈنى ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، ئەگەر مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىسا، بۇ سۆھبەتتىن باش تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باش شىتابى بېريۇسسېلدىكى خەلقئارا ئاخبارات جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تەرەپ مۇخبىرلارنىڭ پەقەت ئىككىلا سوئال سورىشىغا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى شەرت قىلغان. ياۋرۇپا بىرلىكىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار، خىتاي تەرەپنىڭ يەنە بۇ قېتىمقى يىغىنغا كەلمەكچى بولغان 15 نەپەر ياۋرۇپا مۇخبىرىنىڭ تىزىملىكىنى بېرىشىنى ۋە ئۇلارنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈش شەرتىنىمۇ قويغان. بۇنىڭ بىلەن ياۋرۇپا بىرلىكى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا مۇخبىرلارغا خىتاي باش مىنىستىرىدىن سوئال سوراش پۇرسىتى بەرمەسلىكنى قارار قىلغان.

بۇندىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى تەرەپ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى جەريانىدىمۇ ئوخشاش ئەھۋال يۈز بەرگەن. مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولغاندا، خىتاي تەرەپ سەھنىگە چىققىلى ئۇنىمىغان. سەۋەبىنى سورىغاندا، «بۇ مۇخبىرلارنىڭ ئارىسىدا چەتئەلدىكى مۇستەقىل خىتاي قەلەمكەشلىرى، جۇڭگوغا قارشى مەيداندىكى كىشىلەر، تىبەت مەسىلىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئوخشاش نازۇك تېمىلارنى سورايدىغان مۇخبىرلار باركەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەت جەريانىدا مۇخبىرلارنى قوبۇل قىلغان بولسا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىلىق سورالغان سوئاللارغىمۇ جاۋاب بېرىش مەجبۇرىيىتىدە قېلىشى مۇمكىنلىكىنى، چۈنكى د ئۇ ق نىڭ بۇ جەھەتتە بىرقانچە ئايدىن بېرى پائال ھەرىكەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپىئەتنى دەپ، خىتاينىڭ يولسىز شەرتلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ بۇ قېتىمقى ياۋرۇپا زىيارىتى خىتاي - ياۋرۇپا بىرلىكى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ 2 - قېتىملىق سودا كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بولۇپ، ۋېن جياباۋنىڭ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى رەت قىلىشى ئاخبارات ساھەسىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. ياۋرۇپا بىرلىكى دائىرىلىرى 19 - سىنتەبىر كۈنى بايانات بېرىپ، بۇ قېتىمقى ئىككى تەرەپ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدا خىتاي تەرەپنىڭ شەرتىنى سەۋەبلىك مۇخبىرلارنىڭ قاتنىشىشى چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گېرمانىيە پارلامېنت ئەزاسى گېرنور ئېرلېرنىڭ مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ بۇ ئىشىدىن، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ قايغۇسىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ، يەنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ناھايىتى ئېغىر بىر ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمەكتە. ۋېن جياباۋ ئەمەلىيەتتە مۇنداق ئۈچ سوئالدىن ئەڭ قورققان؛ بىرى، بو شىلەي ۋەقەسى، ئىككىنچىسى، بولغۇسى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى ھەپتە غايىپ بولۇپ كېتىش ۋەقەسى، ئۈچىنچىسى، ئاللىبۇرۇن داۋرىڭى پۇر كەتكەن 18 - قۇرۇلتاينىڭ زادى قاچان ئېچىلىدىغانلىقى. مانا بۇ ئۈچ مەسىلە، خىتاي مەركىزى كومىتېتىدىكىلەرنىڭ ئىچكىي قىسمىدا كەسكىن كۈرەش بولۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بېرىدىغان بولۇپ، ھوقۇقىدىن ئايرىلىش ئالدىدا ئاخىرقى قېتىم ياۋرۇپا بىرلىكىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ۋېن جياباۋنىڭ بۇنىڭغا جاۋاب بەرگىدەك ماجالى يوق.

10 يىلدىن بۇيان، خىتاي بىلەن ياۋرۇپا بىرلىكىگە ئازا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىقتىسادى كېلىشىمنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 430 مىليارد دوللاردىن ئارتقان بولۇپ، ياۋرۇپا بىرلىكى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى ھېسابلىنىدۇ. ياۋرۇپادا يۈز بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي كرىزىسنى ئەڭ چوڭ پاي چېكى زاپىسىغا ئىگە بولغان خىتاينىڭ ياردىمى ئارقىلىق مەلۇم دەرىجىدە ھەل قىلىش ئۈمىدىدە بولغان ياۋرۇپا بىرلىكى، خىتاي تەرەپنىڭ بەزى شەرتلىرىگە ھەقسىز بولسىمۇ يول قويماقتا. خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ 20 - سىنتەبىر كۈنى ئىككى تەرەپ سۆھبىتى باشلانغاندا سۆز ئېلىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە يۇقىرى باھا بەرگەن. ئارقىدىن، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قارىتا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، خىتاينى بازار ئىگىلىكىگە ئۆتكەن دۆلەت، دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان. مەلۇمكى، 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمىن ۋەقەسىدىن كېيىن، ياۋرۇپا بىرلىكى خىتايغا ئىلغار ھەربىي تېخنىكا ۋە قورال - ياراق ئېكىسپورت قىلىشنى چەكلەپ كەلگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.