ۋېن جياباۋ تەخىتتىن چۈشەمدۇ ؟
10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تايمىس گېزىتىدە ئېلان قىلىنىپ، خوڭكوڭدا چىقىدىغان ئېچىۋېتىش ژۇرنىلىغا كۆچۈرۈپ بېسىلغان " نەزىرىيىچىلەر ۋېن جياباۋغا قورشاپ ھۇجۇم قىلماقتا" ناملىق ماقالىگە ئاساسلانغاندا، ئولىمپىكتىن كېيىن خىتاي مەركىزى كومىتېتىدىكى كوممۇنىستلار گۇرۇھى بىلەن سىياسىي ئىسلاھاتچىلار تەرەپدارلىرى ئارىسىدا كەسكىن توقۇنۇش يۈز بېرىشكە باشلىغان.
-
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2008-10-22 -
-
-
ﻣﯧﺮﻛﯧﻞ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﯞﯨﻦ ﺟﻴﺎﺑﺎﯞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ.
AFP Photo
Your browser doesn’t support HTML5 audio
كوممۇنىستلار گۇرۇھىنىڭ ھۇجۇم نىشانى خىتاينىڭ ھازىرقى باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بولغان.
خىتاينىڭ ئىچكىي قىسمىدىكى زىددىيەت
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ۋېن جياباۋ قىسقا مۇددەت ئىچىدە تەخىتتىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئورنىنى خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ ياكى مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچىئاڭ ئىگىلەيدىكەن. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: "خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ئولىمپىكتىن كېيىنكى يېڭى ھەرىكەت نىشانى: كوممۇنىستلار گۇرۇھى بىلەن سىياسىي ئىسلاھاتچىلار تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدا خىتاينىڭ كەلگۈسى ئۈستىدە كەسكىن كۈرەش ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت بولماقتا."خەۋەردە، خىتاي مەركىزى كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن خەلق گېزىتىدىكى كوممۇنىستلار گۇرۇھى تەرەپدارلىرىنىڭ ۋېن جياباۋنى ئاشكارا ھالدا غەربنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاراشلىرىغا ھېسداشلىق قىلدى دەپ ئەيىبلەشكە باشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ۋېن جياباۋنىڭ خاتالىقى
خىتاي مەركىزى كومىتېتى ئىچىدىكى ئەۋجىگە چىقىۋاتقان ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىدە، كوممۇنىستلار گۇرۇھىنىڭ ۋېن جياباۋغا قارشى تۇرۇشتا دەسمايە ئورنىدا تۇتۇۋالغىنى، ئۆتكەن يىلى بېيجىڭدا چاقىرىلغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ بىرلەشمە يىغىنىدا ۋېن جياباۋنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى بولغان.بۇ يىغىندا ۋېن جياباۋ مۇنداق دېگەن: "ئىلىم - پەن، دېموكراتىيە، قانۇن - تۈزۈم، ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىقلار يالغۇز كاپىتالىزىمنىڭلا مۈلكى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخى تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئورتاق ئىنتىلگەن قىممەت قارىشى ۋە ئورتاق ياراتقان مەدەنىيەت مېۋىسىدىن ئىبارەت."
ھۇجۇم نىشانى ۋېن جياباۋ
ۋېن جياباۋنىڭ بۇ پىكىر ئارقىلىق ئالغا سۈرگەن ئىدىيىسى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىدىن يالغۇز كاپىتالىزم دۇنياسىدىكى ئىنسانلارلا ئەمەس، بەلكى خەلقىمىزنىڭمۇ بەھىرلىنىش ھوقۇقى ۋە ھەققى بار دېگەندىن ئىبارەت بولغان. ئەمما بىر پارتىيىلىك مۇستەبىت تۈزۈمنى مەڭگۈ داۋام قىلدۇرۇش شىرىن خىيالىدا ياشاۋاتقان، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقتىن ئۆلگۈدەك قورقۇدىغان كوممۇنىستلار گۇرۇھى، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدا ئەمەلگە ئاشقان كۈنى، كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ زاۋال تاپقان كۈنى بولىدۇ دەپ قاراپ، مەركىزى كومىتېتىدىكى سىياسىي ئىسلاھاتچىلار تەرەپدارلىرىغا قارشى كۈرەشنى كۈچەيتكەن.بۇنىڭ ئۈچۈن، بىرىنچى بولۇپ خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنى تەخىتتىن چۈشۈرۈش كۈرىشىنى باشلىغان. كومپارتىيىنىڭ تەشۋىقات قورالى بولغان خەلق گېزىتى، ئولىمپىك ئاخىرلىشىپلا "خىتايدا بەزىلەر غەرب دۆلەتلىرى ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاپ بەرمەكتە" ناملىق مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، تىغ ئۇچىنى ۋېن جياباۋغا قاراتقان.