ۋيېتنام ئەسكەر ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغان ھامان، خىتاي جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى تىنچ ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى

ۋيېتنام جەنۇبىي دېڭىزدا ئېلىپ بارغان ھەربىي مەشىقنى تۈگىتىپ، ئەسكەر ئېلىش بۇيرۇقى چىقىرىشى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ تىنچ ھەل قىلىش تەكلىپىنى رەت قىلغان خىتاي، ئەمدىلىكتە تىنچ ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

0:00 / 0:00

خىتاي بىلەن ۋيېتنامنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى تەۋەلىك تالاش-تارتىشى جىددىيلىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ۋيېتنام باش مىنىستىرى نگويەن فونيون پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەسكەر چاقىرىش بۇيرۇقى ئىمزالىدى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ، ۋيېتنامنىڭ 1979‏-يىلى خىتاي قوزغىغان ئۇرۇشقا تاقابىل تۇرغاندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغان مەملىكەت بويىچە ئەسكەر ئېلىش چاقىرىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جىم ۋەب تۈنۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە خىتايغا قارىتا خۇددى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدەك زەئىپ ئىنكاس قايتۇرماي، بەلكى خىتاينى كۈچلۈك تەلەپپۇزدا ئەيىبلەپ ۋە سۆكۈپ ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينى جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى سۆھبەت بىلەن تىنچ ھەل قىلىشقا تەشەببۇس قىلغان ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشلارنى سۆھبەت بىلەن تىنچ ھەل قىلىش تەشەببۇسىنى دەرھال رەت قىلغان ۋە ئامېرىكىنى زىددىيەتلەرنى كەسكىنلەشتۈرۈۋاتىدۇ، دەپ تەنقىدلىگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن، گېپىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، تالاش-تارتىشلارنى تىنچ ھالدا سۆھبەت بىلەن ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

بوشۈن تور گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋيېتنامدىن كېيىن، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قارىتا قوللانغان مۇئامىلىسىدىمۇ، يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولدى. فىلىپپىن پرېزىدېنتى ئاكىنو، بۈگۈن مانىلاردا قىلغان سۆزىدە، خىتاي «جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى» دەپ ئاتاۋاتقان بۇ رايوننىڭ نامىنى «فىلىپپىننىڭ غەربىي دېڭىزى» غا ئۆزگەرتتى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە فىلىپپىننى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى توماس بۈگۈن يەنە مانىلاردا، فىلىپپىن ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك سەپدىشى، ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىزدىكى سپراتىل ئاراللىرى مەسىلىسىدە فىلىپپىن تەرەپتە تۇرىدۇ ۋە فىلىپپىننى قوغدايدۇ، دەپ جاكارلىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ئۈچىنى ئۆزىنىڭ دەپ ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان تەيۋەنمۇ بۈگۈن، جەنۇبىي دېڭىزدا ھەربىي مەشىق ئۆتكۈزۈش پىلانىنى ئېلان قىلدى.

خەرىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاي ئۆزى «خىتاي دېڭىزى» دەپ ئاتىۋالغان بۇ رايون تىنچ ئوكياننىڭ بىر قىسمى، ئۇ خىتاينىڭ جەنۇب تەرىپىدە، ۋيېتنامنىڭ شەرق تەرىپىدە، فىلىپپىننىڭ غەرب تەرىپىدە، ھىندونېزىيىنىڭ شىمالىدا، مالايشىيانىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىدە، تەيۋەننىڭ شەرقىي شىمالىدا، سىنگاپور ۋە مولوككا بوغۇزىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا، ئومۇمى يەر كۆلىمى 350 كۋادرات كىلومېتىر. پاراسىل ئاراللىرى ۋە سپراتىل ئاراللىرى جايلاشقان بۇ دېڭىز رايونى خىتايغا ئەڭ يىراق.

ب ب س ئەركىن مۇنازىرە بېتىگە بۈگۈن خىتايدىن يوللانغان بىر ئوبزوردا، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ قايسى بىرىگە بېرىپ ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ياكى قوغداپ باقمىدى. پەقەت ئېغىزدىلا، ئۆزىنىڭ دېڭىز تەۋەسى، دەپلا قويدى، خالاس. باشقا دۆلەتلەر جەنۇبىي دېڭىزدا ئىقتىسادىي رايون قۇرۇپ، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىغان ئىدى، ئەمدى مىراسخور ئەمەلدارلار ئۇنىڭغا ئىگە چىقىپ، باشقىلار ياراتقان بايلىقلارنى بۇلاڭ-تالان قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ، دەپ بايان قىلىنغان.

يەنە بىرىدە، خىتايدا ئەمەلدارلار ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئەبگارلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، تۆت ئەۋلادنىڭ ئىچىدە، تۆتىنچىسى ئەڭ ئەبگار، ئەڭ ۋەھشىي دەپ كۆرسىتىلگەن.