خەلقئارا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ كۈنسىرى يامانلىشىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارادىكى ئوخشاش بولمىغان ئورگان ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار بۇرۇندىن تارتىپ ئىچ دۇنيالىرىغا يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان سۈكۈتلىرىنى بۇزۇشقا باشلىدى.

0:00 / 0:00

بۇ قاتاردا، 4 - ئاۋغۇست كۈنى، خەلقئارا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىدىن جىددىي شەكىلدە بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.

خەلقئارا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى پروفېسسور، دوكتور مۇھەممەد سەلىيم ئەلئەۋۋانىڭ ئىمزاسى بىلەن ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتىغا ۋە پۈتۈن مەتبۇئاتلارغا تارقىتىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: `سەۋەبنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا ئىزچىل شەكىلدە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بېسىملار نەتىجىسىدە ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ھۇجۇم قىلىشنى، مۇخبىرلارنى، چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنى قاچۇرۇشنى پىلانلىغان دېگەن باھانە بىلەن 82 ئۇيغۇرنى قولغا ئالدى، بۇ نۇقتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بېسىم سىياسىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى لازىم.`

شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان 8 مىليون ئەتراپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىزچىل ۋە جىددىي ھالدا ياردەمگە مۇھتاج ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، خەلقئارا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى بارلىق ئەزالىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئۈزلۈكسىز تەقىپ قىلىشىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى پائالىيەتلىرىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشنى، خەلقئارادىكى مۇسۇلمان رەھبەرلەر ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىشىنى تەلەپ قىلدى ۋە شۇنداق قىلغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا قىلىدىغان مۇئامىلىلىرىنى ئۆزگەرتىش يولىدا نەتىجىگە ئېرىشىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بارلىقى تەكىتلەندى.

دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى مەزكۇر باياناتىدا ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى باش كاتىپى ئەكمەلەددىن ئىھسان ئوغلۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا ئىنسانلىققا مۇناسىپ كېلىدىغان شەكىلدە مۇئامىلە قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۈستىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش يولىدا كېرەكلىك تەلىمات ۋە قارارلارنى ئېلىشى ۋە قولىدىن كېلىشىچە كۈچ چىقىرىشقا چاقىردى.

باياناتتا يەنە ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ ئىسلام كونفىرېنسىيىسغا ئەزا دۆلەتلەرنى خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىنى چىقىش قىلغان ھالدا بارلىق كۈچى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى ھىمايە قىلىشقا چاقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ۋە بۇنداق قىلىشنىڭ بىر دىنىي مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈن ھەدىسلەر مىسال كەلتۈرۈلگەن.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: `خەلقئارا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى بۇ مەسىلىنى ئىزچىل كۈزىتىدۇ ۋە بۇ نۇقتىدا ھەر خىل ئورگانلار، تەشكىلاتلار، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە خەلق ئاممىسى بىلەن ھەمكارلىشىدۇ.`

باش شىتابى ئىرلاندىيىنىڭ دۇبلىن شەھرىگە ئورۇنلاشقان خەلقئارا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى تەشكىلاتى 2004 - يىلى قورۇلغان بولۇپ، ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئالىم ۋە مۇتەپەككۇرلاردىن دوكتۇر يۇسۇف ئەلقەرداۋىي باشلىق 47 كىشى بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىدارە ھەيئىتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ 100 گە يېقىن دۆلەتتە ئىلمىي ساھەدە كۆزگە كۆرۈنگەن 499 ئەزاسى بار.

ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۇ تەشكىلات ئېلان قىلغان بۇ بايانات خەلقئارادا قانداق كۈچكە ئىگە؟ بۇنداق خەلقئارادا تەسىرگە ئىگە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى نېمىنىڭ ئىپادىسى؟

بۇ ھەقتە كۆزقارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تەتقىقاتچى ژورنالىست ۋارىسجان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.