ھەرقايسى خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىدىن سىرت، نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى، ۋال سېترىت گېزىتى ژۇرنىلى قاتارلىق نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللاردىمۇ يۇقىرىدىكى سوت ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلدى.
خىتاينىڭ خوتەن ۋە قەشقەردىكى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قىسقىغىنە بىر ئاي ئىچىدە خوتەن ناۋاغ ۋەقەسى ۋە قەشقەر يېڭى بازار ۋەقەسىگە چېتىشلىق كىشىلەردىن 4 ئىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، قالغان ئىككىسىنى 19 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىق خەۋىرى دەسلەپتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى بولغان تەڭرىتاغ خەۋەرلىرى ئارقىلىق ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن چەتئەللەردىكى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭمۇ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەر رويتېرس ئاگېنتلىقى، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، فرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق مۇھىم خەلقئارا ئاگېنتلىقلارنىڭ سىرتىدا يەنە ئامېرىكىدا چىقىدىغان نيورك ۋاقتى، خاففىڭتون پوچتىسى، ۋاشىنگتون پوچتىسى، ۋال سىترىت ژۇرنىلى قاتارلىق داڭلىق خەلقئارالىق مەتبۇئاتلار بىلەن بىرلىكتە يەنە ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم يەرلىك گېزىتلەردىمۇ ئېلان قىلىندى.
يۇقىرىدىكى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە ئالاھىدە دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، يۇقىرىدىكى خەۋەرلەردە جازاغا تارتىلغان 6 ئۇيغۇرنىڭ سوت تەرتىپىنىڭ قانۇنىيلىق مەسىلىسى ئالاھىدە بەك يورۇتۇلغان. بۇنىڭدا مەتبۇئاتلار چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىنىڭ ئالىي ئورگىنى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەزكۇر سوت ھەققىدىكى بايانىغا ئالاھىدە يەر بېرىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنى قىسقىغىنە بىر ئاي ئىچىدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ قانۇنىي ئەمەس، بەلكى بىر سىياسىي قارار ئىكەنلىكى ۋە بۇ ئۇيغۇرلارغا سوتتا ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بېرىلمىگەنلىكى، ئۇلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىدەك نوقتىلار گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ ئۆزى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي، دىنى سىياسەتلىرى ۋە خىتاي كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتىدىن نارازى بولۇپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ، ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە كۆپ مەلۇمات بېرىپ، خوتەن ۋە قەشقەردىكى ۋەقەلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسى ھەققىدە مۇنداق دېگەن:
-خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەگە ناھايىتى تېزلىك بىلەن رەڭ بېرىپ، ئۇنى ئېتنىك مەسىلىلەردىن كېلىپ چىققان سۈركىلىش دېيىشنىڭ ئورنىغا «تېررورلۇق ھەرىكەت» دەپ ئېلان قىلدى. كېيىن ئۆزىنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى» دەيدىغان بىر تەشكىلات ھۇجۇمچىلارنىڭ پاكىستان ۋە ئافغانىستاندا تەربىيىلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. گەرچە تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ باياناتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «خوتەن ۋە قەشقەردىكى ۋەقەلەر چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچىلەر تەرىپىدىن پىلانلانغان» دەيدىغان تەشۋىقاتىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ بەرسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن مۇتەخەسسىسىلەر ۋەقەنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن تېخنىكا بىلەن ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ يۇقىرىدىكى گۇماننى يوققا چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
نيورك ۋاقتى گېزىتى خەۋىرىنى يەنە مۇنداق داۋام قىلغان:
-ئۇيغۇرلار 60 يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىگە قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈپ، تىلىنى، مەدەنىيىتىنى، دىنىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كۆچمەنلەرگە ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق نارازى. مانا بۇ نارازىلىقلار 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە ۋەقە چىقىشىغا سەۋەب بولۇپ، 200 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە يول ئاچتى. ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى قوزغاپ، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى تۈرمىگە سولىدى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان خاففىڭتون پوچتىسى گېزىتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە رايون ئىكەنلىكىدەك نۇقتىنى يورۇتقان بولۇپ، خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن:
-خوتەن ۋە قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئەڭ زور ۋەقە ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر رايونى خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە بىر رايون. شۇڭا خىتاي مول كان بايلىقى، نېفىت ۋە تەبىئىي گازغا ئىگە بولغان بۇ رايوننى قولدىن چىقىرىپ قويماسلىق ئۈچۈن جېنىنىڭ بارىچە تىرىشماقتا. رايوننىڭ مۇقىمسىزلىقىدىن ۋە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە كېلىدىغان تەھدىتتىن ئەنسىرەيدىغان خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق ھالدا بۇ تۈردىكى ۋەقەلەرنى چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرگە باغلاپ ئەيىبلەيدۇ. ھەتتا ئۇلارنى ئەلقائىدە تەشكىلاتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللىتان كۈچلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بار، دەپ قارىلايدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسىلەر ۋەقەنىڭ بۇ خىل تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسى بارلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدۇ.
خاففىڭتون پوچتىسى خەۋىرىردە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ۋە بۇ ئىككى قېتىملىق ۋەقەنىڭ جەريانى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلارنى بەرگەن. بۇ ھەپتە ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 4 ئۇيغۇرنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر، ئامېرىكىدىكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاگېنتلىقلاردىن سىرت يەنە، باشقا ئەللەردىكى مەسىلەن، ئەنگلىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە، ئىسرائىلىيە، تۈركىيە، ھىندىستان، پاكىستان، كۇۋەيت ۋە ھەتتا تايلاند قاتارلىق ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە جىددىي خەۋەرلەر قاتارىدا ئورۇن ئالدى. بۇ خەۋەرلەردىكى بەزى مۇلاھىزىلەردە رايوندىكى ئېتنىك توقۇنۇشنىڭ سەۋەبلىرى، خوتەن ۋە قەشقەردىكى ۋەقەلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. ئۇنىڭدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى تېررورچى گۇرۇپپىلار بىلەن باغلايدىغانلىقى، ئەمما مەيلى بۇ ۋەقەلەرنىڭ تېررور گۇرۇپپىلىرى بىلەن ئالاقىسى بولسۇن-بولمىسۇن، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى يوققا چىقىرالمايدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.