مۇتەخەسسىسلەر خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشقا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.03.30
2010.03.30

AFP Photo
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن 2009 - يىللىق خەلقئارادىكى ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىللە، خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسى ھەققىدىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى 2009 - يىلى ئىچىدە خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان ئۆلۈم جازاسىنىڭ ھەقىقىي سانىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى.
خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسىغا قارىتا ئۈزلۈكسىز ئەيىبلەش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بولۇپمۇ بۇلتۇر 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان سوتلاردا 34 نەپەر ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەم دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ۋە باشقا خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرىغا بايانات بېرىپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۇ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دىلشات رىشىت ئەپەندى سۆزىدە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرنى خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشىنى توختىتىپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا چاقىردى.
خىتاي دۇنيادا ئۆلۈم جازاسى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىنىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2008 - يىلى خىتايدا 1718 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ئىكەن. ھازىر خىتايدا 60 نەچچە خىل جىنايەتكە قارىتا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىللاردا خىتايدا سىياسىي جىنايەتچىلەرگە قارىتا ئۆلۈم جازاسى بېرىش نىسبىتى بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتماقتا ئىكەن.
ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى، خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، بۇلتۇر "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتلارنى مىسالغا ئېلىش ئارقىلىق، خىتايدىكى سوتلارنىڭ خەلقئارا سوت بەلگىلىمىلىرىگىلا ئەمەس، ھەتتا خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن سوت قائىدىلىرىگىمۇ ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
"بېيجىڭ باھارى" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي مۇددىئاسى بويىچە بولۇۋاتقانلىقىنى، خەلقئارانىڭ خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىغا جىددىي قارىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: "مېنىڭچە، بىز خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىغا جىددىي مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. يەنى خىتايدا پۈتكۈل سوت جەريانى، پەقەت خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سىياسىي قارىشى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان سوت، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ھېچقاچان پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھەق - تەلەپلىرىگە ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىنى، قانۇننى پەقەت ئۆزىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتىكى ۋاسىتە قىلىۋالغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. مەسىلەن : خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇرقى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە قارىتا قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى ئۆلۈم جازاسى قاتارلىق ئېغىر جازالار بىلەن جازالىدى. بۇنىڭدا سوتلانغۇچىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن بولمىدى. مەيلى بۇلتۇرقى"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" بولسۇن ياكى 2008 - يىلدىكى "14 - مارت تىبەت ۋەقەسى" بولسۇن، ھەر ئىككىسىدىلا ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشىغا يول قويۇلمىدى. بۇنداق شارائىتتا خەلقئارا جەمئىيەت ئەلۋەتتە خىتايدىكى ئۆلۈم جازالىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. مېنىڭچە، ھازىرقى ۋەزىيەتتە خەلقئارانىڭ خىتايغا قاراتقان بېسىمى تېخى يېتەرلىك بولمىدى. غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسى ۋە تەن جازاسىغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىگە جىددىي قارىشى، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەم ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ھەق -ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان كىشىلەرگە قاراتقان ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك."
نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتلەر خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى ئۈزلۈكسىز كۆزىتىپ ۋە ئەيىبلەپ كېلىۋاتماقتا. مەسىلەن، ياۋروپا پارلامېنتى بۇلتۇر 26 - نويابىر كۈنى قارار ماقۇللاپ، "خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشنى توختات" ماۋزۇلۇق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر ۋە تىبەت سىياسىي ئاكتىپلىرىغا قاراتقان ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشنى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە شىۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئېچىلغان خەلقئارا ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش يىغىنىدىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ھەم كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا قاراتقان ئۆلۈم جازاسى ئەيىبلىنىپ، خىتايدا سىياسىي جىنايەتچىلەرگە قارىتىلغان ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.