در. خەمىت ھەمرايېف رۇس تىلىدا تۈركىي كىلاسسىك شەئىرلىرى توپلىمىنى تەييارلىماقتا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010.01.26
2010.01.26
دوكتور خەمىت ھەمرايېف ئەپەندى مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ يېقىندا تۈركىي كىلاسسىك شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، توپلاپ نەشىر قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، تەرجىمانلىق خىزمىتىنىڭمۇ مىللەت ئۈچۈن پايدىلىق ۋە ئەھمىيەتلىك ئەمگەك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
در. خەمىت ھەمرايېف 80 - يىللاردا تاشكەنت شەھىرىدە ۋاپات بولغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا تونۇلغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى، ئاكادېمىك مۇرات ھەمرايېفنىڭ ئىنىسى. ئۇ ئەدەبىياتشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە ئۇزۇن مەزگىل قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدا تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان.
رۇس، فرانسۇز، ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك تىللىرىنى ياخشى بىلگەن ھېمىت ئەپەندى يېقىندا يەنە يېڭى ئىجادىيەتكە كىرىشكەن بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر كىلاسسىك شائىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مەشھۇر تۈركىي كىلاسسىك شائىرلىرىنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى توپلاپ، رۇس تىلىدا بىر ئانتولوگىيە تەييارلاپ نەشىر قىلىشنى پىلانلىغان. ھەمىت ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ ئەسىرى ۋە پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى.
در. خەمىت ھەمرايېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ پىلانلىرى كۆپ. ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇ ئەسەرلىرىنى ئۆز خىراجىتى بىلەن نەشىر قىلدۇرۇپ تارقاتماقتا. ئۇ تەرجىمە قىلغان ۋە ئېلان قىلغان ئەسەرلەر ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەم باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.