ئۇنى ئىللىق چىراي دېگۈچىلەرمۇ، كۈلكىسى يالغان دېگۈچىلەرمۇ بولدى. ئەمما دەسلەپكى ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، ئۇنىڭ خىتاي تور بەت قوللانغۇچىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكى ۋە خەلقئارانىڭ ئۇنىڭدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئىرادە سىلەرگە بۇ ھەقتە ئاخباراتلاردا شى جىنپىڭغا بېرىلگەن بىر قىىسم باھالارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، دۇنيادىكى 2 - چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ بولغان ۋە بۇنىڭغا ئەگىشىپ سىياسىي تەسىرىمۇ ئېشىپ بېرىۋاتقان ھەم ئوخشاش ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي، سىياسى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى سەۋەبىدىن دېموكراتىيىلىك ئەللەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ يېڭى رەھبىرى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن ئەتىگەندە تۇنجى قېتىم باش سېكرىتارلىق سالاھىيىتى بىلەن مۇخبىرلار ئالدىغا چىققاندىن بېرى، ئۇنىڭ سۆزلىگەن ھەربىر سۆزى ۋە ھەرىكىتى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ مۇلاھىزە نوقتىسى بولماقتا. ئۇنىڭ ئىلگىرىكى رەھبەرلەردىن پەرقلىق ھالدا مۇخبىرلارغا ۋە ئولتۇرغانلار قولىنى پۇلاڭشىتىشى ۋە ئاخبارات يىغىنىغا بىر سائەت كەچ قالغانلىقى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغان تەرىقىدە «سىلەرنى ساقلىتىپ قويدۇق» دېيىشى خىتاي ئىچىدىكى تور ئەھلىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئۇلار ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «ئىنسانىي» دەپ باھالىغان.
بۇ ھەقتە ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋال سترىت ژورنىلى «خىتايدىكى تور قوللانغۇچىلىرى ئادەمگە بەكرەك ئوخشايدىغان يېڭى رەھبىرىنى قارشى ئالدى» دەپ بىر مۇلاھىزە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى ۋېيبو تور بېتىدىكى تور ئەھلىنىڭ كۆزىگە شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرىدىكى سۆز - ھەرىكەتلىرى سەمىمىي كۆرۈنگەن. بەزى تور مۇلاھىزىچىلىرى خۇ جىنتاۋ 2002 - يىلى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندا سۆزلىگەن نۇتۇق بىلەن شى جىنپىڭنىڭ نۇتقىنى سېلىشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ نۇتقىنىڭ بەكرەك خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغانلىقى، ئۇنىڭ سۆزىدە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تىلغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەسىلەن، شى جىنپىڭ سۆزىدە خىتايدىكى ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىكى، خىتاينىڭ مائارىپ، خىزمەت ۋە سەھىيە خىزمەتلىرىدىكى يېتەرسىزلىكلەر ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ھەققىدە توختالغان. ئۇ شۇنداقلا ئۆزىگە ئوخشاش سىياسىي بيۇرۇنىڭ قالغان ئەزالىرىنى تىلغا ئالغاندا ئۇلارنى «خىزمەتداشلىرىم» دەپ ئاتىغان.
تورداشلار ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى باھالاپ «شى جىنپىڭنىڭ نورمال ئادەمگە ئوخشاش گەپ قىلىشى زور بىر يېڭىلىق، ئۇ خەلق ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىدىغان گەپنى قىلدى» دېگەن. يەنە بەزىلەر، شى جىنپىڭنىڭ خىتايدىكى مائارىپ مەسىلىسىنى تىلغا ئالغانلىقىنى ماختاپ «ئۇنىڭ نۇتقى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭكىدىنمۇ تەسىرلىك بولدى» دېگەن.
خىتايدىكى ئەڭ چوڭ مۇنازىرە تور بېتىدىكى ئومۇمىي كەيپىياتقا قارىغاندا، خىتاي تور ئەھلىنىڭ شى جىنپىڭ ھەققىدىكى دەسلەپكى باھاسى ئاساسەن مۇسبەت بولغانلىقتىن 18 - قۇرۇلتاي ئالدىدىكى خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن شى جىنپىڭنىڭ ئىزدەش ماتورىدىن چىقمايدىغان قىلىۋېتىلگەن ئىسمى سايلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. ئەمما ئىنتېرنېتتىكى چەكلىمىلەر يەنىلا ئاياقلاشمىغان. ۋېي بو تور بېتىدە شى ھەققىدىكى ياخشى باھالارغا قارشى چىققۇچىلارمۇ يوق ئەمەس ئەلۋەتتە. خەۋەردىن قارىغاندا، بەزى تورداشلار «ياخشى گەپ قىلغان بولسا نىمە بوپتۇ، پارتىيە مەنپەئەتى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان يەردە ياخشى سۆز نېمە ئۆزگەرتەلەيتتى»دېگۈچىلەرمۇ ۋە بولدى ئەمدى رەھبەرمۇ ئالمىشىپمۇ بولدى، قۇرۇق گەپنى قويۇپ، ئالدى بىلەن ئىنتېرنېتنى ئېچىۋەتسۇن قېنى، دېگۈچىلەرمۇ بولغان.
شى جىنپىڭنىڭ قانداق بىر سىياسىي تۈزۈم يۈرگۈزىدىغانلىقى مەسىلىسىدە بولسا، كۆز قاراشلار ئاساسەن بىردەك. كۆزەتكۈچىلەر شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتتە ئىلگىرىكىدىن كۆپرەك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىچە، كومپارتىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا قانچىلىك بۆلۈنۈش ۋە كۈرەشلەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،خىتاي رەھبەرلىرى دېموكراتىيىگە قارشى تۇرۇشقا كەلگەندە دەرھال بىرلىشىپ، ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە تىل بېرىكتۈرۈپ كەلگەن. شۇڭا شى جىنپىڭغا قارشى تۇرغۇچىلار ئىچكى قىسىمدا بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ھەممىسى دېموكراتىيىگە قارشى تۇرۇشتا بىرلىككە كېلەلەيدىكەن.
يەنە بەزى مۇلاھىزىچىلەر بولسا، شى جىنپىڭ دەۋرىدە خىتاي رەھبەرلەردىكى چىرىكلىكنىڭ تېخىمۇ ئېشىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ چەكسىز ھوقۇقى ئۇنىڭغا قارشى گۇرۇھتىكىلەرنى نورمال بولمىغان ۋاستىلەر ئارقىلىق يۇقىرىغا ئۆرلەشكە مەجبۇرلاپ، يولسۇزلۇقنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
ۋال سترىت ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان يەنە بىر مۇلاھىزىدە سىياسىي ئىسلاھاتنىڭ بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىغا بېرىلگەن جاۋاب ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇ تالاش - تارتىش «خىتايغا ئۆزگىرىش ھامان يېتىپ كېلىدۇ. يەنى قاچان خىتاي سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش ئىقتىسادتا ۋە سىياسەتتە چىقماس بىر يولغا كىرىپ قالغاندا ۋە بېيجىڭ ئۆزىنىڭ گورباچېفىنى تاپقاندا» دەپ خۇلاسە قىلىنغان.
0:00 / 0:00