ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىلغان مەخسۇس سۆزىدە ئىككى يىل جەريانىدا «ئۇيغۇر ئېلىدە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچىمىز ئاشتى» دېدى. ئەمما ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئىككى يىلدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى بېسىمنىڭ ھەسسىلەپ ئاشقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدا شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى چاقىرغىنىغا ئىككى يىل بولدى. 2010-يىلى 17-مايدىن 19-مايغىچە ئېچىلغان بۇ يىغىندا، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ «شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى» دەپ يوليورۇق بەرگەن ئىدى. يىغىندا، ئۇيغۇر ئېلىگە ئوخشىمىغان ساھە، ئوخشىمىغان تۈرلەر بويىچە نۇرغۇن قۇرۇلۇش پىلانلىرىنى يولغا قويۇش، مەدەنىيەت، تەبىئىي بايلىق، قاتناش، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق ساھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش قارار قىلىندى ۋە ئۇيغۇر رايونى ياردەم بېرىش نامى ئاستىدا 19 خىتاي ئۆلكىسىگە بۆلۈپ بېرىلدى. بۇ ئۆلكە-شەھەرلەردىن ئۇيغۇر رايونىغا ياردەم بېرىش نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا خىتاي كۆچمەنلەر «ئىختىساسلىق خادىم ۋە رەھبەر» سۈپىتىدە يۆتكىلىشكە باشلىدى.
خىتاي دائىرىلىرى ھازىر شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى باشلاپ، 19 ئۆلكە ئۇيغۇر ئېلىگە ياردەم بەرگىلى كەلگەندىن بۇيان بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا زور تەرەققىياتلارنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى.
ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان مەخسۇس سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدىن كېيىن يولغا قويۇلغان «ھالقىما تەرەققىيات» ۋە «مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى بەرپا قىلىش» قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسىنى «خەلقنىڭ قەلبى ئىللىدى، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى، ئاكتىپلىقى ئاشتى، يۈرەكلىرى ئۈمىدكە تولدى» دېگەن سۆزلەرگە يىغىنچاقلىغان. ئۇ سۆزىدە «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشى ۋە 19 ئۆلكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تۈرلەر بويىچە مەبلەغ سېلىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي كىرىمى 2 خانىلىق رەقەم بىلەن ئۆرلىدى، ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن ئىختىساسلىق خادىملار ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئىگىلىكى ۋە ھەرقايسى كارخانىلارغا ئىلغار تېخنىكىلارنى ئۆزلەشتۈرۈشىدە مۇھىم رول ئويناپ، ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ئىلگىرىكى يىللاردىن كۆرۈنەرلىك ھالدا ئارتتى» دېگەن. ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بولسا بۇ ئىككى يىلنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئىچكىرى ئۆلكىلەر تەرىپىدىن تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تالان-تاراج قىلىنغان ئىككى يىل بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىزغا بايانات بېرىپ، جاڭ چۈنشيەننىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى.
خىتاي دائىرىلىرى 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بىر يىل كېيىن بېيجىڭدا شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ھالقىما تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەشقەر ۋە قورغاستا ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇش ئۈچۈن، زور كۆلەملىك قۇرۇلۇشلارنى باشلىدى، رايونغا خېرىدار چاقىردى ۋە بۇ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنىڭ ياشلارغا ئىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى، خەلقنى بېيىتىپ، زامانىۋىيلاشتۇرغانلىقىنى تەشۋىق قىلدى. خىتاي دائىرىلىرى ئىقتىسادنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرلىكتە، يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىق مەسىلىسىنىمۇ ئالاھىدە قاتتىق تەكىتلەپ «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە زەربە بېرىشنى، تېررورلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش، زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ سالمىقىنىمۇ ئاشۇرۇپ ماڭدى. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق مۇقىملىققا ۋە ئاخىرىدا مەڭگۈلۈك ئەمىنلىككە ئېرىشىشنى كۆزلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىككى يىلدىن بۇيان خوتەن ناۋاغ ۋەقەسى ۋە قەشقەر يېڭى بازار ۋەقەسىگە ئوخشاش ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ۋەقەلىرى ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇردى.
جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان سۆزىدە مۇقىملىق مەسىلىسىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ئۇ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبىگە سايە چۈشۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ياخشى سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشى نەتىجىسىدە ھازىر مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولدى، ھەر مىللەت كادىر ئاممىسىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى بەرپا قىلىشقا بولغان ئىشەنچى ئاشتى» دېگەن.
ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەت رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدە بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دىلشات رىشىت ئەپەندى يېقىنقى بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ «مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدىن كېيىن ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ قاتتىق بېسىمغا ۋە زەربە بېرىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.