ياپونىيىدە كىتاب: «ياپونىيە ئۇيغۇرلارغا ياپونىيە پارلامېنتى ئىشىكىنى، باغرىنى ئاچتى»

يېقىندا ياپونىيە فۇتاباشا نەشرىياتى تەرىپىدىن ياپونىيىدىكى ئاتاغلىق يازغۇچى، ئوبزورچى مىيازاكى ئەپەندىنىڭ «خىتاينى تەۋرىتىۋاتقان يۈز كىشى» ناملىق كىتابى نەشر قىلىندى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2013.01.04
xitay-tewritiwatqan-100-kishi-305.png «خىتاينى تەۋرىتىۋاتقان يۈز كىشى» ناملىق كىتاب
RFA/Qutluq


مەزكۇر كىتابقا خىتاي يېڭى ھاكىمىيىتىدىكى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي مەركىزى كومىتېتىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ مەنسەپلىرى نۇمۇر بويىچە تىزىلغان شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى،مەنسەپدارلىققا ئۆرلىشىدىكى سەۋەبلەر توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار، سۈرەتلىرى بىلەن بىرگە بېرىلگەن. شى جىنپىڭنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق رەپىقىسى، ئاتاغلىق خىتاي ئارمىيە ناخشىچىسى پېڭ لىيۇەن ھەققىدىمۇ توختالغان. ئۇندىن باشقا، 2010 - يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ليۇ شاۋبو، تىبەت روھانىي داھىيىسى دالاي لاما ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر قاتارلىقلار بۇ يۈز نەپەر شەخس قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

«خىتاينى تەۋرىتىۋاتقان يۈز كىشى» ناملىق كىتابقا رابىيە قادىر خانىممۇ كىرگۈزۈلگەن
«خىتاينى تەۋرىتىۋاتقان يۈز كىشى» ناملىق كىتابقا رابىيە قادىر خانىممۇ كىرگۈزۈلگەن

مىيازاكى ياپونىيىدە خىتاي مەسىلىلىرى تەتقىقاتىدا تونۇلغان يازغۇچى، ئوبزورچى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇزۇندىن بۇيان ياقتۇرۇپ ئوقۇپ كېلىۋاتقان، ياپونىيە تويو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانت دوكتورى يامادا، مىيازاكى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى:

- مىيازاكى ئەپەندى خىتاي تەتقىقاتىدا، بولۇپمۇ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىكى تەتقىقاتىدا ئەتراپلىق يېتىلگەن يازغۇچى، مەن شەخسەن ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرىنى ۋە ئەسەرلىرىنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.

يازغۇچى مىيازاكى 2012 - يىلى 5 - ئايدا توكيودا ئېچىلغان 4 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئالىي مېھمان سۈپىتىدە قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان. ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بىرى، خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت تەتقىقاتلارنى بىرلىكتە ئىشلەپ ئۆز - ئارا پىكىرداش بولۇپ كېلىۋاتقان ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردىن دوكتور تۇرمۇھەممەت، مىيازاكى ئەپەندى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.

مەزكۇر كىتابنىڭ 299 - بېتىدە، ياپون ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلغان:

«ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى خىتايدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق ھەرىكىتىنى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى دەپ تونۇيدۇ. شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى ياپونىيە شۇنداق تونىغان ئىكەن، ئەلۋەتتە دۇنيامۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان بارلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى مۇستەقىللىق ھەرىكىتى دەپ تونۇيدۇ. ياۋروپا،ئامېرىكا ئەللىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قوللاپ قۇۋەتلەيدۇ.»

ئاپتور ئەسىرىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ يالغۇزلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى بۇ مەسىلىنىڭ تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرگىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ھەققىدىمۇ توختالغان.

خىتايدىكى مۇستەقىللىق مەسىلىسى يالغۇزلا شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭلا ئارزۇسى بولماستىن، بەلكى تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە قاتارلىق خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭمۇ ئارزۇسىدۇر.

مىزاياكى كىتابىدىكى «كىشىلىك ھوقۇق ناخشىسىنى ياڭرىتىۋاتقان ئۇيغۇر ئانىسى - رابىيە قادىر» دېگەن قىسمىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە مۇنداق توختالغان:

«رابىيە قادىر ھازىر دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى، ئىلگىرى خىتايدىكى مىليونېر، خىتاي سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، خىتاي دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىننىڭ ئالاھىدە قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن، ئۆزگىچە قاراشلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەنقىدلىگەنلىكى ئۈچۈن تۈرمىگە قامالغان ۋە 2005 - يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكىدا سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشلىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى، دۇنيانىڭ قوللىشى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئاجايىپ كۈنلەرنى بەرپا قىلدى. مەسىلەن: 2012 - يىلى 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى پۈتۈن دۇنيادىكى 20 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى، ياپونىيە، تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە، ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ قانۇن سالونىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنى ئاچتى. 200 نەچچە مۇخبىرغا خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەرت ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى. ئۇ كىشىلىك ھوقۇق ناخشىسىنى ياڭرىتىۋاتقان ئۇيغۇر ئانىسى.»

ئاپتور كىتابىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق داۋاسى خىتاي ھۆكۈمىتى قوراللىق باستۇرغان بىلەنمۇ تۈگىمەيدىغانلىقىنى، پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەرگەندىلا، خىتاي دۆلىتىگىمۇ تىنچلىق، خىتاي پۇقرالىرىغا ئامانلىق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى مۇنداق بايان قىلغان:

«شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئون نەچچە يىل قوراللىق باستۇرۇش بىلەن ئۇيغۇرلارنى مۇستەقىللىق داۋاسىدىن ۋاز كەچتۈرمەكچى بولغان ۋاڭ لېچۇەن ئاقىۋەتتە، 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە يولۇقۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي يېقىنقى زامان تارىخىدا مۆلچەرلىگۈسىز مۇستەقىللىق قارشىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلدى. بۇنىڭدىن چۆچۈگەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇشنىڭ ئورنىغا، يەنە قاتتىق باستۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ئەمەلدار جاڭ چۇنشيەننى تەيىنلىدى. خىتاي ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ئەمەلدارلارنى تەيىنلىگەن بولسا، ياپونىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قوللاش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ياپونىيە پارلامېنتى ئىشىكىنى، باغرىنى ئاچتى.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.