خەلقارا خەۋەرلەردە ئاشكارىلىنىشىچە، ئىككى يىغىن ۋەكىللىرىگە سەزگۈر تېمىلاردا ئېغىز ئاچماسلىق، ۋە سەلبىي پىكىر بايان قىلماسلىق تەلىپى قويۇلغان.
بۇ قېتىمقى خەلق قۇرۇلتىيى ئومۇمى يىغىنىڭ ئاساسلىق مۇزاكىرە تېمىسى، ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش ۋە ئىشسىزلىقنى ھەل قىلىش بولماقچى؛ بۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، سەھىيە ۋە مائارىپ خىراجىتى ۋە يېمەكلىك پاكلىقى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنماقچى.
بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىن، دۇنيا ئىقتىسادىي كرىزىسقا دۇچ كەلگەن، خىتايمۇ بۇ كرىزىسنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، 20 مىليون ئىشسىز يېڭىدىن ئىشسىزلار سېپىگە قېتىلغان، خىتاي ئىچى - سىرتىدىكى ئۆكتىچى كۈچلەر، "2008 نىزامنامىسى" نامى ئاستىدا سىياسىي ئىسلاھات تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بىر ھالقىلىق مەزگىلدە ئېچىلدى.
بولۇپمۇ قۇرۇلتايدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان، 587 مىليارد دوللارلىق، ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش پىلانى يىغىنغا جىددىي بىر مۇنازىرە ھاۋاسى بېرىشى كېرەك ئىدى. ئەمما، 2 يىغىن ۋەكىللىرىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى جىمىغۇر پوزىتسىيىسى خەلقارا ئاخباراتنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
خوڭكوڭدا نەشىر قىلىنىدىغان نەنخۇا ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىككى يىغىن ۋەكىللىرىگە سەزگۈر تېمىلاردا ئېغىز ئاچماسلىق، ۋەزىيەت ھەققىدە سەلبىي پىكىر بايان قىلماسلىق تەلىپى قويۇلغان. شۇنداقلا يەنە يىغىن ۋەكىللىرىگە، پىكىر بىرلىكىنى ساقلاش ۋە ئېغىر بېسىق بولۇشنى تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق، كومپارتىيە يىغىن ۋەكىللىرىنىڭ ئۆكتىچى پوزىتسىيەسىگە چەكلىمە قويغان.
بۇنىڭدىن باشقا يىغىن ۋەكىللىرىگە تالا - تۈزگە چىقماسلىق، يىغىن زالىدا ئۆلتۇرۇپ - قوپۇشتا ئىنتىزامچان بولۇش قاتارلىق تەلەپلەرنى قويۇپ، ۋەكىللەرنىڭ مۇخبىرلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى ئازايتقان. ھەم مۇخبىرلارنىڭ ۋەكىللەرنى كارىدوردا زىيارەت قىلىشىنى چەكلىگەن ۋە مەخسۇس ئايرىلغان ئاخبارات زالىدا زىيارەت قىلىش تۈزۈمىنى بېكىتكەن.
نەنخۇا گېزىتى مۇخبىرى، مەملىكەتلىك مۇھىت ئاسراش مىنىستىرىدىن سوال سورىغاندا، سوئالنى مەخسۇس باياناتچىدىن سوراشنى تەلەپ قىلغان. مۇخبىر مالىيە مىنىستىرى Xie xu گە مىكراپونىنى ئۇزاتقاندا، مىنىستىر مۇخبىردىن ئۆزىنى دالدىغا ئالغان . سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى Zhang mao مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلغان.
خىتاي خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىدە، نەزەرىيە جەھەتتىن خەلق قۇرۇلتىيى ئەڭ ئالىي ئورگان سانىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، خەلق قۇرۇلتىيى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا. مانا بۇ سەۋەپتىن، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىللەنگەندىن بېرى، خەلق ئۈچۈن ئەمەس، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ خىل فونكىتسىيەسىدە بۇ قېتىممۇ ئۆزگۈرۈش بولمىغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىقتىسادىي كرىزىستىن باشقا، سۈت پارشۇكى مەسىلىسى قاتارلىق ئىجدىماىي مەسىلىلەر، دېھقانلارنىڭ يەر مەسىلىسى، چىرىكلىككە قارشى ھەركەتتىكى نەتىجىسىزلىكلەر، خىتاي كومپارتىيىسىنى ئەندىشىگە سالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلتۇردىن بېرى خەلقارا جامائەتنىڭ تىبەت مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسگىمۇ دىققىتىنى بېرىشى، خىتاي دائىرىلىرىدە مۇقىمسىزلىق ئەندىشىسىنى تۇغدۇرغان.
شۇڭا قۇرۇلتاي بايانتاچىسى Li Zhaoxing مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: "بىزنىڭ سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىمىز، بەزى غەرب سىياسى ئەربابلىرى سىياسىي مۇلاھىزىچىلىرىنىڭ كۈتكىنىدەك ئىسلاھات بولماستىن، جوڭگۈچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزمنىڭ يەنى ئۆز - ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئۆز ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدۇر."
لى جاۋ شىڭنىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتىكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن ۋە تىبەت پارتىكوم سېكرىتارىنىڭ غەرب ھەققىدكى قاراشلىرى بىلەن ئوخشاشماقتا. يۇقارقى ئىككى مىللىي رايوننىڭ ئەمەلدارى، بۇلتۇر يىل ئاخىرى ۋە بۇ يىلنىڭ بېشىدا، رايونلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان مىللىي قارشىلىق ھەركەتلىرىنى غەرپ دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇقى دەپ ئەيىپلىگەن ئىدى.
دېمەك، دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشىدىن ۋە ھاكىمىيەتنىڭ دېموكىراتىيەلىشىشدىن ساقلىنىش، بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىننىڭمۇ يەڭ ئىچى پىلانى بولىدىغانلىقى ئايان بولماقتا.
