كوممۇنىست خىتاينىڭ يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى مۇزاكىرە قىلغان ئۈچىنچى ئومۇميىغىنى نەتىجىسىز ئاياقلاشتى

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى مۇزاكىرە قىلغان 3 ‏ - ئومۇميىغىنى 10‏ - ئاينىڭ 9 ‏ - كۈنى بېيجىڭدا باشلىنىپ 12 ‏ - كۈنى ئاياقلاشتى. 4 كۈنلۈك يىغىننىڭ مۇھىم نوقتىسى بولغان 'دېھقانلارنىڭ يەرنى سېتىش ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى' مەسىلىسى ھەققىدە ھېچقانداق ئېنىق قارار چىقىرىلمىغان.

0:00 / 0:00

يىغىن ئاياقلاشقاندا خۇ جىنتاۋ يەنە مۇجىمەل سۆز قىلىپ، كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى 2020 ‏ - يىلىغىچە كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ يېزىلارنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى قارار قىلدى دەپ ۋە دېھقانلارغا يەنە كىرىمى ئاشىدىغانلىقى ھەققىدە بىر مۇنچە چىرايلىق ۋەدىلەرنى بېرىپ گەپنى تۈگەتتى.

گۇاڭجۇدا كەنت ئەمەلدارلىرىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكىدىكى يەرلەرنى سېتىۋەتكەنلىكىگە قارشى نامايىش يۈز بەردى

رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ گۇاڭدۇڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاينىڭ 3 ‏ - ئومۇميىغىنى ئېچىلىۋاتقاندا، 10 ‏ - ئاينىڭ 10 ‏ - كۈنى گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى شۇندﯤ بازىرىدا، فېڭسۈن كەنتىدىن بىر نەچچە يۈز دېھقان توپلىنىپ، كەنت ئەمەلدارلىرىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكىدىكى يەرلەرنى سېتىۋەتكەنلىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشنى باستۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن ھۆكۈمەت ساقچىلىرى دېھقانلارنىڭ تورالغۇلىرىنى 'دۆلەتنىڭ يەر - زېمىنى ئۈستىگە سېلىنغان قانۇنسىز ئىمارەت' دەپ تۆھمەت قىلغاندىن كېيىن، دېھقانلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

يىغىننىڭ ئاخباراتىدا 'دېھقانلارنىڭ يەرنى سېتىش ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى' دېگەن مەسىلە ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر يوق

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاينىڭ 3‏ - ئومۇميىغىنى ئاياقلاشقاندا، كوممۇنست پارتىيىنىڭ يېزا ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش ۋە دېھقانلارنى تەرەققى قىلدۇرۇش ھەققىدىكى چوڭ قارارى ئېلان قىلىندى.

بۇ قاراردا خىتاي ھازىر شەھەر ۋە يېزىدىن ئىبارەت ئىككى يۈرۈش ئورگانلارنى ئېلىپ تاشلاپ، شەھەر بىلەن يېزا ئىقتىسادىنى بىر تۇتاش تەرەققى قىلدۇرۇش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، دېيىلگەن ۋە بۇ قاراردا 2020 ‏ - يىلىغىچە يېزىلارنى تەرەققى قىلدۇرۇش جەھەتتىكى پىلانلار سۆزلەنگەن. ئەمما قاراردا 3 ‏ - ئومۇميىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ دەپ ئېلان قىلىنغان 'دېھقانلارنىڭ يەرنى سېتىش ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى' دېگەن مۇھىم نوقتا ھەققىدە ئېنىق بىر نېمە دېيىلمىگەن.

يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى مەسىلىسى يەنىلا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ يۇقىرى تەبىقىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ پارتىيە رەئىسى خۇ جىنتاۋ يىغىندىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ يۇرتى ئەنخۇيدىكى دېھقانلارغا 'يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىش جەھەتتە يەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ' دەپ ۋەدە بەرگەن. گەرچە بۇ مەسىلە بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مۇھىم تېما دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە قانداق قارار چىقىرىلغانلىقى يىغىننىڭ ئاخباراتىدا تىلغا ئېلىنمىغان.

بېيجىڭدىكى خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى خۇ شىڭدۇ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى مەسىلىسى خۇددى بىز ئالدىن پەرەز قىلغاندەك، يەنىلا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ يۇقىرى تەبىقىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، بۇ يىغىن ئېنىق قارار ئېلىنمايلا نەتىجىسىز ئاياقلاشقان. بۇ يەنىلا بىر چوڭ مەسىلە بولۇپ قالغان.

خوڭكوڭدىكى ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاينىڭ 3 ‏ - ئومۇميىغىنىدا خۇ جىنتاۋنىڭ يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى ھەققىدىكى سۆزى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ يۇقىرى تەبىقىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ بۇ مەسىلىدە ھېچقانداق ئېنىق قارار ئېلىنمىغان.

ئامېرىكىدا كۆپ يىل تۇرۇپ خىتايغا قايتىپ بارغان قانۇنشۇناس يۈ خاۋچېڭنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەگەر بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ قارارىدا ئەگەر 'دېھقانلارنىڭ يەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى' مەسىلىسى دەپ ئاتالغان مەسىلە تىلغا ئېلىنغان بولسا، بۇ يەنىلا بىر مۈجمەل مەسىلە بولۇپ قالاتتى. ئەمەلىيەتتە بۇ، يەرنى دېھقانلارغا قايتۇرۇپ بېرىشكە قاراپ قەدەم باسىدىغان تۈپ مەسىلە ئىدى. يىغىندا ئاخىر 'پارتىيە مەركىزى كومىتېتى بۇ مەسىلىنى خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ قارار قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ' دېگەنلىكىمۇ قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس، چۈنكى خەلق دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىدۇ دەپ سايلىمىغان مەلۇم بىر پارتىيىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈش ھوقۇقى يوق.

بۇ قېتىم يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشقا قارشى تۇرغانلار يەنىلا ماۋ زېدۇڭچىلار

پىشقەدەم ئاخباراتچى گاۋ يۈنىڭ قارىشىچە، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ بۇ قېتىمقى 3‏ - ئومۇميىغىنى پۈتۈنلەي نەتىجىسىز ئاياقلاشتى.

مەسىلىنىڭ تۈگىنى يەرنى دېھقانلارغا قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسى بولۇپ، بۇ پەقەت سىياسى ئىسلاھات ئارقىلىقلا ئاندىن ھەل بولىدىغان مەسىلە. بۇ قېتىم يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشقا قارشى تۇرغانلار يەنىلا ما ۋزېدۇڭچىلار ئىكەنلىكى ئېنىق.

'يەر ئۆزىمىزنىڭ، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك يەردىن چىقىدۇ، پادىشاھتىن قورقمايمىز'

بۈگۈن 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلىنغان 'دېھقانلارنىڭ تەقدىرى ئۆز قولىدا بولۇشى كېرەك' دېگەن ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا بىر نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان يەر - زېمىن دېھقانلارنىڭ ئۆز قولىدا بولۇپ كەلگەن. چىن سۇلالىسى دەۋرىدىلا دېھقانلار 'يەر ئۆزىمىزنىڭ، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك يەردىن چىقىدۇ، پادىشاھتىن قورقمايمىز' دەيتتى.

خىتايدا كوممۇنىست پارتىيە ھاكىمىيەت قۇرغاندىن كېيىن يەر ئىسلاھاتى، ھەمكارلىق گۇرۇپپا، كوپىراتسىيىلىشىش، كوممۇنالىشىش دېگەن ھەرىكەتلەر ئارقىلىق يەر - زېمىننى دېھقانلارنىڭ قولىدىن تارتىۋالدى. كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ھازىرقى مەنپەئەتدارلىرى ھېلىمۇ يەر - زېمىننىڭ دېھقانلارنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىدىن قورقۇدۇ. يەرنى دېھقانلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بولغان توسقۇنلۇق ھازىرقى يەر ئىگىسى بولۇۋاتقان كوممۇنىست پارتىيىدىن كېلىدۇ.

خىتاي ھازىر 'نەۋرە كوممۇنىست دەۋرى'گە قەدەم قويدى

بۈگۈن دوۋېي ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان 'خىتاي ھازىر نەۋرە كوممۇنىست دەۋرىگە قەدەم قويدى' دېگەن ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 87 يىلىدىن كېيىن، خىتاي 'پېشقەدەم ئىنقىلابچىلار' دەپ ئاتالغان كوممۇنىست قېرىلىرى دەۋرىدىن پۈتۈن سانائەت - قۇرۇلۇش، تېخنىكا ئۈنۋانلىرىغا ئىگە بولۇۋالغان 'كوممۇنىست شاھزادىلىرى' دىن ئىبارەت تېخنىكا بيۇروكراتلىرى دەۋرىگە، ئۇنىڭدىن كېيىن ھازىر كوممۇنىست پارتىيە ئىگىلىۋالغان پۈتۈن بايلىق ۋە مەنپەئەتلەرگە ۋارىسلىق قىلىدىغان 'نەۋرە كوممۇنىست دەۋرى'گە قەدەم قويدى.