فرانسىيىلىك مۇخبىر خىتاينىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئەل - قائىدە بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

فرانسىيىلىك خىتايشۇناس مۇخبىر روگېر فالىگوت تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە 2008‏ - يىلى 6 ‏ - ئايدا فرانسۇز تىلىدا نەشر قىلىنغان "خىتاينىڭ مەخپىي خىزمەت ئىدارىسى: ماۋ زېدۇڭدىن ئولىمپىك يىغىنىغا قەدەر" دېگەن ئەسەردە، خىتاينىڭ ئەل - قائىدە بىلەن مەخپىي سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقى، خىتاي تەرەپ ئەل - قا‏ئىدەنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە خىتايدا پارتلىتىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارماسلىقىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

0:00 / 0:00

ئاپتور كىتابىدا خىتاي ھەربىي ئاخبارات ئورگىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىنىڭ 2006 ‏ - يىلى مەخسۇس پاكىستانغا بېرىپ، ئەل - قائىدە بىلەن بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىكى، ئولىمپىك يىغىنىدا ئەل - قائىدىنىڭ خىتايغا قارشى پارتلىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماسلىقى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، سۆھبەتنىڭ بالۇچىستاندا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەسەردە ئاپتور 2006 ‏ - يىلى پاكىستاننىڭ بالۇچىستان ئۆلكىسىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتكە خىتاي ھەربىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ گېنىرالى چېن شاۋگۇڭنىڭ قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، چېن شاۋگۇڭ ھازىر خىتاي ئارمىيىسى باش شتاب باشلىقىنىڭ ياردەمچىلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرىۋاتقان گېنىراللارنىڭ بىرىدۇر.

فالىگوت 600 بەتلىك چوڭ ھەجىمدىكى مەزكۇر كىتابىدا خىتاي بىلەن ئەل - قائىدە ئارىسىدىكى سۆھبەت 2006‏ - يىلى پاكىستاندا خىتاي ئىنژېنېرلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئەل - قائىدە بىلەن پىكىر بىرلىكىگە كەلگەنلىكىنى ۋە ئەل - قائىدىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنى ئۆلتۈرۈشنى توختاتقانلىقىنى يازىدۇ. فالىگوت ئەسەردە مۇنداق دېگەن ": خىتاي ئافغانىستاندىكى مۇجاھىدلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ھېچقاچان ئۈزۈۋەتمىگەن ئىدى. ھەتتا ئۇلار11‏ - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنمۇ بۇ مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇردى. شۇڭا بېيجىڭ ئولىمپىكنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن گېنېرال چېن شاۋگۇڭنى پاكىستانغا يولغا سالغان ئىدى. چېن شاۋگۇڭ ئەل - قائىدە بىلەن يۈز تۇرانە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، خىتاي تەرەپ بەزى "ئەقىلگە مۇۋاپىق شەرتلەرنى" قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئەل - قائىدە ئولىمپىك يىغىنىغا ھۇجۇم قىلماسلىققا ۋەدە بەرگەن."

ئامېرىكا ساراكيۇز ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دوكتور كاندىداتى قىلىچ قانات،خىتاي ئاخبارات ئورگىنىنىڭ ئەل - قائىدە بىلەن ئۇچراشقانلىقىغا دائىر بۇ تۈردىكى خەۋەرلەرنى ئىسپاتلاشنىڭ قىيىنلىقىنى بىلدۈردى. روگېر فالىگوت "خىتاينىڭ مەخپىي خىزمەت ئىدارىسى" دېگەن ئەسىرىدە، خىتاي مەخپىي خىزمەت ئىدارىسىنىڭ ئافغانىستاندىكى مۇجاھىدلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغان يىللارغا قەدەر بارىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئاپتور بۇ توغرىسىدا مۇنداق يازىدۇ: "خىتاينىڭ دىنىي رادىكال ھەرىكەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سوۋېت ئىتتىپاقى 1979 ‏ - يىلى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغان يىللارغا قەدەر تۇتىشىدۇ. گەرچە خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر بولسىمۇ، لېكىن خىتاي دائىرىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بولغان ئۆچمەنلىكى سەۋەبىدىن غەرب ئەللىرى بىلەن بىر مەيداندا تۇرۇپ، ئافغانىستاندىكى غازات ھەرىكىتىنى قوللىغان ئىدى. خىتاي ئاساسلىقى غازاتچىلارنى پىلىموت ۋە ئاپتوماتلار بىلەن تەمىنلىگەن."

روگېر فالىگوت، ئەينى چاغدا ئافغانىستاندىكى مۇجاھىدلارنى قورال - ياراقلار بىلەن تەمىنلەش ئىشىغا پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ھەربىي مەسلىھەتچىسى كۇڭ جىنىڭنىڭ مەسئۇل بولغانلىقىنى، كۇڭ جىنىڭ بولسا ماۋ زېدوڭنىڭ نەۋرىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، "بۇ ئىشلارغا كۇڭ جىنىڭنىڭ تاللانغانلىقى ئافغانىستاندىكى ھەرىكەتنىڭ مۇھىملىقىنى نامايەن قىلاتتى. بۇ مۇناسىۋەت تاكى تالىبانلار دەۋرىگە قەدەر داۋام قىلدى. 2001 ‏ - يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئامېرىكا ئافغانىستانغا مۇداخىلە قىلغاندا تالىبانلار پارتلىماي قالغان ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى خىتاي دوستلىرىغا بەرگەن ئىدى."

ئامېرىكا ساراكيۇز ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى قىلىچ قانات، 1970 ‏ - ۋە 80‏ - يىللارنىڭ باشلىرىدا خىتاي سوۋېتكە قارشى ئافغان مۇجاھىدلىرىنى قوللىغان دېيىشنىڭ "مەنتىقىغە ئۇيغۇن" كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن چەتئەلدىكى بىر قىسىم خىتاي تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بەزى خەۋەرلەردە خىتاي مەخپىي خىزمەت ئورگىنىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ روگېر فالىگوتنىڭ كىتابىدىكى قاراشلارنى رەت قىلىپ، "جۇڭگو ئەل - قائىدىگە قانچىلىك مەنپەئەت بەرسە ئۇنىڭ ھۇجۇم قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ ؟ ئەڭ مۇھىمى جۇڭگو بىن لادىننىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنەمدۇ؟" دەپ سورىغانلىقىنى، "خىتاينىڭ پاكىستانغا ئوخشاش يات ئەلدە بۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلمايدىغانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن روگېر فالىگوت خىتايچىنى ياخشى بىلىدىغان، ئۇزۇن يىللار ئەنگىلىيە ۋە شىمالىي ئىرلاندىيىدە خىزمەت قىلغان فرانسىيىلىك ژۇرنالىست بولۇپ، بەزى باھالىغۇچىلارنىڭ مەزكۇر كىتابنى 20"‏ - ئەسىرنىڭ 20‏ - يىللىرىدىن دەۋرىمىزگە قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى كومپارتىيىنىڭ ئاخبارات ۋە مەخپىي ھەرىكىتىگە دائىر يىرىك ئەسەر،" دەپ باھالىغانلىقى تەكىتلەنمەكتە. مەزكۇر كىتاب نەشر قىلىنىشى بىلەن فرانسىيە ۋە ياۋروپادىكى بەزى مەتبۇئاتلار "خىتاي ئەل - قائىدىگە زادى نېمە مەنپەئەتلەرنى بەردى ؟ بۇنىڭغا ئىزاھات بېرىشى كېرەك " دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.