تالىبانلارنىڭ پاكىستاندا ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش خەۋپى بولسا ئامېرىكىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان جىددى مەسىلە بولۇپ قالماقتا. بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە باشلىغان. پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى رىچارد خولبرۇكنىڭ خىتاي زىيارىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى دىپلىئوماتىك پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قىسىمى.
پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونىدىكى تالىبان كۈچلىرىنىڭ زورىيىپ، ئافغانىستان ۋە دۇنيادىكى يادرو قوراللارغا ئىگە يىگانە ئىسلامىي دۆلەت - پاكىستاندا ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش خەۋپى، ئامېرىكىنى رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە مەجبۇرلىماقتا. پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونىدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى خىتايدا جىددى تەھدىت، دەپ ئېلان قىلغان بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بولسا پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا بىلەن پىكىر بىرلىكىگە كېلىپ، ئافغانىستان ۋە پاكىستاندا ھەمكارلىشىشنى قارار قىلدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى رىچارد خولبروك خىتاينى 2 كۈنلۈك زىيارەت قىلىپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەي بىڭگولار بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. خولبروك پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئىككى تەرەپنىڭ ئافغانىستان، پاكىستان ۋەزىيىتىگە دائىر مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ رايوندا تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ ھەمكارلىقنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، "چۈنكى بىزنىڭ ئورتاق تەھدىت، ئورتاق رىقابەت ۋە ئورتاق مەقسەت جەھەتتىكى تونۇش بىرلىكىمىز بار،" دېگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى بولسا ئىككى تەرەپنىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىكى مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىشقا كېلىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ئامېرىكا خىتاينىڭ رايوندىكى دىنىي رادىكالىزمنى تازىلاپ، ئافغانىستان ۋە پاكىستان ۋەزىيىتىنى تىنجىتىش ئىشلىرىدىكى رولى ناھايىتى مۇھىم، دەپ قارايدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاينىڭ پاكىستاندا زور تەسىر كۈچى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ سۆزلەر پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىسى ئەرشىدىن ئەپەندىگە تەۋە بولۇپ، ئۇ يەنە، خىتاينىڭ كۆزى پاكىستان قەبىلىلەر رايونىدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە چۈشۈكلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خولبروكنىڭ باياناتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماي قالمايتتى. رادىئومىزدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا خىتاينىڭ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۈزلۈكسىز باستۇرۇش خەۋىپى بارلىقىنى تەكىتلىگەن ئۇيغۇر مىللى داۋاسىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى سەزگۈرلۈك بىلەن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
رىچارد خولبرۇك، ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى كلىنتون دەۋرىدىكى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى. ئۇ، 1996 - يىلدىكى سېربىيە بىلەن بوسنىيىنى ياراشتۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان دەيتون كېلىشىمىنىڭ پىلانلىغۇچىسى ئىدى. خولبروك، ئوباما دەۋرىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىللىكىگە تەيىنلەنگەن. ئافغانىستان بىلەن پاكىستاندا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش پىكىرى خولبروكنىڭ پىلانى ئىدى.
ئۇ، 2008 - يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر يىغىندا بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستاندا خىتاي بىلەن ھەمكارلاشمىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن. خولبروك، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى سەزگۈرلۈكى سەۋەبى ئافغانىستاندا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى كۈچلىرىنىڭ ئادەم سانى، تەشكىلى ئەھۋالى، رەھبەرلىك قاتلىمى قاتارلىقلار كىشىلەرگە مەلۇم بولمىغان بىر سىر. پاكىستاندىكى ئەرشىدىن ئەپەندى، ش ت ئى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ھەسەن مەخسۇمنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، رايوندىكى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ رايوندىكى تۈرلۈك گۇرۇھلارنىڭ قانىتى ئاستىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ سۆزلەر پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىسى ئەرشىدىن ئەپەندىگە ئائىت.
خىتاي ھۆكۈمىتى، 2008 - يىلى 1 - ئايدا يۈز بەرگەن پامىر ئىگىزلىكىدىكى "كوسراپ ۋەقەسى" نىڭ ش ت ئى ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ش ت ئى ھەرىكىتىنىڭ پامىردىكى بىر بازىسىنى تارمار قىلغانلىقىنى، 17 نەپەر شەرقىي تۈركىستان جەڭچىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن، 18 جەڭچىنىڭ ئەسىر ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن "كوسراپ ۋەقەسى" نىڭ ھەقىقى ئەھۋالى، ۋەقەنىڭ ش ت ئى ھەرىكىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە دائىر مەسىلىلەر ھازىرغا قەدەر تەرەپسىز مەنبەلەرنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇشىغا ئېرىشەلمىگەن.
رابىيە قادىر خانىم، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتىدە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى زور مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى، خىتاي - ئامېرىكا ئارىسىدىكى پىكىر بىرلىكى ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىگە توسالغۇ بولمايدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىپادىسىگە ئۈمىدۋار قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خولبروك بىلەن ياڭ جيېچىنىڭ ئافغانىستان بىلەن پاكىستاندا ھەمكارلىشىش بۇ ھەقتىكى بايانلىرىدا ھەمكارلىقنىڭ شەكلى، خىتاينىڭ ھەمكارلىقتىكى رولى، كونكرېت نىشانى ۋە مەنپەئەتى قاتارلىقلار توغرىسىدا تەپسىلى ئۇچۇر بېرىلمىگەن.