شىنخۇا ئاگېنتلىقى 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى
، ئۇنى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە شەرقىي دېڭىزدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئېتىش مەشق دەپ بېكىتتى، دەپ جاكارلىدى. بۇ، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ يىللاردىن بۇيان سېرىق دېڭىزدا بىرلەشمە مەشق ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتىغا توغرا كەلگەن ئىدى.
'خىتاينىڭ شەرقى دېڭىزدىكى ئېتىش مەشىقى ئاۋىئاماتكىلارنى چۆكتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان مەشىق'
خىتاينىڭ 'خەلق گېزىتى'دە بولسا، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ 91765 بەلگىلىك دېڭىز فلوتى شەرقى دېڭىزدا ئۆتكۈزىدىغان ئېتىش مەشقىنىڭ، تامامەن ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكىلىرىنى چۆكتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان مەشق ئىكەنلىكى، ھەتتا 'ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكىسى سېرىق دېڭىزغا كىرسىلا ئۇنى دەرھال ' چۆكتۈرۈۋېتىش ' ئۈچۈن ھەرىكەت قوللىنىدىغان مەشىق ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ تۇردى.
ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ سېرىق دېڭىزدىكى ھەربىي مەشقىنىڭ دەرىجىسى شىمالىي كورىيە پەيدا قىلغان ۋەقە تۈپەيلىدىن دەرىجىسى ئۆرلىتىلگەن
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ بۇ يىل سېرىق دېڭىزدا ئۆتكۈزىدىغان ھەربىي مەشقىنىڭ دەرىجىسى، جەنۇبىي كورىيىنىڭ ھەربىي پاراخوتى شىمالىي كورىيىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ۋەقە تۈپەيلىدىن ئۆرلىتىلگەن. شۇڭلاشقا بۇ مەشىققە، ئامېرىكىنىڭ 'جورج ۋاشىنگتون' بەلگىلىك ئەڭ چوڭ يادرولۇق ئاۋىئاماتكا ئۇرۇشچى پاراخوتلار توپى قاتناشتۇرۇلماقچى بولغان. دېمەك ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ بۇ يىل سېرىق دېڭىزدا ئۆتكۈزىدىغان ھەربىي مەشىقى، جەنۇبىي كورىيىنىڭ ھەربىي پاراخوتى شىمالىي كورىيىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ۋەقەگە قارىتىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي بىلەن شىمالىي كورىيىنىڭ زىتىغا تەگكەن.
خىتاي باياناتچىسى چىڭ گاڭ 'ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى كېرەك' دەپ جاكارلىدى
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ بۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىزدا ئۆتكۈزىدىغان ئېتىش مەشىقى ئامېرىكىغا قارىتىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىدى. ئۇ 'ئازادلىق ئارمىيىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئۆتكۈزىدىغان ئېتىش مەشىقى، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىگە قارىتىلغان ئەمەس، بىز ھازىر بۇ ئىككى چوڭ مەشىقنىڭ بىر ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت بۇنداق بىر مەسىلىگە جىددىي دىققەت قىلىۋاتىمىز. ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى ۋە رايون خاراكتېرلىك جىددىيلىك پەيدا قىلماسلىقى كېرەك' دەپ جاكارلىدى.
'خىتاينىڭ 022 بەلگىلىك تېز پاراخوتلىرى بىر يۇشۇرۇن خېيىم - خەتەر'
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەننىڭ ھەربىي مۇتەخەسسىسى لى ۋېي بۈگۈنكى مۇلاھىزىسىدە 'خىتاينىڭ بۇ قېتىم شەرقىي دېڭىزدا ئۆتكۈزىدىغان ئېتىش مەشقىنىڭ تىغ ئۇچى، دەل ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ سېرىق دېڭىزدا ئۆتكۈزىدىغان ھەربىي مەشىقىگە قارىتىلغان. خىتاي بۇ قېتىمقى ئېتىش مەشىقىگە، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 022 بەلگىلىك تېز پاراخوتلىرىنى قاتناشتۇرىدۇ. بۇ بىر يۇشۇرۇن خېيىم - خەتەر' دەپ بايان قىلغان.
'بىر - بىرىگە ئوت ئېچىش ئېھتىماللىقى ئاز، چۈنكى ئىككى تەرەپنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا ناھايىتى چوڭ پەرق بار'
خوڭكوڭ ھەربىي مۇتەخەسسىسى ما دىڭشېڭنىڭ كۆز قارىشى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، سېرىق دېڭىز بىلەن شەرقىي دېڭىزنىڭ ئارىلىقى يېقىن ئەمەس، ئوخشىمىغان جايدا بولۇۋاتقان ھەربىي مەشىقتىن بىر - بىرىگە ئوت ئېچىش ئېھتىماللىقى ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا - جەنۇبىي كورىيە تەرەپ بىلەن خىتاي تەرەپنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرى ۋە ھەربىي كۈچىدە ناھايىتى چوڭ پەرق بار.
'خىتاي - شىمالىي كورىيە - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا كىمنىڭ يۈرىكى پوك - پوك ئىكەنلىكىنى سىنايدىغان بىر ۋاستە '
ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي مەشىق ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتى ئوخشاشلا ئىيۇن ئېيىنىڭ ئاخىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، ھەر خىل ئېھتىماللار تۈپەيلىدىن، شەرقىي دېڭىز دىپلوماتىيىسىدە جىددىيلىك پەيدا قىلدى. بۇ جىددىيلىك ئەمەلىيەتتە، خىتاي - شىمالى كورىيە - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا كىمنىڭ يۈرىكى پوك - پوك ئىكەنلىكىنى سىنايدىغان بىر ۋاستە بولۇپ قالدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.