بىنالار ئاستىدا يەنە 14 مىڭ ئادەم بارلىقى مۆلچەرلەنمەكتە
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 130مىڭ ئەسكەر ۋە ساقچىلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىۋاتقىنىغا 4 كۈن بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆرۈلگەن بىنالار ئاستىدا يەنە 14 مىڭ ئادەم بارلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
ھالبۇكى قۇتقۇزۇش ئىشلىرى يەنە يېتەرلىك ۋە ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلمىغانلىقتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بىنا ياكى ئۆيلەر ئاستىدا باستۇرۇلۇپ قالغانلارنى ھايات قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشتىكى ھالقىلىق ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەتمۇ ئۆتۈپ كەتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيىنىڭ ياردىمىنى رەت قىلدى
شۇنداقتىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ئاپەت رايونىغا كىرىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىشىغا ئالدىراپ يول بەرمىگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە توختالغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى چىن گاڭ خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ يەرلىك ئورۇنلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۈجمەل جاۋاب بەرگەن ئىدى.
بۈگۈنكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بايان ئات ئېلان قىلىپ رۇسىيە، سىنگاپور ۋە جەنۇبى كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سىچۈەندىكى ئاپەت رايونىغا مۇتەخەسسىسلەرنى ئەۋەتىپ قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئاۋسترالىيىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈرمىدى.
تيەن چىلياۋ خانىم: " بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل ياردىمىنى قوبۇل قىلىشتا قىزغىن بولماسلىقىدا سىياسىي سەۋەب بار"
بۇ ھەقتە توختالغان جۇڭگو ئىنفورماتسىيە مەركىزىدىكى ئالىي تەتقىقاتچى تيەن چىلياۋ خانىم، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چەتلە ياردىمىنى قوبۇل قىلىشتا قىزغىن بولماسلىقىدا سىياسىي سەۋەب بار بولۇپ بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى جەنۇبى كورېيە ۋە تەيۋەنلەرنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلماي ساقلاپ تۇرۇشقا بۇيرۇغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئىلگىرى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خېلىلا لىبېرال مۇئامىلىدە بولغان بەلكىم بۇ نۆۋەت بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ ياردەمنى قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىش جەھەتتە ھوقۇقى بارلىقىنى كۆرسىتىپ قويماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن".
بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇنداق پوزىتسىيىدە بولۇشىنىڭ ھەقىقەتەن بىر ئەخمەق دەپ ئەيىبلىگەن تيەن چىلياۋ خانىم يەنە، "ئادەم ھاياتىنى، ۋە يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش ھەممىدىن مۇھىم ئىدى دەپ كۆرسەتتى".
ئىلشات ئەپەندى: "ئالدى بىلەن بۇ ھەر ئىككىلىسى دىكتاتور دۆلەت"
بۇ نۆۋەت خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى كۆلىمى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا 2-3- ماي كۈنلىرى بىرمىدا يۈز بەرگەن چاپقۇن ۋەقەسىدىن قالسا شەرقى جەنۇبى ئاسىي رايونىدا يۈز بەرگەن ئىككىنچى چوڭ تەبىئىي ئاپەت بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر بىرمىدا ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانى 78 مىڭدىن ئاشقان بولۇشىغا قارىماي، جۇنتا ھەربىي ھۆكۈمىتى خەلقئارا ياردەمنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈندىن باشلاپ چەتئەل ياردىمىنى قوبۇل قىلىشى مەسىلىسىدە يۇمشاش پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئاپەت رايونىغا چەتئەلنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوشۇنى ۋە ماددىي ئەشيالىرىنى كىرگۈزۈشتە يەنىلا چەك قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتە بۇرما ھەربىي ھۆكۈمىتى بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئامېرىكىدىكى سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ئەپەندى: "ئالدى بىلەن بۇ ھەر ئىككىلىسى دىكتاتور دۆلەت" دەيدۇ.
تيەن چىلياۋ خانىم : "بەلكىم خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتە بۇرما ھۆكۈمىتىدىن ساۋاق ئالغان بولۇشى مۇمكىن"
ۋەھالەنكى خىتاينىڭ خەلقئارالىق ياردەمنى قوبۇل قىلىشتا بۇرما ھۆكۈمىتىگە قارىغاندا بىر ئاز ئەركىن پوزىتسىيىدە بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن تيەن چىلياۋ خانىم مۇنداق دەيدۇ:
"بەلكىم خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتە بۇرما ھۆكۈمىتىدىن ساۋاق ئالغان بولۇشى ھەمدە بۇنداق پوزىتسىيىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتە بازار تاپالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن بولۇشى مۇمكىن".
بۇ جەھەتتە ئوخشاش كۆزقاراشنى ئىپادىلىگەن سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ئەپەندىمۇ، "بۇ يىل يازدا بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۆزىنى سىرتقى دۇنياغا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن" دەيدۇ
بۇ يىل يانۋارنىڭ ئاخىرى ۋە فېۋرالنىڭ باشلىرىدا خىتايدا قار ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ نۆۋەت سىچۈەندە كۆرۈنگەن يەر تەۋرەش بۇ يىل خىتايدا يۈز بەرگەن ئىككىنچى چوڭ تەبىئىي ئاپەت.
تيەن چىلياۋ خانىم : " بۇ ھالەت بېيجىڭ دائىرىلىرىنى تەۋرەتكەن ئىدى"
تيەن چىلياۋ خانىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ يىل يانۋارنىڭ ئاخىرى ۋە فېۋرالنىڭ بېشىدا يۈز بەرگەن قار ئاپىتى خىتاي ھۆكۈمىگە خېلى كۆپ ساۋاق بەرگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت خەلقنى سىياسىي تەشۋىقات بىلەنلا رازى قىلىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى، خەلقنىڭ بۇنداق ھاللاردا جىددىي ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكى تونۇپ يەتكەن.
تيەن چىلياۋ خانىم يەنە، ئەمما بېيجىڭ دائىرىلىرى قار ئاپىتى جەريانىدا نۇرغۇن خاتالىقلارنى سادىر قىلغان، بيۇروكراتلىق قىلغان ھەمدە " ياردەم بېرىش ئىشلىرى ئىنتايىن ئاستا بولغان بولۇپ، بۇ ھالەت بېيجىڭ دائىرىلىرىنى تەۋرەتكەن ئىدى. شۇڭا بۇ نۆۋەتلىك ئاپەتتىنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن ساۋاقلارنى ئالدى"دەيدۇ.
