خىتايدا 100 مىليون يۈەنلىك بايلار بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ چەتئەللەرگە كۆچۈۋاتىدۇ

خىتاي خەلقى خىتايدىكى 100 مىليون يۈەنلىك بايلارنى خەلقنى باستۇرۇشنىڭ بەدىلىگە ئېرىشكەن بايلىق دەپ قارايدۇ. بۇ بايلار بولسا، ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ چەتئەللەرگە كۆچۈۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، باين شىركىتى خىتايدا پەيدا بولغان بايلارنىڭ مەبلەغ مەنبەلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، خىتايدا ھازىر 100 مىليون يۈەنلىك بايلارنىڭ سانى 2008‏-يىلىدىكىدىن كېيىن بىر ھەسسە ئاشتى. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنى بىخەتەر دەپ ھېسابلىمايدۇ.

باين شىركىتى 1970‏-يىلىدىن بۇيان خەلقئارادا، مەسلىھەت مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىككىنچى چوڭ شىركەت. بېيىغان شەخسىيلەرنىڭ خۇسۇسىي مەبلەغ مەنبەلىرىنى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىش بىلەن مەخسۇس شۇغۇللىنىدىغان بۇ شىركەتنىڭ، دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي يۇقىرى بولغان 29 دۆلەتتە 43 ئىشخانىسى بار. بۇ شىركەت خىتايدىمۇ، خىتاي سودا بانكىسى بىلەن بىرلىكتە ئىش كۆرۈپ، بېيىغان شەخسىيلەرنىڭ ئەھۋالىنى تەتقىق قىلدى.

باين شىركىتىنىڭ 2011-يىلىدا خىتايدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، خىتايدا مەبلىغى 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان، يەنى دەرھال 100 مىليون يۈەن پۇل بىلەن مەلۇم بىر جايغا مەبلەغ سالالايدىغان بايلارنىڭ سانى مۇشۇ بىر-ئىككى يىل ئىچىدىلا 585 مىڭغا يەتكەن. ئۇلارنىڭ 27% ئى ئاللىقاچان چەتئەللەرگە كۆچۈپ بولغان. يەنە 47% ئى ھازىر چەتئەللەرگە كۆچۈۋاتىدۇ ياكى كۆچۈپ كېتىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاينىڭ بانكا مەلۇماتلىرىدا، باي بولۇپ مەبلىغى 10 مىليون يۈەندىن ئاشقان بايلاردىن 60% ئى ئاللىقاچان چەتئەللەرگە كۆچۈپ بولدى ياكى كۆچۈۋاتىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قانۇنسىز مەبلەغلەرنى نازارەت قىلىدىغان بىر ئورگىنىنىڭ بۇ يىل ئاشكارىلىشىچە، بۇلتۇردىن باشلاپ خىتايدىن ئامېرىكىغا يوشۇرۇن كىرىۋاتقان مەبلەغ ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەۋاتىدۇ.

يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئادۋوكات گولدىن چاڭنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 2008‏-يىلىدىن باشلاپ خەلق ئىچىدىكى خۇسۇسىي مەبلەغلەرنى، ئىقتىسادىي كرىزىستىن قۇتۇلۇش دېگەن نام ئاستىدا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مەبلەغلەرگە ئايلاندۇرۇش تەدبىرىنى قوللاندى. 2009‏-يىلى خىتايدا ئۆسكەن ئىقتىسادنىڭ 95% ئى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ ئىقتىسادى. شۇ يىلى خىتايدا پەيدا بولغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئەمەلىيەتتە، خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە كەلگەن تەرەققىيات. شۇڭلاشقا، بۇ تەرەققىيات جەريانىدا مۈلكى تېخى بۇلاڭ-تالانغا ئۇچرىمىغان بايلار ئامېرىكا، كانادا ۋە خوڭكوڭغا ئېقىشقا باشلىغان ئىدى.

تەتقىقاتچى گولدىن چاڭنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن خىتايدا شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقسا، 89‏19-يىلىدىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى خەلقنى باستۇرۇشنىڭ مەنپەئىتىنى كۆرگەن كوممۇنىست مىراسخورلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىدىغان پۇرسەت كېلىدۇ.

بۈگۈن ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ تور بېتىدە، خىتايدىكى بايلارنىڭ چەتئەللەرگە كۆچۈۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ئەركىن مۇلاھىزىلەرنىڭ بىرىدە، خىتايدا ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەردىن ھەقىقىي بەھرىمەن بولغانلار كوممۇنىست مىراسخورلىرى (كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ جەددى-جەمەتلىرى)، ھازىر چەتئەللەرگە كۆچۈۋاتقان ئەڭ چوڭ بايلارمۇ يەنە شۇلار. ئۇلار ھازىر خىتايدا ئۆزلىرىنى بىخەتەر دەپ ھېسابلىمايدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن.

يەنە بىر مۇلاھىزىدە، 80‏-يىللاردىكى «شىركەتچىلەر» دېگەن نام ھازىر يوق، ھازىر باي بولغانلارنى «مەبلەغ سالغۇچىلار» دەپ ئاتايدۇ. ھازىرقى بۇنداق بايلار-قولىدا يەر-زېمىن يوق، ئەمما قولىدا پەقەت پۇللا بار، نەگە بارسا ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك راھەت-پاراغەتتە ياشايدىغان يېڭى بايلار. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ھەر كۈنى پاي بازىرىدا پاي سالغانلارنى بۇلاپ-تالاپ، مۇشۇنداق يېڭى بايلارنى ئىجات قىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ بايان قىلىنغان.