خىتاي ب د ت يىغىنىدا يەنە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى تىلغا ئالدى

خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 9-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇيوركتىكى باش ئورگىنىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 67-نۆۋەتلىك يىغىنى ئېچىلىشقا باشلانغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2012.10.03
sherqiy-turkistan-islam-herikiti-bdt-305.jpg خىتاي ب د ت يىغىنىدا يەنە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى تىلغا ئالدى. 2012-يىلى ئۆكتەبىر، نيۇ-يورك.
RFA/Qutluq

بۇ قېتىمقى يىغىن تاكى 10-ئاينىڭ 2-كۈنىگە قەدەر داۋاملاشتى. يىغىنغا 120 نەچچە دۆلەتنىڭ پرېزىدېنتى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قاتناشقان بولۇپ، يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا بۇ نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى جەمىچ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كمون قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەش بىلەن بىرگە، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئالاھىدە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بەزى ئىشلار ھەققىدە ئالدىن بېشارەت بېرىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ نۇتقىدىكى مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى ھەممىدىن بەك تارتقان نۇقتا يەنى تېررورلۇققا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش، ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق، تېررورنىڭ مەنبەلىرىنى ۋە كېلىش يوللىرىنى توسۇۋېتىش ۋە شۇنداقلا دۇنيا تىنچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغان. بۇ قېتىمقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جىېچى باشچىلىقىدىكى ئۆمەك قاتناشقان. يىغىن ئۆزىنىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە 9-ئاينىڭ 24-كۈنى، 67-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ «دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش» ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئاچقان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كمون بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك رەئىسى جەمىچ يىغىندا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئاساسىدىكى خەلقئارا تەرتىپنى قوغدىشىنى مۇراجىئەت قىلغان.

بان كمون سۆزىدە مۇنداق دېگەن:
-قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ھەر بىر دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن بولۇپ، ھەر بىر كىشىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش خەلقئارا چوڭ ئائىلىدىكى ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئاساسى. ئۇ شۇنداقلا ھەر قايسى ئەللەرنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ۋە ئادىللىقنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلغان. خەلقئارا تەرتىپنى قانۇن ئارقىلىق قوغداشنى مۇراجىئەت قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئۆزىنىڭ بىر قاتار تەكلىپ‏ لايىھىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق قويغان تەكلىپ ‏لايىھىسى:

  • ب د ت نىڭ روھى
  • ب د ت نىڭ بەزى قانۇنلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە بەزىلىرىنى قايتا تۈزەش
  • سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى
  • تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش
  • كورىيە يېرىم ئارىلى مەسىلىسى
  • بىرما مەسىلىسى
  • ئافغانىستان مەسىلىسى

ئىراننىڭ ئاتوم ئېنېرگىيە مەسىلىسى قاتارلىق بىر يۈرۈش سىياسىي مەسىلىلەر ۋە ئۇندىن باشقا مۇھىت ئاسراش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر بولۇپ، بۇ لايىھىدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەر يېڭى مەسىلىلەر ۋە ئۆزگەرگەن مەسىلىلەر بولسىمۇ، لېكىن خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ لايىھىسىدە پەقەتلا ئۆزگەرمەي كېلىۋاتقىنى،11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئىزچىل تۈردە ئۆزىنى تېررورلۇقنىڭ قۇربانى دەپ كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەتتۇر. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى لايىھىسىنىڭ تۆتىنچى ماددىسىدا ئۆزىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، تېررورلۇققا دۇنيا خەلقى بىلەن بىرلىكتە قارشى تۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېقىندىلا ئامېرىكا، گېرمانىيىلەردە ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىنى ئېلىپ بېرىپ، ياپونىيىگە قايتىپ كەلگەن كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر-ئالاقە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور دوكتور نىشىھارا ئەپەندى بىلەن سۆھبەتتە بولدۇق.

پروفېسسور دوكتور نىشىھارا ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
- 9-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلانغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 67-نۆۋەتلىك يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى،ئۇنىڭدىن باشقا شەرقىي تۈركىستان تېررورلۇق تەشكىلاتلارنىڭمۇ ھۇجۇمىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ دۇنيا خەلقى بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ناھايىتىمۇ ياخشى ئىش. خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتى بىلەن تېررورلۇقنى پەرقلەندۈرۈشى كېرەك. بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ لېدىرى رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى پەرقلەندۈرۈشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى تېررورچى ئەمەس، ئۇ يەردىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتى ھەرگىز تېررورلۇق ھەرىكەتكە ياتمايدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېررور بىلەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.