ئەنگىلىيە "ئىقتىسادشۇناس" ژورنىلى: قەشقەر ۋە كۇچا ۋەقەلىرىنىڭ تېررورلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدە گۇمان بار

دۇنياغا مەشھۇر ئەنگىلىيە ھەپتىلىك مەجمۇئەسى " ئىقتىسادشۇناس " ژورنىلى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئىلىدىكى قەشقەر ۋە كۇچا ۋەقەلىرىنىڭ تېررورىزىم ياكى دىنىي رادىكالىزىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدە زور گۇمان بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.09.08
qeshqer-saqchi-charlash-305 ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﻣﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻳﯜﺯﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺗﯩﻠﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﭼﺎﺭﻻﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺗﭽﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo
"شىنجاڭ - خىتايئىستان" دېگەن باش ماۋزۇدىكى ماقالىغا "خىتاينىڭ غەربىي مۇسۇلمانلار يۇرتىدىكى ئەنسىزلىك" دېگەن ياردەمچى ماۋزۇ بېرىلگەن.

ئەنگىلىيە "ئىقتىسادشۇناس" ژورنىلىنىڭ ئالدىنقى كۈنكى سانىدا ئېلان قىلىنغان " شىنجاڭ - خىتايئىستان" دېگەن ماۋزۇدىكى مەزكۇر ماقالىدە 4 ‏ - ۋە 10 ‏ - ئاۋغۇست كۈنلىرىدىكى قەشقەر ۋە كۇچادا يۈز بەرگەن يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا " تېررورچى "ھۇجۇم، دەپ ئەيىبلەنگەن بۇ ۋەقەلەر 1990 ‏ - يىللاردىن كېيىن يۈز بەرگەن ئەڭ قانلىق توقۇنۇش بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ۋەقەنى چەتئەلدىكى تېررورچى گۇرۇھلارغا باغلاۋاتقانلىقىنى، لېكىن بۇنىڭغا قارىماي ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ياكى دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ماقالىدە "شىنجاڭدىكى ساقچىلار يېقىندا يۈز بەرگەن زوراۋانلىقنىڭ ھېچقايسىسىنى بىرەر تېررورچى گۇرۇھ بىلەن باغلاپ باقمىغان ياكى بىرەرسى بۇنىڭغا جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىغا كۆپ چەكلىمە قويمىدى. 'نەنفېڭ چۇاڭ' ھەپتىلىك ژورنىلى ئىسمى قەيت قىلىنمىغان چەتئەلدىكى مۇستەقىلچى گۇرۇھلارنىڭ ئەل - قائىدەنى دوراپ، ئەزالىرىنى شىنجاڭغا ئەۋەتكەنلىكى ۋە بۇ تېررورلۇق ھۇجۇملارنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن"، دەپ يازدى.

ماقالىدە يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىمسىزلىقنى قوشنا دۆلەتلەردىكى مىلىتان ئىسلامچىلارغا باغلاۋاتقانلىقىنى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىقىدىكى دۆلەتلەرنى ياردەمگە چاقىرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ماقالىدە مۇنداق دەيدۇ 28": ‏ - ئاۋغۇست كۈنى تاجىكىستاندا چاقىرىلغان باشلىقلار يىغىنىدا رەئىس خۇ جىنتاۋ خىتاي، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنى ئاساس قىلغان شاڭخەي ھەمكارلىقىدىكى دۆلەتلەرگە ' تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئېيتقان" .

شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى رۇسىيىنىڭ جەنۇبىي ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيە مۇستەقىللىقىنى بىر تەرەپلىمىلىك ئېتىراپ قىلغانلىقى تۈپەيلى رۇسىيە - غەرب مۇناسىۋىتى ناھايىتى سەزگۈر ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان، خىتاي قەشقەر ۋە كۇچا ۋەقەلىرىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. رۇسىيىنىڭ ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسسېتىيە مەسىلىسىدىكى مەيدانى بولسا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى تەلىپىگە توغرا كەلمەيتتى. شۇڭا بۇ قېتىمقى يىغىندا شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەر رۇسىيىنىڭ كاۋكازىيىدىكى رولىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيىنىڭ رايوندىكى ئىشغالىيەت ھەرىكىتى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن، يىغىننىڭ قوشما ئاخباراتىدا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ھۆرمەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن ئىدى ". ئىقتىسادشۇناس" ژورنىلىنىڭ ماقالىسىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ئولىمپىك يىغىنىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلاش بىلەن ئەيىبلەنگەن، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ خىتايدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەلىرىگە جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىغا قارىماي، ئۇيغۇر ئىلى ۋە خىتايدا تەشكىللىك تېررورلۇقنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ماددىي پاكىت ئاشكارا ئېلان قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە كۇچا ۋە قەشقەردە يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنىڭ ئاپتوماتىك قوراللار بىلەن ئەمەس، ئىپتىدائىي قوراللار بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، بۇ ھۇجۇملارنىڭ پۇقرالارنى نىشان قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ماقالىدە مۇنداق دەيدۇ": بۇ ھۇجۇملارنىڭ ھېچبىرى پۇقرالارنى نىشان قىلغاندەك كۆرۈنمەيتتى. كۇچادا بىر ئادەم ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھۇجۇمنىڭ كېچە سائەت 2:00 دە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئاۋام خەلقنىڭ كۆپلەپ ئۆلۈشىنى مەقسەت قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. قەشقەردە يۈز بەرگەن چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى بولسا ئەتىگەن سائەت 8:00 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن. بۇ ناھايىتى تىمتاس چاغ، كۆپچىلىك يەرلىكلەر بېيجىڭ ۋاقتى ئىشلەتمەيدۇ. بۇ بېيجىڭ ۋاقتىغا قارىغاندا 2 سائەت كېيىن دېگەنلىكتۇر ". " ئىقتىسادشۇناس" ژورنىلىنىڭ ماقالىسىدە يەنە، قەشقەر ۋە كۇچادىكى ۋەقەلەردە دىنىي تىندىنسىيە بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، ماقالىدە "دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ بىشارىتى بولغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىشنىڭ شىنجاڭدا يۈز بەرگەنلىكىگە دائىر ئىشەنچىلىك مەلۇماتلار يوق. كۇچادا ئىككى ھۇجۇمچىنىڭ ئۆزىنى پارتلاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ يا بىر تاسادىپىي ھادىسە تۈپەيلى كېلىپ چىققانلىقى ياكى بۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس " دەپ تەكىتلىگەن.

ماقالىدە يەنە، خىتاي ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى لى ۋېينىڭ " شىنجاڭدىكى مىلىتانلارنىڭ قەستى جىھاد ئەمەس، بۆلگۈنچىلىك ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ دەپ قارايمەن "دېگەنلىكىنى مىسالغا ئالىدۇ. ماقالىدە يەنە، خىتاينىڭ كىچىك ئىشنى چوڭايتىۋاتقانلىقى، باستۇرۇش ھەرىكىتىدە خەلقئارانىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكچى بولۇۋاتقانلىقى، جەنۇبىي شىنجاڭغا بارغان ساياھەتچىلەرنىڭ كىشىلەرنى ھېزبۇ - تەقرىر توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرىدىغان، تارقاق ھەج قىلىشنى قانۇنسىز دەيدىغان شۇئارلارنى ھەممە يەردە ئۇچرىتالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە قەشقەر ۋە كۇچا ۋەقەلىرىنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق خۇلاسىلايدۇ": خىتاينىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق باسقۇچى، بولۇپمۇ يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن قەشقەر ۋە كۇچادا نۇرغۇن گۇماندار مىلىتانلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. كېچىلىرى كۇچانىڭ كوچىلىرىدا قالپاقلىق ساقچىلار ئۈستى ئوچۇق جېپلاردا چارلاش ئېلىپ بارىدۇ. قەشقەردە بىر شوپۇر خىتاي رەھبەرلىرىنى ئۇيغۇرلارنى بوزەك قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان فاشىستلار، دەپ ئەيىبلىدى. دائىرىلەرنىڭ دۆلەت بايرىمىدا ۋەقە يۈز بېرىپ قېلىش ئەندىشىسى تۈپەيلى بىخەتەرلىك تەدبىرى1 ‏ - ئۆكتەبىردىن بۇرۇن يۇمشايدىغاندەك قىلمايدۇ " دەپ تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.