70 تىن ئارتۇق قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالىنى توختاتماستىن شەھەرنى ئايلىنىپ يۈرمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھارپا كېچىسىدىلا بېيجىڭدا 48 ئادەم ئېتىلداق ھادىسىسىگە ئۇچراپ يارىلانغان.
ئۈرۈمچىدە خىتايلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك چاغان ۋاڭ - چۇڭى
'شىنخۇا تورى' نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە خىتايلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئېتىلداق ۋاڭ - چۇڭى ۋە بۇتخانا سەيلىلىرى ئەۋج ئېلىپلا قالماي، گەرچە مېھمانخانا ياكى رېستورانلاردا ئورون باھاسى 1580 يۈەنگىچە ئۆستۈرۈلگەن بولسىمۇ، يەنىلا خىتايلارنىڭ'چاغانلىق يىللىق تاماق' پائالىيىتى بىلەن تولغان.
مېھمانخانا، رېستورانلاردىكى ئورۇنغا ئېرىشەلمىگەن خىتايلار يېمەك بۇيرۇتۇپ، 'يىللىق تاماق' پائالىيىتىنى ئۆيلىرىدە ئۆتكۈزگەن. رېستورانلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى چاغاندا 'پۈتۈن قوي كاۋىپى' دېگەن يېمەكنى بۇيرۇتمىغان بىرمۇ توختام يوق.
خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ 'شەرقىي تۈركستانچىلار'غا قارشى ھەربىي مەشىقى
خىتاينىڭ 'تېڭشۈن تورى'دا، خىتاينىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ قوراللىق ساقچى قىسىملىرى چاغان بايرىمىنى قوغداش ئۈچۈن، 'شەرقىي تۈركستانچىلار' غا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مەشىق ئېلىپ بارغانلىقى توغرىسىدا بىر خەۋەر ئېلان قىلدى. بۇ ھەربىي مەشق ھەققىدىكى فوتو سۈرەتلەرنىمۇ توردا كۆرسەتتى.
باي، توقسۇ قاتارلىق ناھىيىلەردە 'مۇقىملىقىنى قوغداش' ھەرىكىتى
خىتاينىڭ 'شىنجاڭ ئامانلىق تورى' دا بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم سېكرېتارى جۇ چاڭجې خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلىقى جۇ يوڭكاڭ بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش ھەققىدىكى 'يوليورۇقى'غا ئاساسەن، باي، توقسۇ قاتارلىق ناھىيىلەردە خىتايلارنىڭ چاغان بايرىمى مەزگىلىدە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ئىشىنى ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرغان.
يېزىلارغا بارىدىغان مەخسۇس گۇرۇپپىلارغا دىنىي ساھەدىكى يۇشۇرۇن ياكى بىخ ھالەتتە تۇرغان مەسىلىلەرنى ۋە كۆچمە نوپۇسلارنى بايقاشنى ۋە ئۇلارغا قاتتىق قوللۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى تاپشۇرغان.
قۇمۇلدىمۇ خىتاي ساقچىلىرى 'دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ھال سوراش' دېگەن نام ئاستىدا، قاتتىق زەربە بېرىش، چارلاش ھەرىكىتىنى جىددىي ئېلىپ بارماقتا.
ئىچكى ئىستىمالنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ساقلاپ قالغىلى بولامدۇ؟
ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'نيۇيورك تايمىس' گېزىتى، ياپونىيىدە چىقىدىغان 'ئاساخى شنبۇن' گېزىتى، گېرمانىيىدە چىقىدىغان 'بېرلىن گېزىتى' قاتارلىق گېزىتلەردە، خىتايدىكى ئىقتىسادىي مەسىلە ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ئوبزورلاردا بايان قىلىنىشىچە، ئۆتكەن 30 يىل ئىچىدە تېز سۈرئەت بىلەن تەرەققى قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي ئىقتىسادى، دۇنيادا ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بەرگەن ھامان ئاستىلاپ قالدى. '
دۇنيانىڭ زاۋۇتى' بولۇپ قالغان خىتايدا ئىقتىسادنىڭ ئۆسۈشى، ئۆتكەن يىلنىڭ 12 - ئېيىدىلا 6% گە چۈشۈپ قالدى. جۇجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى ئۈچ بۇرجەك ئىقتىسادىي رايونىدىلا ئىككى مىليون كىشىلىك ئىش ئورنى يوق بولدى. خىتاي جەمئىيىتىدە سىياسىي قالايمىقانچىلىقلار كۆپىيىشكە باشلىدى.
ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئېكسپورت ئاستىلاپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا، ئىچكى ئىستىمالنى قوزغىتىش ئارقىلىق ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ساقلاپ قالماقچى بولۇۋاتىدۇ. ياپون ئوبزورلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، سۈرئىتى ئۆزلىكىدىن ئاستىلاپ قالغان 'گېنېراتور'نى قانداق رېمونت قىلىش، بولۇپمۇ يەنە بىر قېتىملىق چوڭ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارمايلا ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىر قېيىن مەسىلە.
خۇ جىنتاۋ مەسىلىنى 'جىڭگاڭسەن روھى' بىلەن ھەل قىلماقچى
خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'شىنباۋ' گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، خۇ جىنتاۋ چاغاندا جىڭگاڭسەنگە بېرىپ، ئەينى زاماندىكى خىتاي قىزىل ئارمىيىسىنىڭ خۇاڭياڭجيېدىكى ئاكوپلىرىنى زىيارەت قىلىپ، قەبرىلەرگە گۈل تەقدىم قىلدى.
ۋېن جاباۋ سىچۇەندە يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان چاڭزۇ رايونىدىن ھال سورىغىلى بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىش ئۈچۈن قەدەھ كۆتۈردى. ئەمما خىتاي رەھبەرلىرى ھازىرقى ئىقتىسادىي كرىزىسنى 'جىڭگاڭسەن روھى'نى ۋە 'مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى'نى قوزغىتىش ئارقىلىق ھەل قىلالىشى ناتايىن.
