خىتاي 'سەزگۈر مەسىلىلەر' تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنى چەكلىمەكتە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.03.05
2010.03.05

Courtesy of Mizutani Naoko / Author of the Book
نۆۋەتتىكى خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسى غەرب ئەللىرىنىڭ دېموكراتىك تۈزۈلمىسىدىن پەرقلىق بولۇپ، خىتايدا دۆلەت ئىچىدە كومپارتىيە ھاكىمىيىتىگە نىسبەتەن ئوخشىمىغان پىكىر قاراشتىكىلەر چەكلەنسە، چەتئەللەردىكى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي تۈزۈلمىسى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى، بولۇپمۇ " ئۇيغۇر" ھەم " تىبەت"لەرگە ئائىت سەزگۈر مەسىلىلەر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چەتئەللىك مۇتەخەسىسلەرگە نىسبەتەن چەكلەش پوزىتسىيىسىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى خىتايدا چەكلىنىش بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ ئۆز تەتقىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتايغا بېرىپ تەكشۈرۈش، تەتقىقات ئېلىپ بېرىشى چەكلەنمەكتە ئىكەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مىزۇتانى نائوكونىڭ خىتاي چېگرىسىدىن كىرگۈزۈلمەسلىكىگە ئۇنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇ چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكتىپلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ "خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوغلانغان ئۇيغۇرلار" ناملىق كىتابىدا چەتئەللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئەھۋالى يېزىلغان ئىكەن. ئۇ بۇلتۇر "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيىگە كېلىشىدە كېپىل بولغانلىقى قاتارلىق پائالىيەتلىرى سەۋەب بولغان ئىكەن.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ياپونىيىلىك مۇتەخەسىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىي تۈزۈلمىسىنى تەنقىدلىگۈچىلەر ھەم خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تەھدىت خاراكتېرىدىكى ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدىغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى مىنېئو ناكاجىما ئىسىملىك يەنە بىر ياپونىيىلىك مۇتەخەسىسمۇ ئۆزىنىڭ خىتاينى كەلگۈسىدە 7 پارچىغا بۆلۈپ ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان "خىتاينىڭ پارچىلىنىشى"، "3 خىتاي"، "خىتايدىكى قوزغىلاڭلار"، "خىتايدىن كېلىۋاتقان تەھدىت" قاتارلىق ئەسەرلىرى سەۋەبلىك، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن، خىتايغا قارشى سۇيىقەست پىلانلىغۇچى چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ خىتايغا كىرىشتىن چەكلەنگەن ئىكەن.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان"شەپە" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىتاي چېگرىسىغا كىرگۈزۈلمەسلىكىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. "مېنىڭچە مىزۇتانى نائوكوغا ئوخشاش چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىتاي چېگرىسىدىن كىرگۈزۈلمەسلىكى يېڭىلىق ئەمەس. بولۇپمۇ 1989 - يىلى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن 4 - ئىيۇن تىەنئەنمىن ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب دېموكراتىك ئىدىيىلىرىنىڭ خىتايغا ئېقىپ كىرىشىنى جان - جەھلى بىلەن توسماقتا. ئۇلار خىتاي تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرگە شەرت قويۇش، ئۇلارغا خىتايدىكى سەزگۈر مەسىلىلەردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش قاتارلىق تەلەپلەرنى قويۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خىتاي چېگرىسى ئىچىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ تەلىپىگە قوشۇلمىغان، ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك تەتقىقاتچىلارغا بولسا تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى قويۇپ ئۇلارنىڭ خىتاي چېگرىسى ئىچىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىنى توسماقتا."
جاڭ ۋېيگو ئەپەندى، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئاراغا يۈزلىنىشى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى، چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارغا قاراتقان چەكلىمىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: "نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتە بارغانچە تونۇلۇشىغا ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان مىللىي سىياسىتىنى تەتقىق قىلغۇچى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرگە قاراتقان چەكلىمىلىرىنى كۈچەيتىپ ئەڭ يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈردى دېسەك بولىدۇ. شۇڭا بۇ تەتقىقاتچىلارنىڭ كىتابلىرى بۆلگۈنچىلىك تەشەببۇس قىلىنغان، خىتاينى پارچىلاش سۈيىقەستىدە يېزىلغان ئەسەرلەر دەپ قارىلىپ، خىتاي دۆلىتىدە چەكلىنىپ، بۇ تەتقىقاتچىلارنىڭ خىتايغا كىرىشى چەكلەنمەكتە."
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن پىششىق تونۇش بولغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن، خىتاينىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىقتىساد ئىلمى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان تور بېكىتى "ئۇيغۇر بىز" تور بېكىتىنىڭ ساھىبى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياپونىيىلىك مۇتەخەسسىس نائۇكانى چېگرىدىن كىرگۈزۈلمەسلىكىدەك بۇ ۋەقە پەقەت ياپونلۇق مۇتەخەسىسكىلا قارىتىلمىغان، مېنىڭچە بۇ ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان غەرب دۇنياسىدىكى زىيالىيلار ھەم تەشكىلاتلىرىغا بېرىلگەن بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولىشى مۇمكىن.بۇنى جۇڭگونىڭ ھازىرقى سىياسىي تۈزۈلمىسى سەۋەبىدىن، بەزى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەم خادىملىرىنىڭ چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ ئوخشىمىغان كۆزقاراشلىرىنى بىر خىل سۇيىقەست دەپ قارىغانلىقى سەۋەبىدىن بولۇۋاتىدۇ. ھازىر بېيجىڭدا 2 يىغىن ئېچىلىۋاتىدۇ، شۇڭا كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، چەتئەل زىيالىيلىرى ھەم ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە نىسبەتەن زىيادە سەزگۈرلۈك پوزىتسىيىسىدە بولۇۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن بولۇۋاتىدۇ."
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە پۇقرالارنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىشى، ئوخشىمىغان پىكىر قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى قاتتىق چەكلىنىۋاتقان خىتاي دۆلىتىدە، ئەلۋەتتە غەرب دېموكراتىك ئىدىيىسى بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار، مۇخبىرلار ھەم ساياھەتچىلەرنىڭ خىتاي چېگرىسى ئىچىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى بارغانچە ئومۇميۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلانماقتا ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.