بېيجىڭدا ئەرزدارلار دۆلەت ئىشلىرى كابېنتىغا يېڭى يىللىق ئەرزىنى سۇندى

2009‏ - يىلى بىرىنچى خىزمەت كۈنىدە، خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن نەچچە مىڭلىغان ئەرزدار، بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ خىزمەت بۇرچىنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئەرزدارلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلدى شۇنىڭدەك ئەرزدارلار يەنە تۈرمىدىكى ئەرزدارلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

0:00 / 0:00

1 ‏ - يانۋار كۈنى دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى ئەرزدارلار ئىشخانىسىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن يىغىلغان ئەرزدارلارنىڭ سانى 2 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى ئەرزىيەت ئىشخانىسى ئەرزدارلارنىڭ 5 نەپىرىنى ئۇلارغا ۋەكىل قىلىپ قوبۇل قىلغان.

ئەرزدارلار ئارىسىدىكى ۋاڭ خەي ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا " ئەرزدارلار يېڭى يىغىلغان ۋاقىتتا بىز ئارانلا 40 نەچچە ئادەم ئىدۇق، بىز ھۆكۈمەتنىڭ قارا تۈرمىسى ئۈستىدىن ئەرز سۇندۇق، بىز يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزىيەت نىزامنامىسىنى توغرا ئىجرا قىلىشىنى، ئەرز رۇجىكىنىڭ پەقەت تىزىملاش ۋەزىپىسى ئۆتۈشىنى ۋە ياكى ئىككى تەرەپ يەنى ھۆكۈمەت بىلەن ئەرزدارلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشىنى تەلەپ قىلدۇق. بىز ئەرز ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن ئىكەنمىز، بىزنىڭ مەسىلىمىز ھەل قىلىنىشى كېرەك، بىز ئەرزدارلارنىڭ تەلىپىنى ياخشى ئاڭلىماي، بىزنىڭ مەسىلىمىزنى باشقا جايلارغا ھەل قىلىشقا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ ئۆزى خاتا. بىز يەنە ھەر قايسى ئۆلكە‏ - شەھەرلەردە بېيجىڭنىڭ تەسىس قىلغان قارا تۈرمىلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ دەرھال بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز " دېدى.

ئەرزدار ۋاڭ خەيدىن باشقا، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ياڭ چيۇيۈمۇ ئەرزدارلارنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىلىشىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كىابىنېتى ئەتراپىدا ئىگىلىگەن ئەھۋاللىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى. ": ئەگەر ئەرزدارلار جاسارەتلىك بولسا، قوللىرىدىكى پاكىت ھۆكۈمەت ئۆزى تۇرغۇزغان ئاساسىي قانۇن ماددىلىرىغا ئۇيغۇن بولسا، ئەرز قىلىشتىن ھېچ باش تارتماسلىقى كېرەك. بەلكى ئەرزدارلارنىڭ ئەرزلىرى بىر مۇددەت باستۇرۇلۇپ قويۇلۇشى مۇمكىن. ھەتتا بىر قانچە ئەرزدارلار خىتاي ھوقۇق ئىجرا قىلغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلىشى، بىر قانچە ئەمەس مىڭلىغان ئەرزادارنىڭ قۇربان بېرىش ئېھتىماللىقى بار، لېكىن ئىنسان ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن قورقمىسا، 21 ‏ - ئەسىردە يەنى ئەركىنلىك دەۋرىدە بىر كۈن بولماي بىر كۈنى يېڭىپ چىقىدۇ".

ئەرزدارلار يەنە، ئۆز تەقدىرداشلىرىنىڭ كۆپىنىڭ ھۆكۈمەت تۈرمىسىدە بىھۇدە سولىنىپ ياتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئەرزدارلار ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى، ھەممىدىن مۇھىمى ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەر، يېزىلاردىكى بېيجىڭنىڭ شۇ جايلاردا تۇرۇشلۇق تۈرمىلىرىنىڭ بىكار قىلىنىشى ۋە تۈرمە ئىچىدىكى ئەرزدارلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گەنسۇ ئۆلكىسى پىڭلياڭ شەھىرى جىڭنىڭ ناھىيىسىدىكى جاڭ جىمۇ ئەرزدارلار قوشۇنىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئۇ ئەرز قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا 6 قېتىم بارغان، ئۇ بىر ئاي ئىلگىرى يەنە بىر قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ، بىر ھەپتە ئىلگىرى بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق گەنسۇ ئىش بېجىرىش ئورنىغا سولاپ قويۇلغان. ئىستانسىمىز مۇخبىرى ئۇنى تېلېفوندا زىيارەت قىلغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ بىر ھەپتىدىن بۇيان بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنىدا سولىنىپ ياتقانلىقىنى ئېيتىپ ":مېنىڭ گۇناھىم ئەرز سۇنۇپ قانۇنسىزلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكىم " دېدى.

جاڭ جىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ ئىلگىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزدارلارنى باستۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان خادىملىرى تەرىپىدىن قاتتىق تاياق يېگەندىن سىرت، 4 ‏ - قېتىم ئىش بېجىرىش ئورنىغا سولاپ قويۇلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىش بېجىرىش ئورنىدا يەنە 20 گە يېقىن ئەرزدار تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.

گەرچە دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى بىناسى ئالدىدا بۇ قېتىم يىغىلغان ئەرزدارلارنىڭ سانى ئىلگىرىكىدەكلا كۆپ بولۇشتەك ئوخشاشلىققا ئىگە بولسىمۇ، بىراق بۇ يىل ئەرزدارلار يېڭى يىل كىرىشى بىلەن تەڭ ئۆز ئەرزلىرىگە داۋا تېپىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن. ھۆكۈمەتتىن ئۈمىدسىزلەنگەن خەلق ئاممىسى ئۆيلىرىدە بايرام ئۆتكۈزۈش ئىشتىياقىنى قايرىپ قويۇپ، تېزلىكتە ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ئۆزلىرىگە تەسەللى تېپىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن.

ئەرزدار ۋاڭ خەيجېننىڭ قارىشى جاڭ جىننىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزدارلارنى باستۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىشىگە قارىماي، ئەرزدارلارنىڭ غەيرىتىمۇ كۈچەيمەكتە ئىكەن.

ۋاڭ خەيجىن " بىز ئەرزدارلار ئۆزىمىزنىڭ قايتماس بىر يولدا ئىكەنلىكىمىزنى ئېنىق بىلىمىز، چۈنكى ھۆكۈمەت ئەرزدارلارنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئەمەس، بەلكى ئەرزدارلارنى قاتتىق باستۇرۇش ۋە زىيانكەشلىك قىلىشتەك رەزىللىكىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەرزدارلارنى ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىش ئەمەس، ئادىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشكە، ئۆز كىشىلىك مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۈندىمەكتە،" دېدى.