مۇخبىرلار غەزەپلەنمەكتە
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىدا خىتاينىڭ يۈزى تۆكۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى. ئا ر د تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن ئەۋەتىلگەن نەق مەيدان خەۋەرلىرىدىمۇ مۇخبىرلارنىڭ " خىتاي بىزنى ئالداپتۇ " دېگەن زارلىرى ئىكرانلارنى قاپلىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يالغۇز خىتايلا ئەمەس، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىمۇ قاتتىق تەنقىد ئاستىغا ئېلىندى.
31 - ئىيۇلدىكى " خىتاينىڭ ئىنتېرنېت قامالى دۇنيانىڭ نەپرىتىنى قوزغىماقتا" ناملىق خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئولىمپىك كومىتېتى مەسئۇلىنىڭ " بىز ئاخباراتنى قامال قىلىدىغان بىر كوممۇنىستىك پارتىيە دۆلىتى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىۋاتىمىز. بىز ئۇلار رۇخسەت قىلغانغا ئېرىشەلەيمىز. بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سۆھبىتىمىزنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئاخبارات ئەركىنلىكى دېگەن گەپ، ئولىمپىكنى ئەركىن خەۋەر قىلىش دېگەن گەپ، خىتاينى ئەركىن خەۋەر قىلىش دېگەن گەپ ئەمەس. بۇ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ" دېگەن سۆزى خەلقئارا مۇخبىرلارنىڭ قاتتىق غەزەپ - نەپرەتلىرىنى قوزغىغان.
قورال كۈچىگە تايىنىپ ياشاۋاتقان ھاكىمىيەت
سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، بىر ھەپتىدىن كېيىن بېيجىڭغا كېلىدىغان 25 مىڭ مۇخبىرنىڭ خىتاينى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان تەرەپلىرىنى ئانالىز قىلماقتا. ھەق - ناھەقنىڭ ئاشكارىلىنىپ، ساختىپەزلىكلەرنىڭ پاش بولۇپ قېلىشىنىڭ خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ قورقۇنچىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. ئۇنداقتا نېمىلەر پاش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن؟
ئەلۋەتتىكى، پاش بولۇپ قالىدىغان نەرسىلەرنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت ھېسابسىز دەلىل - ئىسپاتلار ئوتتۇرىغا چىققاندىن سىرت، خىتايدا بازارغا سېلىنىۋاتقان تاۋارلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئەسلىدە غەربنىڭ مېلى ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ. مۇھىم بولغىنى، خەلقنىڭ كومپارتىيىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ تۈگىگەنلىكى، كومپارتىيىنىڭ خەلق نەزىرىدىكى ئوبرازىنىڭ تامامەن ئۆلگەنلىكى، ھەممىلا يەرنى نارازىلىقلار قاپلىغانلىقى، بۇ ھاكىمىيەتنىڭ پەقەتلا زورلۇق ۋاستىلىرىغا تايىنىپ ئۆزىنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقانلىقى پاش بولۇپ قالىدۇ.
تېررور پەيدا قىلىدىغان ئامىللار كۆپ
تېررور مۇتەخەسسىسلىرى بولسا، خىتايدا يۈز بەرگۈسى قارشىلىقلارنى ئانالىز قىلماقتا. خىتايدىكى غەزەپلىرىنى ئىچىگە سىغدۇرالمايۋاتقان دېھقانلار، ھەقسىزلىككە ئۇچرىغان پۇقرالار، ئوخشىمىغان ئىدىيىدىكى شەخسلەر قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرنىڭ تېررور پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئامىللار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بولۇپمۇ، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ ئولىمپىكتىن ئىبارەت بۇ پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن ھەر قانداق چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەشمەكتە.
خىتاينىڭ تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ كۈنمىڭ ۋە شاڭخەيدىكى پارتلاشقا ئىگە چىققانلىقىنى ئىنكار قىلىشىدىكى سەۋەبنى، بۇ قېتىمقى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقۇچىلارنى ھۈركىتىۋەتمەسلىك، بۇ قېتىم ئالىدىغان قانچە ئون مىليارد دوللاردىن قۇرۇق قالماسلىق ۋە يۈزىنى تۆكۈۋالماسلىقتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىۋاتقان خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى، ئەگەر بۇ ۋەقە ئولىمپىك ھارپىسىدا ئەمەس، ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز بەرگەن بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق تۆھمىتى بىلەن قارىلاپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يەنە بىر قېتىم قانلىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىشقا دەسمايە بولۇشىنىڭ تامامەن مۇمكىنلىكىنى ئىزاھلاشماقتا.
ئۇيغۇرلار ئويغىنىدىغان دەۋىر كەلدى
لېكىن، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللايدىغان كىشىلەر قىلچە ئىككىلەنمەي " ئۇيغۇرلار بۇ تارىخى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىكى كېرەك. ئۇيغۇرلار قانداق چارىلەرنى قوللانسا قوللانسۇنكى، ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، مىللىي ئىرادىسى ۋە ھاياتلىق ھەقلىرىگە بولغان ئىستەكلىرىنى دۇنيا ئاڭلىغىدەك بىر رەۋىشتە جاكارلىسۇن، ئۇيغۇرلار نېمە قىلسا قىلسۇنكى، شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرسۇن دېيىشمەكتە.
گېرمانىيىلىك تۈرك زىيالىسى جۈنەيد ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىنسانىيەتسىزلىكىنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى بىر باسقۇچقا يەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان دەۋرىنىڭ ئاللا بۇرۇن يېتىپ كەلگەنلىكىنى، ھەر قانداق مىللەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە بۇنىڭ نوقۇل تاشقى ياردەمنىڭ كۈچى بىلەنلا ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
خىتاي زادى قانچىلىك قۇدرەتلىك؟
مۇتەخەسسىسلەر. خىتاينىڭ زادى قانچىلىك قۇدرەتلىك ئىكەنلىكى ھېلىمۇ دۇنيا ئۈچۈن بىر سىر، دەپ قارىماقتا. ھەربىي تەرەققىياتتا ئاجايىپ سەر خىل قوراللىرىنى داۋراڭ قىلىۋاتقان، ئامېرىكا بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلىۋاتقان خىتاي، " كىچىككىنە تېررورىستلار" دىن شۇنچىلىك قورقۇپ، دۇنيادىن ياردەم تەلەپ قىلماقتا.
ئىقتىسادى تەرەققىياتتا قانچە ئون مىليارد دوللار زاپاس مەبلىغى بارلىقىنى، ئىگىلىكىنىڭ يەنىلا ئىلگىرىلەش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئېكسپورت ساھەسىدە چېمپىيونلۇق ئورنىغا چىقىۋاتقانلىقىنى كۆز - كۆز قىلىۋاتقان خىتاي، غەربنىڭ تەرەققى قىلغان ئەللىرىدىن ھەر يىلى مىلياردلاپ دوللار تەرەققىيات ياردەم پۇلى ئالماقتا. سىياسىي جەھەتتە ئاسىيا ۋە ئافرىقا قىتئەلىرىنى تەسىرى ئاستىغا كىرگۈزۈپ بولغانلىقىنى كۆرەك قىلىۋاتقان خىتاي، ئالقانچىلىك بىر يېزىسىدا يۈز بەرگەن توپىلاڭنى باستۇرۇپ بولالماي پەريات چەكمەكتە. خىتاينىڭ قۇدرىتى زادى قانچىلىك؟ دېگەن سوئاللارنى قويۇشماقتا.