'خىتاي 2012‏ - يىلىدىن بۇرۇن ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلغۇسى'

'ھىنىدستان دۆلەت مۇداپىئە كۆزەتكۈچىسى' گېزىتىدە 7‏ - ئاينىڭ 12‏ - كۈنى، مەزكۇر گېزىتنىڭ باش مۇھەررىرى بخارات ۋېرما ئەپەندىنىڭ " خىتاي ئەسەبىلەشسە، 2012‏ - يىلىدىن بۇرۇن ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن " دېگەن تەسەۋۋۇرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۇ ماقالىنى كۆچۈرۈپ بېسىپلا قالماي، بەلكى بۇ ھەقتە مۇلاھىزە قىلىشقا باشلىغان ئىدى.

0:00 / 0:00

ب ب س 7‏ - ئاينىڭ 23 ‏ - كۈنى، 'خىتاي 2012‏ - يىلىدىن بۇرۇن ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلغۇسى' دېگەن ماقالىنىڭ ئاپتورى بخارات ۋېرما ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن زىيارەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى.

ۋېرما ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ھازىر جەمئىيەت ئېغىر داۋالغۇش ئىچىدە . خىتايدا ئىكىسپورت ئاستىلاپ كەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەخسىيلەرگە قەرز پۇل تارقىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنى قوزغىتىش پىلانىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلمىدى، بەلكى دۆلەت ئىچىدىكى تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سرتقا ئېقىشقا باشلىدى. خىتايدا كىشىلەر ھازىر بەس - بەستە سرتقا پۇل يۆتكەپ، خوڭكوڭدىن ئالتۇن ئېلىۋاتىدۇ. دېڭىز بويلىرىدىكى تەرەققى قىلغان رايونلاردا ناھايىتى كۆپ زاۋۇت تاقىلىپ كەتتى. ھازىر ئىشسىزلىق نېسبىتى 14%گە چىقتى، ئىشسىزلارنىڭ سانى 30 مىليوندىن ئاشتى. دۆلەت ئىچىدە ئىجتىمائى زىددىيەت بارغانسىرى كەسكىنلەشتى. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلققە بولغان كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، ۋەتەن سۈيۈش شۇئارىنى توۋلاشقا باشلىدى. خىتاينىڭ ئامال بولمىغاندا خىتاي مىللەتچىلىكىنى قوزغىتىىدىغان بۇ تەدبىرى ئەمدى ئىشقا ئاشمىسا، سرتقا قارىتا ئۇرۇش قوزغاپ، خەلقنىڭ دىققىتىنى سرتقا بورىماقىتىن ئۆزگە ئامالى يوق.

ۋېرما ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايلار ئۆزلىرىگە بەك تەمەننا قويىدىغان بولۇپ كەتتى. ئۆزلىرىنى ناسىسىت گىتلېردىنمۇ 'ئەقىللىق'، بىرەر مىللەتنى پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتەلەيدىغان قابىلىيەتكە ئىگە، ئاسىيادا ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيانى سورالايدۇ، دەپ قارايدۇ. گەرچە تېخنىكا جەھەتتە ئامېرىكىدىن ناھايىتى كۆپ قالاق بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ھەدەپ غەرب ئەللىرىنىڭ ئاسىيادىكى مەدەنىيەت تەسىرىنى تازىلاشقا كىرىشتى. گەرچە ئۆزى ناھايىتى ئېغىر ئىقتىسادىي كرىزىس ئىچىدە قېلىپ، بىر كىمگە پۇت ئاتالماي تۇرسىمۇ، يەنىلا گەپنىڭ چوڭىنى قىلىپ، غەرب بىلەن ئىقتىسادىي دېئالوگ قىلىمەن دەۋاتىدۇ.

ۋېرما ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ پاكىستاننى قوراللاندۇرۇپ ھىندىستانغا ھەيۋە قىلىش پىلانىمۇ ئاقمىدى، ھازىر پاكىستان ئۆزى ئىچكى ئۇرۇش ئىچىدە قالدى، ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ جان قايغۇسىدا. خىتاي ئەمدى ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزالمايدۇ. خىتاي ھازىر باشقا ئارال دۆلەتلىرىنى بوزەل قىلاي دېسە، خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيىسى كېرەككە كەلمەيدۇ. ۋېيتنامنى بوزەك قىلاي دېسە، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىپ بۇرنىغا بىر قېتىم يېگەن، ئەمدى يەنە بۇ پاتقاققا پاتقۇسى يوق. ياپونىيىگە ھۇجۇم قىلاي دېسە، ئامېرىكىنىڭ ئۇنى قوغدايدىغان مەجبۇرىيىتى بار. تەيۋەننى بوزەك قىلاي دېسە، ئامېرىكىنىڭ ئۇنىمۇ قوغدايدىغان مەجبۇرىيىتى بار، ئەمەلىيەتتە ھازىر تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىدىغان ھېچقانداق باھانە يوق، تەيۋەننىڭ يېڭى پرېزىدېنتى خىتاينى رازى قىلىۋاتىدۇ. شەرقى دېڭىزدىكى كىچىك ئاراللارغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق سرتقا كېڭىيىشنى ئويلىغان ئىدى، ئەتراپتىكى بىر مۇنچە كىچىك دۆلەتلەر 'بۇ بىزنىڭ زېمىن' دەپ قوپۇپ، خىتاينى يېقىن كەلتۈرمەيۋاتىدۇ.

ۋېرما ئەپەندىنىڭ قارىشىچە،خىتاينىڭ دېڭىز بويىدىكى تەرەققى قىلغان رايونلىرىدا ئىجتىمائى مەسىلىلەر كۆپەيگەن ئىدى. خىتاي دەرھال خەلقنىڭ دېققىتىنى بوراش ئۈچۈن ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى پەيدا قىلدى، بۇنى باھانە قىلىپ ئۇجايغا يەنە ئەسكەر يۆتكىۋالدى. ئامېرىكا ھىنىدىستان بىلەن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن، خىتاي ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال شىتاتىنى 'جەنۇبىي تىبەت، بۇ بىزنىڭ زېمىنىمىز' دەپ جاكارلاپ، ئاسىيا بانكىسىنى بۇ رايونغا قەرز پۇل بەرگۈزمەي، بۇ شىتاتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلدى. خىتاي 'ئۈچ خىل كۈچلەر' دەۋاتقان كىشىلەر تىبەتتىمۇ بار، ئەمدى خىتاي پەقەت ھىندىستاننىڭ مۇشۇ شتاتىنى، يەنى ھىنىدستاننى ھۇجۇم نىشانى قىلىشى مۇمكىن. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدىمۇ، خەلقئارادىمۇ ئىشى ئاقماي، توسۇلۇپ بىر يەرگە باردى. يەنە ئىككى - ئۈچ يىلدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشىنى يۈرۈشتۈرەلمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئۇ ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلىشى، بەلكى 2012‏ - يىلىدىن بۇرۇن ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن.

ۋېرما ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئەگەر ھىنىدىستانغا ھۇجۇم قىلسا، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا پەقەت بىر دائىرىلىك ئۇرۇش بولىدۇ، چۈنكى ھىندىستانمۇ ئاجىز ئەمەس، خىتايدەك يېتىم قالغان ئەمەس، بەلكى خەلقئارادا قۇدرەتلىك ئىتتىپاقداشلىرى بار.

'ھىنىدستان دۆلەت مۇداپىئە كۆزەتكۈچىسى' گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى بخارات ۋېرما ئەپەندىنىڭ 'خىتاي 2012‏ - يىلىدىن بۇرۇن ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلغۇسى' دېگەن تەسەۋۋۇرى ھازىر خەلقئارادا داۋاملىق غۇلغۇلا قوزغاۋاتىدۇ.