خىتاي ھۆكۈمىتى 18-قۇرۇلتاي ھارپىسىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش «پاكلىق قۇرۇلۇشى» غا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان خىتايدا ۋە ئۇيغۇر ئىلى تەۋەسىدە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق بىلەن شۇغۇللانغان بىر تۈركۈم جىنايەتچىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ خىيانەت بىلەن شۇغۇللىنىپ جازالانغان ئەمەلدارلار ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا بەكرەك دىققەتنى چەكمەكتە.
ئۇيغۇر ۋەتىنى دائىرىسىدە، تېخى يېقىندىلا ئىلى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاۋ باۋخۇا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن جازالانغان، ئۇنىڭدىن كېيىن رەڭلىك مېتال ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ يۈمىڭ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى ئوخشاش جىنايەت بىلەن جازاغا ئۇچرىغان ئىدى.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 15-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش ئورگانلىرى ئالدىنقى يېرىم يىلدا خىيانەتچى ئەمەلداردىن 11 نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جىنايەتلىرى ئاشكارىلىنىۋاتقان ئەمەلدارلارنىڭ سانى ئاز ئەمەس. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ 11 نەپەر جىنايەتچىلەرنىڭ ھەممىسىلا ھاكىم ۋە باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئەمەلدارلار بولۇپ، ئۇلارغا چېتىلغان ئىقتىسادنىڭ قىممىتى 73 مىليون 308 مىڭ سومغا يەتكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى نىشان ئىبراھىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئالدىنقى يېرىم يىلدىلا كەسپىي جىنايەت دېلوسىدىن 276 نى تۇرغۇزۇپ، 308 كىشى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
چەتئەلدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتايلار ئۇيغۇر ئېلىدە ھوقۇق تۇتۇشنى بايلىق توپلاش بىلەن بىر مەنىدە چۈشەنگەنگە ئوخشاش، ئۇيغۇر پۇقرالىرىمۇ ھوقۇق تۇتقان خىتايلارنى بۇلاڭچى بىلەن ئوخشاش مەنىدە چۈشىنىدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، خىتاي خىيانەتچى، پارىخور ئەمەلدارلىرىنىڭ جازالىنىش مەسىلىسىگە قارىتا ھەرخىل ئىنكاسلار مەۋجۇت. بېزىلەر «بۇ جازالار پېچىكىنى قۇربان قىلىپ، شاھنى قۇتۇلدۇرۇش ھىيلىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇيغۇر ئېلىدە خىيانەت قىلمايدىغان، پارا ئالمايدىغان ئەمەلدار يوق. ۋاڭ لېچۇەنگە ئوخشاش چوڭ بېلىقلار مەڭگۈ تورغا چۈشمەيدۇ» دەپ قارىماقتا.
بۇ خىل قاراشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان د ئۇ ق تەشۋىقات-نەشرىيات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر دىيارىدا ھوقۇق تۇتقان خىتايلار ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەر»نى باستۇرۇپ، ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ بەرسىلا، باشقا جىنايەتلىرىنىڭ سۈرۈشتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسىدىلا «بۇ جاي ھامان قولدىن كېتىدۇ» دەيدىغان بىر ئەندىشە مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ئەمەلدارلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بايلىق توپلاشقا كىرىشىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايلار ۋاقتى كېلىپ، ئۇيغۇر دىيارى قولدىن چىقىپ كەتكۈدەك بولسا، توپلىغان بايلىقلىرىنى كۆتۈرۈپ قېچىشنىڭ كويىغا كىرگەن، خۇددى ياڭ زىڭشىڭ، جىڭ شۇرىن، شىڭ شىسەيلەرگە ئوخشاش. بارىن ۋەقەسى ۋە ئۇندىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەرمۇ بىر قىسىم خىتايلارنى يۇرتىغا قېچىشقا مەجبۇرلىغان.
ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتاي خىيانەتچى ئەمەلدارلىرىنىڭ جازالىنىش مەسىلىسىگە قارىتا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلاردا بولۇۋاتقان د ئۇ ق تەشۋىقات-نەشرىيات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ پىكرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
