نۇر بەكرى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ بۇ كۆرسەتمىسىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تور بېتىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ روزى ھېيتى جەريانىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى، ساياھەت قىلغۇچىلارنى قاتتىق تەكشۈرۈشنى، جايلاردا ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئائىلىلەرگىچە بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەكىتلىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 'دۆلەت بايرىمىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش' دېگەن نام بىلەن ھازىر ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ئادەم تۇتۇش، ئاختۇرۇش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز - ئارا بېرىش - كېلىش قىلىشىنىمۇ چەكلىمەكتە
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنىڭ روزى ھېيتى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىدە كىملىك رەسمىيىتى يوق كىشىلەرنى تۇتۇۋاتىدۇ، شەھەردىن قوغلاۋاتىدۇ. قەشقەر، غۇلجا، خوتەن يېزىلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز - ئارا بېرىش كېلىش قىلىشىنى چەكلەۋاتىدۇ.
خىتاي ئۆزىنىڭ دۆلەت بايرىمى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىدىغان قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ئۆزىنىڭ دۆلەت بايرىمى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىدىغان قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.