" كوممۇنىست خىتاي شىنجاڭنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، بىر تۇرۇپ يۇمشاق، بىر تۇرۇپ قاتتىق قوللۇق مۇئامىلە قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ھۆكۈمرانلىق ۋاستىسى قوللىنىپ كەلمەكتە."
ئىككىنچى باب: خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋاستىلىرى
لىن باۋخۇ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋاستىلىرىنىڭ ئىچىدىكى يۇمشاق مۇئامىلە قىلىش ۋاستىسى - - - ئاپتونوم رايون قۇرۇپ ئالدامچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلىيەتتە 'ئاپتونوم رايون' دېگەن ئالدامچىلىقتا، ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش بىلەن باستۇرۇشنى تەڭلا ئاساسي ئورۇنغا قويۇپ كېلىۋاتىدۇ.
خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى
لىن باۋخۇ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، كوممۇنست خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان نوپۇس سىياسىتى ئارقىلىق، ئۇنىڭ بۇ جاينى پەيدىن - پەي خىتايلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. گەرچە خىتاي بۇ جاينى 'ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى' دەپ ئاتاۋاتسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ جاينىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى تېز سۈرئەت بىلەن ئۆزگەرتىش ئارقىلىق خىتايلاشتۇرۇۋاتىدۇ. خىتاي ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 1954 - يىلى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بىرىنچى قېتىملىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئومۇم سايلامدا تىزىملانغان شىنجاڭ نوپۇسى 4 مىليون 873 مىڭ 608، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 3 مىليون 640 مىڭ 125. دېمەك ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ تۆتتىن ئۈچىنى تەشكىل قىلاتتى. 1980 - يىلى نەشر قىلىنغان 'ئوكيانۇس'تا ئۇيغۇر نوپۇسى شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ بەشتىن ئۈچىنى تەشكىل قىلىدۇ، دەپ ئېلان قىلىندى. دېمەك بۇ ئۆزگىرىش، تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن خىتاي نوپۇسىنىڭ بۇ جايدا نەقەدەر تېز كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
لىن باۋخۇ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ شىنجاڭنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ساختا مەلۇمات بېرىۋاتقانلىقى سىر ئەمەس. ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرغان مۇشۇنداق ساختا مەلۇماتقا ئاساسلانغاندىمۇ، شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىۋاتقان خىتاي نوپۇسى 2000 - يىلىغا كەلگەندە %31 كۆپەيگەن؛ 2005 - يىلىغا كەلگەندە بۇ نىسبەت %39 گە يەتكەن. بۇ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىك بولمامدۇ؟
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى - - - خىتاي مەنزىرە ياسايدىغان 'تەشتەك'
- خىتاي قۇرغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئۇنىڭغا قويۇلغان ئۇيغۇر باشلىقلار، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ مەنزىرە ياسايدىغان 'تەشتەك'لىرى، - دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەيۋەن خەلقىگە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن يازغان " 1949 - يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان شىنجاڭ" دېگەن ئىخچام كىتابىنىڭ 'خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋاستىلىرى' دېگەن بابىدا، - ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 1955 - يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا رەئىس قىلىپ بەلگىلەنگەن سەيپىدىن ئەزىزى ئەسلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى، كېيىن ئۇنىڭ پارتىيە مۇناسىۋىتى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.
ئۇنىڭدىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۆلكە رەئىسى، كېيىن جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان بۇرھان شەھىدىمۇ 1933 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدا 'ئىنقىلابىي' تەشكىلاتقا قاتناشقاندىن كېيىن شىنجاڭغا كەلگەن. ئۇ 1949 - يىلى 'تىنچلىق بىلەن ھەقىقەتكە قايتقان'دىن كېيىن، ۋاڭ جېننىڭ كۆرسىتىشى بىلەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. بۇلارنىڭ ھېچقايسى ئاللاھ بىلەن مۇھەممەتنى تونۇمايدىغان بەلكى ماۋ زېدۇڭنىلا تونۇيدىغان كىشىلەر ئىدى. ئۇلار ھەرقانچە ساداقەتلىك ئىپادىلىسىمۇ، خىتاي ئۇلارغا قارار قىلىش ھوقۇقى بەرگەن ئەمەس.
خىتاي ھۆكۈمىتى 'مەدەنىيەت ئىنقىلابى' دا ئوينىغان ئىككى ھۇشۇق
خىتاي ھۆكۈمىتى 'مەدەنىيەت ئىنقىلابى' دېگەن ھەرىكەتتە سەيپىدىن بىلەن بۇرھاندىن ئىبارەت بۇ ئىككى ھۇشۇقنى تازا ئوينىدى. 1968 - يىلى سەيپىدىننى قوغداپ ئۆتكەلدىن ئۆتكۈزۈپ، بۇرھاننى ئىسيانچىلارغا تالىتىپ تۈرمىگە تاشلىدى. بۇ جەرياندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋاڭ جېننىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ - ئادەتلىرىنى ۋەيران قىلىشنى داۋاملاشتۇردى.
بۇرھان تۈرمىدە تۇرۇپ 'شىنجاڭنىڭ 50 يىلى' دېگەن كىتابنى يېزىپ چىققاندىن كېيىن، سەيپىدىننى بېيجىڭغا ئەكىلىپ نەزەربەنتكە ئېلىپ، بۇرھاننى مىللىي، دىنىي ۋە ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ دەپ جاكارلاپ، ئەمەلىيەتتە شىنجاڭدا ئۇنىڭ نوپۇزىنى تىكلىدى.
ئىسلام كۇرسىدا جاڭ زېمىننىڭ گەپلىرى دەرسلىك قىلىنغانلىقى تېخىمۇ غەلىتە
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، 2001 - يىلى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئېچىلغان 'ئىسلام ۋەتەنپەرۋەر زاتلار كۇرسى' دا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سېكرىتارى جاڭ زېمىننىڭ 1 - ئىيۇل نۇتقى دەرسلىك قىلىنغانلىقى، بولۇپمۇ 'ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش' دېگەن سەپسەتىنىڭ بۇ كۇرستا مۇقەددەس 'قۇرئان' غا ئايلاندۇرۇلغانلىقى تېخىمۇ غەلىتە ۋەقە.
خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرچە كىتابلارنى كۆيدۈردى
مۇشۇ يىللاردا، - دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى، - خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى قەشقەردە ئۇيغۇرچە كىتابلارنى كۆيدۈردى. ھەتتا ئۇيغۇرچە 'ھۆنەر - كەسپ رىسالىلىرى'نىمۇ، ئىچىدە قۇرئاندىن ئۈزۈندىلەر بار ئىكەن دەپ كۆيدۈردى.
11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەنئەنىلىرىنى كېسىپ تاشلاپ خىتايلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، 18 ياشقا توشمىغان ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ مەسچىتكە كىرىشنى، ناماز ئۆتىشىنى چەكلىدى. ھازىر شىنجاڭدا ئىقتىساد ھوقۇقى خىتايلارنىڭ قولىدا بولغاچقا، خىتاي تىلىنى بىلمەيدىغان (خىتايلاشمىغان) ئۇيغۇرلارنى خىزمەتكە ئالمايدۇ. دېمەك خىتاي ھۆكۈمىتى 'دىنىي ئەركىنلىك' دەپ ئالدامچىلىق قىلىپ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ.