1949 ‏ - يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان 'شىنجاڭ' (5)

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تارىخىنى تەتقىق قىلىش بىلەن تونۇلغان، ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەيۋەن خەلقىگە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن يازغان " 1949 ‏ - يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان شىنجاڭ" دېگەن ئىخچام كىتابىنىڭ ئۈچىنچى بابىنى، يەنى 'خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋاستىلىرى' دېگەن بابىنى تۆۋەندىكىدەك باشلايدۇ.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008-07-28
Share
BasturulghanUyghurlar-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﭖ ﻳﺎﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﺨﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﻧﯜﻧﯜﺵ.
news.boxun.com / Wang Lixiong
 "كوممۇنىست خىتاي شىنجاڭنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، بىر تۇرۇپ يۇمشاق، بىر تۇرۇپ قاتتىق مۇئامىلە قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى قوللۇق ھۆكۈمرانلىق ۋاستىسى قوللىنىپ كەلمەكتە."

ئۈچىنچى باب: خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋاستىلىرى

لىن باۋخۇا ئەپەندى كىتابىنىڭ 'خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋاستىلىرى' دېگەن بابىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇمشاق ۋاستا قوللىنىپ، يەنى ئاپتونوم رايون قۇرۇپ ئالدامچىلىق قىلغانلىقىنى، 'ئاپتونوم رايون' ئارقىلىق خىتايلارنى كۆپلەپ كۆچۈرۈپ كېلىپ يەرلىك خەلقنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش بىلەن باستۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى قوللۇق سىياسەتنى تەڭلا يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى؛ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'بىڭتۇەن' قۇرۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەر ئىگىلەپ، ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ھەممە ھوقۇقنى تەدرىجى ھالدا كۆچمەن خىتايلارنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە 'بىڭتۇەن' ئارقىلىق قوشنا دۆلەتلەرگە كېڭەيمىچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغاندىن كىيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى قانداق باستۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ جەريانىنى بايان قىلغان.

قارشىلىق ۋە باستۇرۇش

لىن باۋخۇا ئەپەندى " 1949 ‏ - يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان شىنجاڭ" دېگەن كىتابىنىڭ 'خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋاستىلىرى' دېگەن بابىنىڭ ئۈچىنچى قىسمىنى، يەنى 'قارشىلىق ۋە باستۇرۇش' دېگەن قىسمىنى مۇنداق دەپ باشلايدۇ: خىتاينىڭ شىنجاڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن يازدۇرۇپ ئىچكى قىسىمدا تارقاتقان 'دۆلەت مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا' دېگەن كىتابتا، شىنجاڭنى قانداق قىلىپ 'مۇقىم' قىلىش ھەققىدىلا پىكىر يۈرگۈزۈلگەن.

بۇ كىتابتىكى 'شىنجاڭدا 1950‏ - يىلىدىن 1955 ‏ - يىلىغىچە ئېلىپ بېرىلغان بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۆرەش مۇساپىسى' دېگەن دوكلاتتا، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى 1946 ‏ - يىلى 1 ‏ - ئايدىن 1951 ‏ - يىلى 9 ‏ - ئايغىچە داۋام قىلغان ئوسمان ئىسلام باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭنى؛ 1950 ‏ - يىلى 7 ‏ - ئايدا ئېلىدە يۈز بەرگەن راخمانوف باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭنى؛ 1951 ‏ - يىلىدىن 1968 ‏ - يىلىغىچە يۈز بەرگەن توققۇزتارادىكى مالىك ھاجى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭ؛ خوتەندىكى ئابلىمىت داموللا باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭ؛ يېڭىساردىكى جېلىل ھاجى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭ؛ قۇمۇلدىكى ئەلى قۇربان، سېيىت ھامۇتلار باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭ؛ بايدىكى ھەسەن باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭ؛ 1962 ‏ - يىلى ئېلىدە يۈز بەرگەن 29 ‏ - ماي چېگرا قوزغىلىڭى؛ 1968 ‏ - يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى يېتەكچىلىكىدىكى قوزغىلاڭ قاتارلىق يەرلىك خەلقنىڭ خىتايدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى 'ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭ' دەپ بېكىتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1980‏ - يىللاردىن كېيىن يۈز بەرگەن قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرى

لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1980‏ - يىللاردىن كېيىن يۈز بەرگەن ئاقسۇ ۋەقەسى، قارغىلىق ۋەقەسى، قەشقەردە يۈز بەرگەن 30 ‏ - ئۆكتەبىر ۋەقەسى، ئاقتۇدا يۈز بەرگەن بارىن ۋەقەسى، خوتەندە يۈز بەرگەن 7 ‏ - ئىيۇل ۋەقەسى قاتارلىق يەرلىك خەلقنىڭ كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىنىڭ خاراكتېرىنى 'سىياسى مالىمانچىلىق' دەپ بېكىتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا يەرلىك خەلقنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى مەيلى نېمە دەپ بېكىتسۇن، ھەتتا خەلق ئىچىدىكى زىددىيەت دەپ بېكىتكەنلىرىنىمۇ، ھەممىسىنى قوراللىق باستۇردى.

'كوسوۋا كرىزىسى شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلەرگە كۈچلۈك سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن' دەپ ئۇيغۇرلارنى باستۇردى

لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋاڭ لېچۈەن نەشر قىلدۇرغان 'دۆلەت مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا' دېگەن كىتابتا '1999 ‏ - يىلىدىكى كوسوۋا كرىزىسى شىنجاڭدا بىز ئېلىپ بېرىۋاتقان بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ۋەزىيىتىدە يېڭى ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. مىللىي توقۇنۇش ھازىر دۇنيادىكى داۋالغۇشلارنىڭ بىۋاستە سەۋەبى بولۇپ قالدى. كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئارىلىشىش ھازىر ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قانۇنى بولۇپ قالدى. بۇنداق ئەھۋالدا، كوسوۋا كرىزىسى بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلەرگە كۈچلۈك سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن' دەپ يېزىلغان.

شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا باستۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ ۋە ئۇيغۇرلارنى رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرۇشنى 'ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە' دەپ قاراپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇش جەريانىدا 500 دىن ئارتۇق 'دېلو' پاش قىلغانلىقىنى دۇنياغا كۆز - كۆز قىلىپ كەلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش بايرىقىنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىپ كەلمەكتە

لىن باۋخۇا ئەپەندى " 1949 ‏ - يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان شىنجاڭ" دېگەن كىتابىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنى تەيۋەن خەلقىغە بىر - بىرلەپ تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 11 ‏ - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، دۇنيانىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش بايرىقىنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىپ كەلمەكتە.

دېڭ شاۋپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان 'قاتتىق باستۇرۇش' نى ۋاڭ لېچۈەن 'مۇقىملىقنى ساقلاش' دېگەن نام بىلەن قوللاندى

لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، دېڭ شاۋپىڭ 80 ‏ - يىللاردا 'قاتتىق زەربە بېرىش' باستۇرۇش دېمەكتۇر، بۇ ئارقىلىق ئېغىر ھەم تېز جازالاپ، كېيىنكىلەرنى قورقۇتىدىغان ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك' دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ۋاڭ لېچۈەن شىنجاڭدا، دېڭ شاۋپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان 'قاتتىق باستۇرۇش' نى 'مۇقىملىقنى ساقلاش' دېگەن نام بىلەن قوللاندى. 2005 ‏ - يىلى 1 ‏ - ئاينىڭ 20 ‏ - كۈنى قارامايدىن شىخوغا بارىدىغان تاش يولدا كىشىلەرنى 'قورقۇتۇش' رولىنى ئوينايدىغان ئاپتوبۇس ۋەقەسى كېلىپ چىققانلىقى بۇنىڭ بىر مىسالى.

لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭ دېگەن بۇ جايدا ئەزەلدىن ياشاپ كېلىۋاتقان يەرلىك خەلق بىلەن بىڭتۇەن ئوتتۇرىسىدا ئاللىقاچان پەيدا بولغان مىللىي، سىياسىي، دىنىي، مەدەنىيەت زىددىيەتلىرىنى ھەل قىلىش مۇمكىنلىكى ئاز. بۇ ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت