1949 - يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان 'شىنجاڭ' (6)
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.07.29
2008.07.29
news.boxun.com / Wang Lixiong
تۆتىنچى باب: شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى
لىن باۋخۇا ئەپەندى كىتابىنىڭ تۆتىنچى بابى، يەنى 'شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى' دېگەن بابىنىڭ مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىگە جەڭ ئېلان قىلىپ بولدى، ھازىر ياش ئەۋلادلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەشۋىقاتنى كۈچەيتىۋاتىدۇ، ئەگەر خىتاي ئەمدى سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە، بەرپا قىلىمەن دەۋاتقىنى 'ئىناق جەمئىيەت' ئەمەس، بەلكى قان ئاققۇزىدىغان جەمئىيەت بولۇپ چىقىدۇ.رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن شىكايەت باشلىدى
- بىر قىسىم ئۇيغۇرلار 2004 - يىلى 9 - ئايدا، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە 'مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى' دېگەن بىر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى، دەپ بايانىنى باشلايدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى " 1949 - يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان شىنجاڭ" دېگەن كىتابىنىڭ 'شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى' دېگەن بابىدا. ئۇنىڭ قارىشىچە، باش ئورگىنى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ بۇ ھەقتە پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەنلىكىدىن قارىغاندا، بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا مەقسەتلىرىنى ئۆز - ئارا ئۇقۇشالمىغان يەنە بىر تەشكىلاتنىڭ ھەرىكىتى ئىكەنلىكى ئېنىق.لېكىن، - دەيدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى بايانىدا، - خىتاي ھۆكۈمىتى 'دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چەتئەلگە ئاشكارىلىغان' دېگەن جىنايى نام بىلەن 1999 - يىلى 8 يىللىق قاماق جازاسى ئېلان قىلىپ تۈرمىگە تاشلىغان باي ئۇيغۇر سودىگىرى رابىيە قادىر خانىم، خىتاي تۈرمىسىدىن 2005 - يىلى ئامېرىكىغا كېلىپ ئائىلىسى بىلەن جەم بولغاندىن كېيىن، دۇنياغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى شىكايەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، 2005 - يىلى 'شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى' دېگەن بىر تەشكىلات گېرمانىيىنىڭ ميۇنخىن شەھىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى ئارقىلىق بىر سىنتەخسە تارقىتىپ، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق جەڭ باشلاپ مۇستەقىللىققە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئىككىسىنىڭ باغلىنىشى بارمۇ - يوق بۇ، ماڭا نامەلۇم.
خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە خانىمدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن بالىلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشى تېخىچە تىركىشىش ھالىتىدە تۇرغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولۇشىغا قىيىنچىلىق تۇغۇلدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، رابىيە خانىمنىڭ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتىغا كۆرسىتىلگەنلىكىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرىگە ناھايىتى چوڭ تۈرتكە بولالمىدى. بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىچە، رابىيە خانىم دۇنياغا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا رەئىس بولۇپ سايلانغان ھامان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدىكى سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق رابىيە خانىمنىڭ بىر ئوغلىغا 'باج ئوغرىلىدى' دېگەن جىنايى نام بىلەن 7 يىللىق قاماق جازاسى ئېلان قىلىپ ئۆچ ئالدى.ئۇنىڭدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە خانىمنىڭ يەنە بىر ئوغلىغا 'دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتتى' دېگەن جىنايى نام بىلەن 9 يىللىق قاماق جازاسى ئېلان قىلدى. بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە خانىمنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەپ تۇرۇش ئۈچۈن يۇرتتىكى بالىلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقى.
جورج بۇش رابىيە خانىمنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق خىتايغا ئىنكاس قايتۇردى
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇنداق يولسىزلىق قىلغانلىقى، پوزىتسىيىسى تېخىچە مۇجىمەل تۇرۇۋاتقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنى، 2007 - يىلى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى پراگانى زىيارەت قىلىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، رابىيە خانىم بىلەن كۆرۈشۈشكە، بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە خانىمدىن ئۆچ ئالغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى.رابىيە خانىم ياپونىيىنى ھەمكارلىشىشقا چاقىردى
ئۇنىڭدىن كېيىن، - دەيدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى بايانىدا، - رابىيە خانىم خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ياپونىيىدە ئۈچ ھەپتە زىيارەتتە بولدى. ياپونىيىنى ئاسىيادا تەسىرى كۈچى بار دۆلەت دەپ قارىغان رابىيە خانىم، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىشقا، ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى داۋاملىق قوللاپ بېرىشكە چاقىردى.ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە خانىمغا ۋىزا بەرگەنلىكى ۋە ئۇنى 'ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى' دەپ ئاتاپ ھۆرمەتلىگەنلىكى، خەلقئارادا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرۇۋاتقانلىقىغا قارشى جىددىي ئىنكاس پەيدا قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى 'تېررورچى' دەپ ئاتىغانسىرى، ئۇيغۇر مەسىلىسى شۇنچە تېز خەلقئارالاشتى
لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇپ كېتەلمىدى. خىتاي ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا 'تېررورچى'دەپ ئېلان قىلغانسېرى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن قۇتۇلۇش ھەرىكەتلىرى شۇنچە تېز خەلقئارالاشتى.بۇنىڭ بىلەن خەلقئارا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇش ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە بولغان ئارزۇيىنى چۈشەندى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بولسا، خەلقئارانىڭ ئىنكاسىنى ئويلاپ كۆرمىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئاراغا ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق باستۇرۇش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇردى، بۇ، زىددىيەتلەرنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى.