شۇنداقلا 16-مارتتىن كېيىن ئۆز كىملىكى بىلەن تىزىملاتمىغان بلوگلارنىڭ بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، تەخەللۇس بىلەن ئۇچۇر يوللىغان بلوگ ساھىبلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.
خىتايدا تارقالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى ئىنتېرنېت بلوگىدا كىملىك ئارقىلىق تىزىملىتىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتايدىكى تور ئابونتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
شىنلاڭ تور بېكىتىدە بىر تور ئابونتى ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، «مۇشۇ كۈنلەردە پۇقرالار ئەركىن سۆزلىگۈدەك، ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىگۈدەك، ھېچقانداق بىر بوشلۇق قالمىدى. مانا ئەمدى پۇقرالارنىڭ چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ سەتچىلىكلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلالايدىغان ئاشۇ كىچىككىنە كۆزنەكمۇ ئېتىۋېتىلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ» دەپ يازغان.
بىرەيلەن بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بلوگدا كىملىك تۈزۈمى قوللىنىش بۇيرۇقىنى مەسخىرە قىلىپ مۇنداق يازغان. «مانا ئەمدى ھۆكۈمىتىمىز پۇقرالارنى ھەقىقىي ھالدىكى قۇلىقى پاڭ، كۆزى كور، تىلى گاچا ھالدىكى ئىتائەتمەن بىر توپ پادىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىدى» دەپ يازغان.
خىتاي تور بېكەتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان خىتايدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن سەزگۈر شەخسلەر دەپ قارالغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ھەم توردا ئەسەر ئېلان قىلغۇچى ئىنتېرنېت يازغۇچىلىرىنىڭ شەخسى تور بېكەتلىرىنى توسۇۋېتىش ئەھۋالى بارغانچە كۆپەيگەن.
ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدىكى 8-فېۋرال خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا بەلگىلەنگەن ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ھەقىقىي ئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي قانۇندا بەلگىلەنگەن نىزاملار بويىچە، ئۆز ھوقۇقىنى قوغدىشىنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان، بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ شىنلاڭ تور بېكىتىدىكى شەخسى بلوگى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى دائىرىلەر تەرىپىدىن توسۇۋېتىلگەن.
ئۇيغۇربىز تور بېكىتىدىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆزىنىڭ شەخسى بلوگىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا توسۇۋېتىلگەن ئەھۋالىغا قارىتا ئۆز پىكرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن «مەسىلە ناھايىتى ئېنىق، مېنىڭ شەخسى بلوگىم نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى ئىنتېرنېتنى باشقۇرۇشىدا بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپتۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ھەر خىل ئاماللارنى قوللىنىپ مېنىڭ بلوگىمدىكى ئۇچۇرلارنى توسماقتا. ئەمما ئاڭلىشىمچە، كۈلكىلىك بولغىنى، ئۇلار تور ئابونتلىرىنىڭ كۆرۈشىنى چەكلىگەن بۇ يازمىلارنى ئۆزلىرى قۇرمۇ-قۇر، ھەتتا سۆزمۇ-سۆز ئوقۇپ، تەتقىق قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەر كۈنلۈك خىزمەت نورمىسىنى ئورۇنلاۋېتىپتۇ.»
مەركىزى فرانسىيىدىكى خەلقئارا چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى خىزمىتىگە مەسئۇل خادىمى بېنجامى ئىسمال ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىز خىتاي بۆلۈمى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ شەخسى بلوگلاردا كىملىك ئارقىلىق تىزىملىتىش تەلىپى، خىتايدا ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
بېنجامى ئىسمال ئەپەندى مۇنداق دېدى:
«خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتتا كىملىك ئىشلىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، خىتاي ئۈچۈن سەزگۈر ئۇچۇر دەپ قارالغان يوللانمىلارنى توردا ئېلان قىلغۇچىلارنى ئېنىقلاش پۇرسىتى ياراتماقچى. ھازىر بۇ تۈزۈم خىتايدا دۆلەت باشلىقلىرى ئالمىشىشنىڭ ئالدىدا يولغا قويۇلدى. مانا بۇ دائىرىلەرنىڭ جەمئىيەتتە زور ۋەقەلەر يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوللانغان يەنە بىر تەدبىرى.»
مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدىن شىنلاڭ، شۇخۇ، ۋاڭيى، تېڭشۈن قاتارلىق تۆت چوڭ تور بېكىتىدە شەخسلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان بلوگلار نەچچە يۈز مىڭغا يەتكەن. ھالبۇكى بلوگ دەپ ئاتالغان شەخسى تور بېكەتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت ئالاقىسىدە سەزگۈر ئۇچۇرلارنى چەكلەۋاتقان شارائىتتا، ئىنتېرنېت ساقچىلىرىنىڭ كونتروللۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتىدىكى سەتچىلىكلەرنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىش كۆزنىكىگە ئايلانغان. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان» دېگەندەك سىياسىي جىنايەتلەر ئارتىلىپ، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى ئۆزلىرىنىڭ شەخسى بلوگلىرىدا ئېلان قىلغان يازمىلىرى سەۋەبىدىن جازالانغان.