خىتاي دائىرىلىرى ئىنتېرنېت ئابونتلىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇشنى كۈچەيتتى
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.03.16
2012.03.16
AFP
كىملىك تىزىملىتىش باسقۇچى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ۋېيبو تور ئابونتلىرىنىڭ 40 پىرسەنتى كىملىك تەكشۈرۈش باسقۇچىدىن شاللىنىپ قالغان. كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان بۇ تۈزۈمنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى ئىلگىرىلەپ بوغۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. تۆۋەندە بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز ئىرادەدىن مەلۇمات ئاڭلىغايسىلەر.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ۋېيبو دەپ ئاتىلىدىغان بلوگ خىتايدىكى سىنا تور بېتىنىڭ مىكرو بلوگى بولۇپ، ئۇ خىتايدىكى تور ئابونتلىرى ياقتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان ئۇچۇر ئورتاقلىشىش تور بېتى. 250 مىليون ئابونتى بولغان بۇ بلوگ خىتايدىكى تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى خەۋەرلەر، مەشھۇر چولپانلار ھەققىدىكى سۆز - چۆچەكلەر، كۆڭۈل ئېچىش، زور ۋەقەلەر ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى خەۋەلەرگە ئېرىشىدىغان ۋە شۇنداقلا بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىدىغان مەنبەسى. بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋېيبو ئابونتلىرى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىدىكى رادىئو - تېلىۋىزىيە ۋە گېزىتلىرىگە قارىغاندا، ۋېيبودىكى ئۇچۇرلارغا بەكرەك ئىشىنىدىكەن ۋە ئۇنى ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرالىرى ۋە چىرىك ئەمەلدارلارنى تەنقىد قىلىدىغان، پاش قىلىدىغان مەيدان دەپ قارايدىكەن.
ۋېيبو تورى بۇلتۇر 12 - ئايدا خىتاي ئۇچۇر - ئالاقە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تۈزۈمگە بىنائەن بۈگۈندىن ئىتىبارەن ۋېيبو قوللانغۇچىلىرىدىن ھەقىقىي ئىسىم - فامىلىسى، كىملىك نومۇرى ياكى تېلېفون نومۇرى ئارقىلىق تىزىملىتىشنى تەلەپ قىلىشنى باشلىغان. تور ئابونتلىرى كىملىك نومۇرى ياكى تېلېفون نومۇرى ئارقىلىق تىزىملاتقاندىن كېيىن، كىرگەن كىملىك مەلۇماتلىرىنىڭ توغرىلىقى تەستىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ۋېيبودا مەشغۇلات ئېلىپ بارالايدىكەن. كىملىكى تەستىقلانمىغانلار بولسا گەرچە ۋېيبودىكى مەزمۇنلارنى كۆرەلىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا بىر نەرسە ئېلان قىلالمايدىكەن ياكى كۆز قاراشلىرىنى قالدۇرۇپ قويالمايدىكەن. تېلېگرامما گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر تۈزۈم يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ۋېيبو تور بېتى ئابونتلىرىنىڭ ئاللىبۇرۇن 40 پىرسەنتى كىملىك تەكشۈرۈش باسقۇچىدىن ئۆتەلمىگەن. بۇ ئەھۋال ھازىر تور بەتنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ تۈزۈم سەۋەبىدىن ئۆز تور بەت قوللانغۇچىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، پايدىسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى خالىمايدىكەن.
ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ۋېيبوغا قويغان تەلەپ بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. بۇ ھەقتە چىقىرىلغان ئۇقتۇرۇش بويىچە ۋېيبو بلوگى 100 مىڭدىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بولغان ئابونتلار تورغا يوللىغان ئۇچۇرلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشى، ئەگەر ئۇنىڭدا «دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى»گە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك. ۋېيبودا يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان بۇ چەكلىمە تەدبىرلىرى خەلقئارادىكى پىكىر ئەركىنلىكى قوغدىغۇچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا بۇ ھەقتە چىققان خەۋەرلەردە بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى ئىلگىرىلەپ بوغۇش ئۈچۈن ئالغان تەدبىرى دەپ بىلدۈرۈلدى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى.
كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرى چىقارغان يۇقىرىدىكى چەكلىمىلەرنىڭ ئابونتلارنى سەزگۈر مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئۇچۇلارنى تارقىتىشتىن ياكى بۇ ھەقتە مۇنازىرە قىلىشتىن ئەنسىرەيدىغان قىلىپ قويىدىغانلىقىنى، چۈنكى ھەقىقىي كىملىك مەلۇماتلىرى بىلەن تور بەتلەرگە تىزىملىتىشنىڭ خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرىنىڭ خالىغان ئابونتنى تەقىب قىلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. ئەمما تېلېگرامما گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان خىتاينىڭ ئىنتېرنېت تەقىپ ئىشلىرىغا ئالاقىدار بىر ئەمەلدارى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭسىزمۇ سەزگۈر ئۇچۇرلارنى يوللىغان كىشىلەرنى تەقىب قىلىپ، ئۇنىڭ كىملىكىنى تېپىپ چىقالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن : «دائىرىلەر سىزنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى كېرەك قىلمايدۇ. ئۇلار سىزنىڭ قاچان، قەيەردىن ئىنتېرنېتكە كىرگەنلىكىڭىزنى ئاللىقاچان بىلىدۇ. ئۇلار ھەتتا سىزنىڭ قايسى كومپيۇتېرنى ئىشلەتكەنلىكىڭىزنىمۇ بىلىدۇ. سىزنى تۇتۇش ئۈچۈن ئۇلارغا ئىسمىڭىز كېرەك ئەمەس.»
بۇ خىتاي ئەمەلدار يەنە ئەسكەرتىپ : «ھەممە كىشى ئۆز ئاغزىدىن چىقىۋاتقان گەپكە، قىلىۋاتقان ھەرىكىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. مۇتلەق ئەركىنلىك دەيدىغان نەرسە يوق» دېگەن.
خەلقئارادىكى پىكىر ئەركىنلىك قوغدىغۇچىلىرى يۇقىرىدىكى ئىنتېرنېتكە تىزىملىتىش رەسمىيىتىنىڭ يېقىندا بېيجىڭدا ئاياقلاشقان ئىككى قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى «يوشۇرۇن قولغا ئېلىپ، غايىپ قىلىۋېتىش» قانۇنلاشتۇرۇلغان ماددا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلار بۇنى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىشماقتا. ئەمما ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئىنتېرنېت ئابونتلىرىنى تەقىب قىلىش، تۇتقۇن قىلىش ۋە شۇنداقلا يوشۇرۇنچە يوقىتىۋېتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئاللىبۇرۇنلا ئىجرا قىلىنىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن بولسا بۇنىڭ تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ، تەقىب قىلىش دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ كېڭەيگەنلىكىنى بىلدۈردى. 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىنتېرنېتتە شاۋگۈەن ۋەقەسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغانلىقى ئۈچۈن «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش، قۇتراتقۇلۇق قىلىش» قا ئوخشاش جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم. خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان گۈلمىرە ئىمىن شۇلارنىڭ پەقەتلا بىرى. شۇ قېتىملىق ۋەقەدە قولغا ئېلىنغان دىلشات پەرھات، نىجات ئازاد قاتارلىق ئاتاقلىق ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ ئادمىنلىرىمۇ ھېلىھەم خىتاي تۈرمىلىرىدە ياتماقتا.