ئەركىنلىك سارىيى بۈگۈن ئېلان قىلغان «ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىنتېرنېت ئۈستىدىكى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بېسىمى» ناملىق يېڭى دوكلاتىنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئابونتلىرىنىڭ سانى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 38 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، خىتاي، ئىنتېرنېت ئابونتلىرىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئەمما بۇنىڭغا قارشى، خىتاي دۇنيادىكى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئىنتېرنېت ئابونتلىرى ئۇچۇر ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قېلىشقا داۋام قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتە «ئىككى بىسلىق» سىياسەت يۈرگۈزۈپ، بىر ياقتىن ئىقتىسادىي مەنپەئەت يۈزىدىن ئىنتېرنېتنىڭ تارقىلىشىنى قوللىسىمۇ، ئەمما يەنە بىر ياقتىن ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى قاتتىق كونترول قىلماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2011-2012-يىل ئىچىدە ئىنتېرنېتنى قامال قىلىش تېخنىكىسىنى تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرۇپ، قامال قىلىش دائىرىسى ۋە سۈرئىتىنى ئاشۇرغان، نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى، ئادۋوكاتلار ۋە بلوگ قوللانغۇچىلىرىنى ئىنتېرنېتتىن چەكلىگەن، نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئىزدەش ماتورىدىن ئۆچۈرۈۋەتكەن. خىتايدىكى ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرى بۇ مەزگىل ئىچىدە خىتاينىڭ ئۆزىدە يۈز بەرگەن نۇرغۇن چوڭ ۋەقەلەردىن، ۋىكىلىكىس تورى ئاشكارىلىۋەتكەن ھۆججەتلەر ۋەقەسىدىن، ئوتتۇرا شەرقتىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەردىن تولۇق خەۋەردار بولالمىغان. ئەڭ قىسقىسى، خىتايدىكى ئابونتلار خىتايدا يۈز بەرگەن ئەڭ مۇھىم سىياسىي سەتچىلىك بولغان بوشىلەي ۋەقەسىدىن خەۋەرسىز قالغان. ئۇلارنىڭ چەتئەللەردىكى تور بەتلەرگە كىرىشىمۇ تۈرلۈك تېخنىكىلار ئارقىلىق ئاستىلاشتۇرۇلغاننىڭ سىرتىدا، سىياسىي سەزگۈرلۈككە ئىگە تور بەتلەر ۋە ياكى تىۋىتتېر، فېيىسبۇك ۋە يۇتۇبقا ئوخشاش داڭلىق خەلقئارا ئىجتىمائىي تور بەتلەر ھېلىھەم ئېتىك.
دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتقا ئېرىشىشنى پۈتۈنلەي توسۇۋېتىش بىلەن تونۇلىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. ئۇنىڭدا بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇنىڭدىكى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغىنى 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسى بولۇپ، ئىنتېرنېت جەمئىي 2009-يىلى 7-ئايدىن 2010-يىلى مايغىچە 10 ئاي ئېتىۋېتىلگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئادەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق نامايىشلار يۈز بەرگەندە ئىنتېرنېتنى بىر ھەپتىدىن 3 ھەپتىگىچە بولغان ئارىلىقتا تاقىۋېتىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىنتېرنېتىنى 10 ئاي ئۈزۈۋېتىلىشى خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىرى ئىكەن.
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىنتېرنېتتىكى مەزمۇنلارنى كونترول قىلىش ئىستراتېگىيىسىنى ئۈچ خىل شەكىلدە يەنى، ئاپتوماتىك فىلتىرلەش، ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى شىركەتلىرىنى چەكلەشكە ماسلىشىشقا مەجبۇرلاش ۋە ئالدىنئالا تەدبىر ئېلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئىنتېرنېتنى قاتتىق باشقۇرۇپ، ئىنتېرنېت ئابونتلىرىنى خەلقئارادىكى ئۇچۇر ئالمىشىش سىستېمىسىدىن ئايرىپ قويغان. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن:
-دائىرىلەر ئاتاققا ئىنتېرنېتتىكى شەھۋانىي مەزمۇنلار، قىمار، سۆز-چۆچەكلەرنىڭ يېيىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە سىياسىي سەزگۈرلۈككە تېمىلار ۋە ياكى ئىجتىمائىي ۋەقەلەرگە ئائىت مەزمۇنلارنى نىشان قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى ئەڭ قاتتىق چەكلەيدىغان تېمىلار يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرگە قارىتىلغان تەنقىدنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلار، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا ئالاقىدار مەزمۇنلار ۋە فالۇنگۇڭ ھەرىكىتى، 1989-يىلىدىكى تىئەنمېن ۋەقەسى، ئۆكتىچىلەرگە ئالاقىدار مەزمۇنلار ئەڭ قاتتىق چەكلىنىدىغان تېمىلاردۇر. بۇنىڭدىن سىرت، 2011-يىلى ئىچىدە خىتايدا يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز سوقۇلۇش ۋەقەسى، ئوتتۇرا شەرقتىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار، ياپونىيىدىكى يادرو ئىستانسىسىنىڭ پارتلاش ۋەقەسى، بۇزۇلغان يېمەكلىكلەر ۋە مۇھىت مەسىلىلىرى، ئىچكى موڭغۇلىيىدە يۈز بەرگەن نامايىشلارغا ئائىت مەزمۇنلار چەكلەنگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت مۇلازىمەت شىركەتلىرىنى ئىنتېرنېتتىكى مەزمۇنلارنى ئۆزلىرى خالىمايدىغان مەزمۇنلارنى تازىلاشقا مەجبۇرلايدىغان بولۇپ، شىركەتلەر بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان تەقدىردە ئۆزىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، ھۆكۈمەتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىشقا مەجبۇر بولىدىكەن. مەسىلەن، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ داڭلىق مۇنازىرە تور بېتى سىنا شىركىتىگە ئائىت مۇنازىرە بېتى بولغان ۋېيبو بولۇپ، سىنا شىركىتى ئۆزىنىڭ خىتايدىكى «ئەڭ كۈچلۈك تازىلاش، فىلتىرلەش» سىستېمىسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھەر كۈنى 24 سائەت ئاپتوماتىك فىلتىرلەش سىستېمىسى ۋە يۈزلىگەن خىزمەتچىنىڭ مەخسۇس ۋېيبو مۇنازىرە بېتىدە چەكلەنگەن مەزمۇنلارنى فىلتىرلەش، تازىلاش بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ خىزمەتچىلەر كۈن بويى ئىنتېرنېتقا يوللانغان سەزگۈر تېمىلارنى، سەزگۈر كىشىلەرنىڭ تور ھېسابىنى، ئۇلار يوللىغان تېمىلارنى ئۆچۈرۈش، كىشىلەر ئىزدەش ماتورى ئارقىلىق ئىزدىگەن تېمىلارغا ئائىت مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. مەسىلەن، سېنتەبىر ئېيىدا بۇ تور بەت ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپىگە بىنائەن بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ قولىدىكى قىممەت باھالىق سائەت، سومكىلار كۆرسىتىلگەن رەسىملەرنى ئىنتېرنېتتىن ئېلىۋەتكەن ۋە ۋە ئۇ رەسىملەرنى يوللىغان كىشىلەرنىڭ ھېسابلىرىنى تاقىۋەتكەن. بەزى ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا خىتايدا ئىنتېرنېت ئىزدەش ماتورىدىن چەكلەنگەن سۆزلەرنىڭ سانى 800 دىن ئاشىدىكەن. بۇ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دېگەن سۆزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
دوكلاتتىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت مۇلازىمەت شىركەتلىرىنى ئىنتېرنېت باشقۇرۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە قىستاۋاتقان بولۇپ، كومپارتىيە سىياسىي بيۇروسى بۇ ھەقتە مەخسۇس ھۆججەت تارقاتقان ۋە ھەتتا بىر قىسىم سىياسىي رەھبەرلەر مەخسۇس بۇ شىركەتلەرگە مەخسۇس بېرىپ، ئۆز ئېغزى بىلەن تەلىپىنى ئېيتقان.
دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان قىزىقارلىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولسا، ھۆكۈمەت مەخسۇس پۇل بېرىپ ئۆزلىرى ئۈچۈن گەپ قىلغىلى سالىدىغان مۇنازىرىچىلەر مەسىلىسى. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2005-يىلىدىن بېرى مائاشلىق مۇنازىرىچىلەرنى ئىشقا سېلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ كىشىلەر توختىماي ھەرخىل داڭلىق مۇنازىرە تور بەتلىرىگە ئوخشىمىغان قوللانغۇچى ئىسىملىرى بىلەن كىرىپ، مەخسۇس ھۆكۈمەتنى كۆككە كۆتۈرۈش، مۇنبەردىكى ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن تېمىلاردىكى پىكىر ئېقىمىنى بۇراش ۋە زور ۋەقەلەردىكى پاكىتلارنى بۇرمىلاش، ھۆكۈمەتكە قارشى گەپ قىلغانلارنى تىللاش ياكى ئۇنى يۇقىرىغا دوكلات قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. 2008-يىلىدىكى بىر تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بۇنداق مائاشلىق مۇنازىرىچىلەرنىڭ سانى 250 مىڭدىن ئوشۇق ئىكەن، ئەمما 2012-يىلىدا ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرى سانىنىڭ يەنىمۇ ئۆرلىگەنلىكىنى نەزەرگە ئالغاندا بۇ خىل مائاشلىق مۇنازىرىچىلەرنىڭمۇ كۆپەيگەنلىكى مۇقەررەر ئىكەن. دۆلەت 2011-يىلى مەملىكەت مىقياسى بويىچە مەخسۇس بۇ خىل مۇنازىرىچىلەرنى تەربىيىلەش كۇرسلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى مانا مۇشۇنداق ئۇسۇللار ئارقىلىق خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، دوكلاتتا ئوخشىمىغان پىكرى سەۋەبىدىن تۈرمىلەردە ياتقان، يېتىۋاتقان، ئۆيىدە قامالغا ئېلىنغان ليۇ شاۋبو، ئەي ۋېۋې قاتارلىق كىشىلەرنىڭ قاتارىدا 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئاقىۋىتىمۇ تىلغا ئېلىنغان.