خىتايدا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ؟
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008.11.17
2008.11.17
خىتايدىكى ساياھەت شەھەرلىرىدىن ھېسابلانغان خەينەن ئارىلى سەنيا شەھىرىدىكى تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ئىش تاشلىغانلىقىغا 3 كۈن بولدى، ئۇلار يولۇچىلارنى توشۇشنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە، كوللىكتىپ نارازىلىق ھەرىكىتى قوزغاپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا قارشىلىق بىلدۈرگەن. 300 دىن ئارتۇق تاكسى شوپۇرى ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈش جەريانىدا، بىر قىسىم شوپۇرلارنىڭ يولۇچىلار تەرىپىدىن قاتتىق تاياق يېگەنلىكى ئاشكارىلانغان.
خىتاينىڭ باشقا شەھەرلىرىدىمۇ ئوخشاشلا تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ئىش تاشلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، يېقىندىلا چۇڭچىڭ شەھىرىدە 9000 تاكسى شوپۇرى، نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن ئىدى، دائىرىلەر نارازىلىقنىڭ توپىلاڭغا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، شوپۇرلارنىڭ تەلىپىنى چوقۇم ھەل قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىپ، نامايىشچىلارنى تارقىتىۋەتكەن.
خىتايدا كۈندىن - كۈنگە ئەۋج ئېلىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى يالغۇز تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى زاۋۇت ئىشچىلىرىدىن ئىبارەت بارلىق ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش تاشلاش ھەرىكىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گەرچە خىتاي ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 15 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلغان بولسىمۇ، باشتىن - ئاياق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە كونتروللۇقىدا ئېلىپ بېرىلغان. قۇرۇلتايدا ئىشچى - دېھقانلارنىڭ ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ جار سېلىنغان، ئەمما خىتايدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلەر، قۇرۇق شۇئارنىڭ خىتايدىكى ئەمگەكچىلەر قانۇنىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى، خىتاي ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مەزكۈر ئۇيۇشما ئەزا سانىنىڭ 209 مىليونغا يېتىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە دېھقانلاردىن تەركىپ تاپقان ئۇيۇشما ئەزاسىنىڭ 66 مىليونغا يېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتچىلەر، نۆۋەتتە خىتايدا بارلىق دېھقانلارنىڭ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسىدىن پايدىلىنالمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، دېھقانلارنىڭ ئۆز ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، سىرتتا مەدىكارچىلىق قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى، دۆلەتنىڭ داۋالاش، مائارىپ ۋە تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەش جەھەتتىكى ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالمايۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە دەل مۇشۇ مەسىلىلەر تۈپەيلى خىتايدا جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ ھەر خىل توسالغۇلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، خىتاينىڭ جەنۇبىغا زىچ توپلاشقان، زاۋۇتلارنىڭ بىر - بىرلەپ تاقىلىپ قېلىش سەۋەبىنى، دۇنيا مىقياسىدا يۈز بېرىۋاتقان پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ يەكۈن چىقىرىپ كەلمەكتە، بىراق كۆزەتكۈچىلەر خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەتسىز ۋە خەلقئارا ئۆلچەمگە يەتمەسلىكى، بولۇپمۇ يىمەك - ئىچمەكلەردە كۆرۈلگەن ھەر خىل زەھەرلىك ماددىلار تۈپەيلى خىتاي زاۋۇتلىرىنىڭ تاقىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ خىل ئەھۋالدا ئىشچىلارنىڭ مەنپەئەتىنىڭ ھەرگىزمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىنمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
خىتايدا ئىشسىزلىققا، ئىشتىن بوشىتىۋېتىشكە، خىزمەت ئىستاژىنى سېتىشقا، مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ۋە قەرز بولۇشقا ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان ئىشچىلار، ھېچقاچان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئەمەس، بولۇپمۇ ھازىر ئەڭ كۆپ سادىر بولۇۋاتقان ئىش تاشلاش، نامايىش ئۆتكۈزۈش، ئاشلىق ئېلان قىلىش، ئەرز سۇنۇش قاتارلىق كوللىكتىپ ھادىسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشچىلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلماستىن، بەلكى ھۆكۈمەت ئۈچۈن، سىياسىي ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەيدىغان ئورگانغا ئايلانغان.
بۇنىڭ بىلەن خىتايدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغاندىن سىرت، ئىشچىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلغان. دېمەك خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، ئىشچىلارنى كونترول قىلىش، ئىشچىلارنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى چەكلەش رولىنى ئويناشتىن ئىبارەت بولۇپ، فرانسىيىدىكى " خىتاي ئەمگەكچىلىرى ئۇچۇرلىرى " ژۇرنىلىنىڭ ياۋرۇپادىكى ۋەكىلى سەي چاڭگو ماقالىسىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن ئۈمىد كۈتۈشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى قالمىدى.
خىتايدا ئىشچىلار مەسىلىسىنى پەقەت چەتئەلدىن كەلگەن خېرىدارلارنىڭ " خەلقئارادا ئىجرا قىلىنىۋاتقان جەمئىيەت مەسئۇلىيەت ئۆلچىمى" بۇيىچە بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭ خىتايدا ئەمەلگە ئېشىشىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.









