«خىتايلار مۇھاجېرەتتە ياشاۋاتقانلارنى جاسۇسلۇققا مەجبۇرلىماقتا» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى
2012.04.24

ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلىتىمىز تەۋەلىكىدە ياشاۋاتقان پۇقرالىرىغا بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خەۋپلىك، دەپ قارىلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەققىدە ئۇچۇر توپلىماقتا. بولۇپمۇ، خىتايدا ئائىلە ئەزالىرى بولغانلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى قېيىن-قىستاققا ئېلىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىشپىيونلۇق قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا. ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتىدا ئەركىنلىك ۋە ئادالەت تەلەپ قىلىپ كۈرەش قىلىۋاتقان بىر مىللەت، دېيىلگەن.
ماقالىدە يەنە، شۇ سەۋەبتىن گوللاندىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقى ۋە 2011-يىللىق تەكشۈرۈش خۇلاسىسىدىن بۇ نۇقتىنى دەلىللىگەنلىكى قەيت قىلىنغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىگە سىڭىپ كىرىۋاتقانلىقى ئازدۇر-كۆپتۇر كۆرۈلۈشكە باشلىدى. گوللاندىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى بۇ مەسىلىگە قارىتا، خىتاينىڭ ئىشپىيونلۇققا مەجبۇرلاش قىلمىشى، ئۈمىد قىلىنمىغان بىر قىلمىش بولدى، دەپ ئەيىبلىدى. چۈنكى ئۇلار بۇنى گوللاندىيە پۇقرالىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق دېدى ۋە بۇ خىل ئىشلارنى قىلىۋاتقانلارنىڭ ئۆزلىرىنى مەلۇم قىلىشىنى ۋە داۋام قىلىۋاتقان جىنايىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى، دېيىلگەن.
ماقالىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ غەربىي شىمالىغا توغرا كېلىدىغان رايونلاردا ياشايدىغان؛ تىل-يېزىق، دىن، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، يېمەك-ئىچمەك، تۇرمۇش ۋە سەنئەت قاتارلىق بارلىق ساھەلەردە خىتايلارغا ئەمەس، بەلكى تۈرك سىستېمىسىدىكىلەرگە ئوخشايدىغان قەدىمىي بىر مىللەتلىكى؛ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن شىنجاڭ، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان، دەپ ئاتىلىدىغان ئانا ۋەتىنىدە، خىتايلار تەرىپىدىن كەمسىتىلىپ، ياشاش يوللىرىنىڭ تارىيىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك چەتئەللەرگە قېچىپ چىقىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللار ھەققىدە بېرىلگەن ئىزاھاتلاردا: ئۇيغۇرلار ئۆز دۆلىتىدە خىتايلار تەرىپىدىن كەمسىتىلىشكە قارشى، ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلماقتا. بېيجىڭدىكى كوممۇنىست ھاكىمىيەت ئۇيغۇرلارنى خەتەرلىك بۆلگۈنچىلەر، دەپ قاراپ، ئۇلارغا كەڭچىلىك بېرىشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىلىدىغان بۇ زېمىندا 2009-يىلى قانلىق ئېتنىك توقۇنۇشى يۈز بەرگەن. توقۇنۇشتا 200 گە يېقىن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. بۇ توقۇنۇشتىن كېيىن سانى ئېنىق بولمىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ياۋروپاغا قېچىپ چىققان. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى تۈركىيىدە ياشاۋاتىدۇ. دۆلىتىمىزدىمۇ يۈزلەرچە ئۇيغۇرلار بار. ئۇلارنىڭ پاسپورتلىرىدا خىتاي تەۋەلىكى دەپ قەيت قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، سانى ئېنىقلىنالمىدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھېلىھەم ئىلتىجاچىلارنىڭ پاناھلىنىش لاگېرلىرىدا قوبۇل كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، دېيىلگەن.
ماقالىدە يەنە، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايلارنىڭ نارازىلىقلىرىغا قۇلاق سالماستىن، ئۇيغۇرلاردەك زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى مىللەتلەرنىڭ ئۆز دەرت-پېغانلىرىنى گوللاندىيە خەلقىگە ئاڭلىتىشى ئۈچۈن كەڭرى شارائىت-ئىمكانلار بېرىۋاتقانلىقىغا باقماي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەزىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ۋەتىنىدە قالغان ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا قىلىۋاتقان ئىسكەنجىلىرى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مەخپىيەتلىكلەرنى قولغا چۈشۈرۈۋېلىشلىرى، تەشكىلات ۋە جامائەتلەرنىڭ ئىچى-سىرتىدا ئىشەنچسىزلىك پەيدا قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئىتتىپاقلىشالمايدىغان، نامايىش ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە قاتناشمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇش نەتىجىسىدە گوللاندىيىدىكى ئاممىۋى پائالىيەتلىرىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويالىغانلىقى؛ ئەمما، بېسىمغا ئۇچرىغۇچى ۋەياكى مەقسەتلىك ئىشپىيونلۇق قىلغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ ماسلاشماسلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا قارىتا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك بۇ مەسىلىنىڭ ھەل بولمايۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، گوللاندىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش قىلىپ، ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ۋە جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ ھامان بىر كۈنى قولغا چۈشىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن. نۆۋەتتە بۇ تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىشلەر تېخىچە يېپىق ھالىتىدە داۋام قىلماقتىكەن.