ئىسپانىيە خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكىمۇ ؟

ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى ، 2008 ‏ - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Miguel Angel Moration نىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مىنىستىر موراتىون ئىسپانىيىنىڭ بۇ قارارىنى يەكشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالغان چېغىدا يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.06.11

 مىنىستىر موراتىون شۇ كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جىېجى بىلەن كۆرۈشكەن چېغىدا، ئىسپانىيىنىڭ ئولىمپىكنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. موراتىوننىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ھاياجانلانغان ياڭ جىېجى ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىگە ئالاھىدە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.

ئىسپانىيەنىڭمۇ مىللەتلەر مەسىلىسىدە خىتايغا ئوخشاش باش ئاغرىقلىرى بار

غەرب كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىگە قارىتا نارازىلىقنى ئىپادىلەش ئۈچۈن دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قېتىلماسلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. بۈگۈنگە قەدەر بۇ تەشەببۇسقا فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي نىسبەتەن ئېنىق ئاۋاز قوشقان بولۇپ، ئۇ مۇراسىمغا قېتىلىپ - قېتىلماسلىقىنى خىتاينىڭ دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىگە باغلىق دەپ بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى گوردون براۋن بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلمۇ ئولىمپىك مۇراسىمىغا قېتىلىشىدىن قېتىلماسلىقىنىڭ ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەنلىكىنىڭ سىگنالىنى بېرىپ كەلمەكتە ئىدى. ئىسپانىيە بۇ قارارى بىلەن غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىچىدە، ئولىمپىك مەسىلىسىدە بېيجىڭغا ئەڭ يېقىن تۇرۇپ كەلگەن دۆلەت بولۇپ قالدى.

ئىسپانىيە بۇ يىل 2 ‏ - ئايدا كوسوۋا مۇستەقىللىقىغە قارشى تۇرغان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 4 دۆلەتنىڭ بىرى بولغان، بۇ چاغدىمۇ خىتاي بىلەن بىر مەيداندا تۇرغان ئىدى. شۇڭا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەسلىدە ئىسپانىيىنىڭ بېيجىڭ تەرەپدارلىقى كۈتۈلمىگەن بىر مەيدان ئەمەس، چۈنكى ئىسپانىيەنىڭمۇ دۆلەت ئىچىدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىدە خىتايغا ئوخشاش باش ئاغرىقلىرى بولغان بىر دۆلەت.

باسك رايونى ياۋروپادىكى ئەڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە جاي

خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى چوڭ ئەندىشىسى تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى بولغىنىدەك ئىسپانىيىنىڭ باش ئاغرىقى كاتولنىا ۋە باسك مۇستەقىلچىلىرىدۇر. ئىسپانىيىدىكى باسىكلارنىڭ نوپۇسى 2 مىليون 100 مىڭ بولۇپ، ئىسپانىيە نوپۇسىنىڭ %4 نى تەشكىل قىلىدۇ. باسكلار تىل جەھەتتىن ئىسپانلاردىن تامامەن پەرقلىق بىر ئېتنىك گۇرۇپ؛ ئۇلار بۇندىن 1200 يىل ئاۋال يىقىلغان مىللىي دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. 1959 ‏ - يىلى قۇرۇلغان باسك ئازادلىق تەشكىلاتى دەسلەپكى 10 يىلدا تېنچلىق شەكلىدە داۋا ئېلىپ بارغان.

1968 ‏ - يىلىغا كەلگەندە قوراللىق قارشىلىق يولىنى تاللىغان. 1978 ‏ - يىلىغا كەلگەندە ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى باسىكلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، يېڭى ئاساسىي قانۇن يولغا قويغان. يېڭى ئاساسىي قانۇن بۇيىچە، باسك رايونىغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن. بۇ ھوقۇق بۇيىچە، باسك پارلامېنتىنى باسك خەلقى سايلاپ چىقىدۇ، باسك رايونىنىڭ رەئىسىنى باسك پارلامېنتى بېكىتىدۇ. باسك رايونى دۆلەت مۇداپىئە ۋە تاشقى ئىشلاردىن باشقا بارلىق ئىشلىرىدا ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئىدارە قىلىدۇ، باسكنىڭ ساقچى قىسىملىرىمۇ يەرلىك خەلق بولغان باسكلار تەرىپىدىن تەشكىللىنىدۇ. نۆۋەتتە، باسك رايونى ياۋروپادىكى ئەڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، ئىقتىسادىي جەھەتتە، ياۋروپانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. باسك رايونىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 30 $ مىڭ بولۇپ، بۇ ياۋروپانىڭ ئوتتۇرىچە كىشى بېشى كىرىمىدىن يۇقىرى.

 باسك مىللەتچىلىرى نۆۋەتتىكى بۇ ۋەزىيەتتىنمۇ رازى ئەمەس، 1978 ‏ - يىلى باسك رايونىغا يۈكسەك ئاپتونومىيە بېرىلگەندىن كېيىن، يەنە بىر تۈركۈم باسك مىللەتچىلىرى، تولۇق مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش كۈرىشىنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. ETA دېگەن نام بىلەن تونۇلغان باسك ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ، 1968 ‏ - يىلدىن ھازىرغا قەدەر بولغان قوراللىق ھۇجۇملىرىدا 850 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇ تەشكىلات ئىسپانىيىدىن باشقا، ياۋروپا بىرلىكى ۋە ئامېرىكا تەرىپىدىن تېررورچىلار تىزىمىغا ئېلىنغان. ئەمما ETA ھازىرغا قەدەر پائالىيەتلىرىنى توختاتقىنى يوق. ETA تەشكىلاتى 2006 ‏ - يىلى30 ‏ - دېكابىر كۈنى باراجاس ئايرودرومىغا ھۇجۇم قىلغان بولسا 2007 ‏ - يىلى 24 ‏ - ئاۋغۇستتا دۇرونگو شەھىرىدە، ئالدىنقى ئاينىڭ 14 ‏ - كۈنى يەنە Legurtiano شەھىرىدە پارتلىتىش ۋەقەسى ئېلىپ بارغان.

ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتى خىتاي ئۈچۈن يوشۇرۇپ كېتەلەيدىغان بىر مەسىلە ئەمەس

باسكلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى سېلىشتۇرۇلسا، باسكلار ئىسپانىيىدىكى ئەڭ باي بىر ئېتنىك گۇرۇپ، ئۇيغۇرلار بولسا، خىتايدىكى ئەڭ نامرات بىر مىللەت. باسكلار 1200 يىل ئاۋۋال قۇرۇلغان دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتتە، ئۇيغۇرلار بولسا، 50 يىلنىڭ ئالدىدا قۇرۇلغان دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتتە.

باسكلار ئىچىدە بۈگۈن ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىشەلەيدىغانلار نىسبىتى ئاران %27؛ ئۇيغۇرلاردا بولسا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلەشتە قىينالغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا %99  ئۇيغۇر نىڭ ئانا تىلىدا سۆزلىشەلمەسلىك مەسىلىسى يوق. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىقى سېلىشتۇرما ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ خىتاي ئۈچۈن بۇندىن كېيىنكى يىللاردا يوشۇرۇپ ياكى يانداپ ئۆتۈپ كېتەلەيدىغان بىر مەسىلە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدىغان پاكىتتۇر.
 
خىتاي بىلەن ئىسپانىيە ئارىسىدا، 2005 ‏ - يىلى كۆپ تەرەپلىمە ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئىسپانىيە تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى خەلق ئاۋازىغا قويۇشىغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىككە قارىتا ساداقىتىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىسپانىيىنىڭ بۇ قېتىم بېيجىڭ ئولىمپىكىغا سىياسەت ئارىلاشتۇرماسلىق پىكرىمۇ ئەنە ئەشۇ ساداقەتنىڭ تەكرار ئىپادىلىنىشى بولۇشى مۇمكىن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.