خىتاينىڭ ئىقتىسادى گۇمران بولامدۇ؟ دېگەن تېمىدىكى مۇنازىرە ئامېرىكىدا يەنە باشلاندى

2000 ‏- يىللارنىڭ بېشىدا، خىتاينىڭ گۇمران بولىدىغانلىقى ياكى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ئىلمىي مۇنازىرە باشلانغان ئىدى. شاڭخەيدە 10 يىل خەلقئارا ئىقتىسادىي مەسىلىلەر بۇيىچە ئادۋوكات بولۇپ تۇرغان، ئامېرىكا ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناس تەتقىقاتچىسى گوردون چاڭ ئەپەندى ئىقتىسادىي مۇلاھىزە ئارقىلىق، خىتاينىڭ مۇقەررەر گۇمران بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ 'خىتاي گۇمران بولۇش ئالدىدا' دېگەن كىتابنى يازغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩلى ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008-05-12
Share

گوردون چاڭ ئەپەندى خىتاينى بۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە گۇمران بولىدۇ، دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

 ئەينى ۋاقىتتا، جوھن خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقاتچىسى جەمس مان ئەپەندى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە خىتاي ھەققىدە خام خىيالدا بولماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ "خىتاي ھەققىدىكى فانتازىيە" دېگەن كىتابنى يېزىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى 25 يىل ئىچىدە، خىتايدا ھەممە نەرسە ئۆزگەرسىمۇ، لېكىن كوممۇنىست ھاكىمىيىتى يەنىلا ھۆكۈم سۈرۈشى، ئۇنىڭ ھازىرقى سىياسى سېستىمىسىدا ھېچبىر ئۆزگىرىش بولماسلىقى مۇمكىن، دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

يېقىندا ئامېرىكىدىكى ئەنئەنە فوند جەمئىيىتى ئويۇشتۇرغان ئىلمىي مۇنازىرىدە، بۇ ئىككى مۇتەخەسسىس يەنە مۇنازىرىلەشتى. ئۇلارنىڭ مۇنازىرە نوقتىسى خىتاينىڭ ئىقتىسادى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تېز سۈرئەت بىلەن تەرەققى قىلىۋېرەمدۇ ياكى گۇمران بولامدۇ، دېگەن تېمىغا مەركەزلەشتى.

خىتايدا سىياسى بىلەن ئىقتىساد ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا مۇرەسسەگە كېلىش قېيىن

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ بايان قىلىشىچە، 2002 ‏- يىلى 'خىتاي گۇمران بولۇش ئالدىدا' دېگەن كىتابنى نەشر قىلىپ دۇنيادا داڭ چىقارغان گوردون چاڭ ئەپەندى بۇ ئىلمىي مۇنازىرىدە، ئۆزى خىتايدا داۋاملىق كۆزىتىۋاتقان ئىقتىسادىي ئالامەتلەرگە، يەنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ساھەلىرىدە پەيدا بولغان يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراشلىرىنى يەنە تولۇقلاپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەمدى خىتايدا ئىقتىسادنىڭ زور دەرىجىدە تارىيىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، سىياسىي بىلەن ئىقتىساد ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى مۇرەسسەگە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس.

-‏ 2007 ‏- يىلى خىتايدا ئىقتىساد ئۇدا ئون پىرسەنلەپ ئۆسۈۋاتقان بەشىنچى يىل. ‏-‏ دەيدۇ گوردون چاڭ ئەپەندى مۇلاھىزىسىدە، ‏- ئەمما بۇ بەش يىلدىن بۇرۇنقى 20 يىل ئىچىدە ئىقتىسادىي ئۆرلەشكە ھامان تارىيىش ھەمرا بولۇپ كەلگەنلىكى بىر پاكىت. مەسىلەن، 90 ‏- يىللاردا خىتاينىڭ ئىقتىسادىدا تارىيىش كېلىپ چىققان ئىدى، ئەينى ۋاقىتتا، خەلق ھۆكۈمەتنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇشتا سادىر قىلغان خاتالىقلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ 1989 ‏- يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسى يۈز بەردى.

گوردون چاڭنىڭ قارىشىچە، 1989 ‏- يىلىدىكى پۇل پاخاللىقى بىلەن خىتايدا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان پۇل پاخاللىشىش ئالامەتلىرى ئوخشاپ كېتىدۇ. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى سوتسىيالىزىمچە پىلانلىق ئىگىلىك ۋاستىسىنى قوللىنىپ باھانى چەكلەۋاتسىمۇ، يەنىلا پۇل پاخاللىقىنىڭ يۆنىلىشىنى توسالمايۋاتىدۇ.

‏-‏ خىتايدا ھازىر پۇل پاخاللىقىدىن باشقا يەنە، ھۆكۈمەت دۇچ كېلىۋاتقان باشقا ئىتىسادىي مەسىلىلەر ناھايىتى كۆپ، ‏-‏دەيدۇ گوردون چاڭ، ‏-‏ مەسىلەن، ئىقتىسادىي مۇھىتنىڭ بۇزۇلۇشى ھازىر ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا پۇتلىكاشاڭ بولۇۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت گەرچە پىلانلىق ئىگىلىكتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا زور مىقداردا ئىناۋەتلىك قەرز تارقىتىپ، ئىقتىسادنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشىنى ساقلاپ قېلىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تەدبىرى ۋاقىتلىق ئۈنۈم بېرىۋاتىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئۆزىلا بىر مەسىلە.

‏-‏ ھازىر خىتاي ئۈچۈن تېخىمۇ زىيانلىق بولۇۋاتقان يەنە بىر مەسىلە شۇكى، ‏- دەيدۇ گوردون چاڭ ئەپەندى، ‏-‏ خىتاينىڭ ماللىرى كۆپىنچىسى ئامېرىكا بازارلىرىغا ئېكىسپورت قىلىنىدۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ھازىر ئاستىلاپ قالغانلىقى خىتايغا ئېغىر قىينچىلىق پەيدا قىلماقتا. خىتاينىڭ بۇنداق قېيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكى بۇ ئامېرىكا ئۈچۈن پايدىلىق بولماقتا. بۇ جەرياندا ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ سودىسىدا پەيدا بولغان قىزىل رەقەم ئۆزلىكىدىن ئازىيىۋاتىدۇ. ئەگەر پۈتۈن شىمالىي ئامېرىكىدا ئىقتىساد داۋاملىق ئاستىلاپ كەتسە، بۇ، بېيجىڭنىڭ ئېكسپورتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلغان ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كاشىلا بولىدىغانلىقى مۇقەررەر.

گودون چاڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە يەنە، خىتاي ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىنى ھەل قىلىش ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ قېيىن. بولۇپمۇ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا كەتكەن سەرپىياتنىڭ ئومۇمى مىقدارى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇنداق زور سەرپىياتنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش خىتايدا تېخىمۇ مۈشكۈل. بۇنىڭغا ئەگىشىپ يەنە بىر مۇنچە مەسىلە بىرلا ۋاقىتتا چىقىدۇ، ئۇنى ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. خىتاينىڭ سىياسىي سېستىمىسىنىڭ بۇنى ھەل قىلىشقا قابىلىيىتى يەتمەيدۇ.

خىتايدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن سىياسى ئىسلاھات كېلىپ چىقىشى ناتايىن

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە خىتاي ھەققىدە خام خىيالدا بولماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ "خىتاي ھەققىدىكى فانتازىيە" دېگەن كىتابنى يېزىپ دۇنيادا داڭ چىقارغان جوھن خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقاتچىسى جەمس مان ئەپەندىمۇ، ئەنئەنە فوند جەمئىيىتى ئويۇشتۇرغان بۇ ئىلمىي مۇنازىرە يىغىنىدا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى تولۇقلاپ ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر خىتايدا مەسىلە ناھايىتى كۆپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىدە دېگىدەك ھەر كۈنى قارشىلىق، نامايىش، قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزەرىيىسى ئەمەلىيەتتىن بارغانسېرى يىراقلاپ كەتتى. خىتايدا ھازىر ماركىسىزم، كوممۇنىزم دېگەنگە ئىشىنىدىغان ئادەم قالمىدى، كوممۇنىست پارتىيە ئۆزىمۇ ئىشەنمەيدۇ. كوممۇنىست پارتىيە ھازىر دۆلەتنى پەقەت مىللەتچىلىك ئارقىلىق خىتايدا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئوتتۇراھال ئىقتىساد ئىگىلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، شۇنىڭغا تايىنىپ ئۆزىنىڭ ئورنىنى قانۇنلاشتۇرۇپ كېتىۋاتىدۇ. گەرچە ھازىر خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشقا ئىقتىدارى باردەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ نامىنى، نەزەرىيىسىنى، ھەتتا تەشكىلاتىنىمۇ ئۆزگەرتىشكە ھەر ۋاقىت تەييار تۇرماقتا.

جەمىس مان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، جەنۇبىي كورىيە، تايلاند، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەر بولسا ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن سىياسى ئىسلاھات كېلىپ چىققان دۆلەتلەر. بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك بەلۋىقى ئامېرىكا بىلەن بىر. بۇ دۆلەتلەردە پەيدا بولغان سىياسىي ئەركىنلىك دەل ئامېرىكىنىڭ 80 ‏- يىللاردىكى بېسىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەمما خىتاينىڭ بىخەتەرلىك بەلۋىقى ئامېرىكا بىلەن بىر ئەمەس. شۇڭلاشقا خىتاينى جەنۇبىي كورىيە ياكى تەيۋەن مودېلىغا ئوخشاتقىلى بولمايدۇ. خىتايدا گەرچە زور سىياسىي ئىسلاھات يۈز بېرىش، ھەتتا گورباچېۋدەك يېتەكچىلەر پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق سىياسىي ئىسلاھات كېلىپ چىقىشى ناتايىن.

ئامېرىكا ئاۋازى تورىدا بايان قىلىنىشىچە، بۇ ئىككى خىل كۆز قاراشنىڭ مۇنازىرىسى داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئومۇمىي ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئامېرىكىدا گوردون چاڭنىڭ كۆز قارىشىدىكى كىشىلەرنىڭ سانى ئاز، جەمىس ماننىڭ كۆز قارىشىدىكى كىشىلەر كۆپ.
 
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت