خىتاي جاسۇس گۇماندارى كانادا ھۆكۈمىتىدىكى خىزمىتىدىن ئايرىلدى

كانادا فېدېرال سوت مەھكىمىسى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ نازۇك ئورگىنىغا ئورۇنلاشقان بىر نەپەر خىتاي جاسۇس گۇماندارىنىڭ كانادادا خىتاي جاسۇسلىرى بىلەن ئىزچىل مۇناسىۋەت قىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ كانادادا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى. سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ ھۆكۈمى جاسۇسلار مەسىلىسىدە خىتاي دائىرىلىرىگە بىر ئاگاھلاندۇرۇش ھېسابلىنىدۇ.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇن
2011.11.10

كانادا باش مىنىستىرى ۋە ئىچكى كابېنتنى مەخپىيەتلىكى يۇقىرى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىغان، مەخپىيەتلىك-مەسلىھەت ئىدارىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئانالىزچىسى، جاڭ خەييەننىڭ ئىلگىرى شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئۇ، بۇ نازۇك خىزمەتتىن ئۇزاقلاشتۇرۇلغانىدى.

ئالدىنقى ھەپتىدە، كانادا فېدېرال سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىپ، جاڭنىڭ بۇندىن كېيىن كانادادا ھۆكۈمەت خادىمى بولالمايدىغانلىقى ئەسكەرتتى.

كانادادا چىقىدىغان «دۆلەت پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،جاڭ خەييەن 2002-يىلى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ ھۆكۈمەت خادىمى سۈپىتىدە، كانادا سانائەت مىنىستىرلىقىدا يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. 2003-يىلى 2-ئايدا ئۇ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ، كانادا باش مىنىستىرى ۋە ئىچكى كابېنتنى مەخپىيەتلىكى يۇقىرى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىغان، مەخپىيەتلىك-مەسلىھەت ئىدارىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئانالىزچىلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان.

مەخپىيەتلىك مەسلىھەت ئىدارىسى جاڭ خەييەننىڭ كاناداغا بولغان ساداقىتىنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسىنى يېڭىۋاشتىن تەكشۈرۈۋاتقاندا، ئۇنىڭ مەخپىيەتلىكى يۇقىرى «قەتئىي مەخپىي» دېيىلگەن ھۆججەت-ماتېرىياللارنى كۆرۈشىگە ئىجازەت بەرگەن. بۇ مەزگىلدە كانادا جاسۇسلۇققا قارشى ئىدارىسى ئۇنىڭ ئىلگىرى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا خىزمەت قىلغان كونا جاسۇس ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ كانادادىكى خىتاي جاسۇسلىرى بىلەن داۋاملىق مۇناسىۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان.

كانادا بىخەتەرلىك-ئىستىخپارات ئىدارىسىنىڭ مەخپىيەتلىك-مەسلىھەت ئىدارىسىدىن جاڭغا بېرىلگەن «قەتئىي مەخپىي» ماتېرىياللارنى كۆرۈش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشى نەتىجىسىدە، جاڭ خەييەننىڭ سالاھىيىتى بىكار قىلىنغان. جاڭ «قەتئىي مەخپىي» كاتېگورىيىسىدىكى ھۆججەت-ماتېرىياللارنى كۆرۈش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىن، 2003-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا مەخپىيەتلىك مەسلىھەت ئىدارىسى تەرىپىدىن خىزمەتتىن بوشىتىلغان.

بۇنىڭ بىلەن ئۇ «بىخەتەرلىك-ئىستىخپاراتنى كۆزىتىش كومىتېتى» غا ئەرز سۇنغان. ئەمما، ئۇلار ئۇنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلمىغان.

2005-يىلى ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش ئىدارىسى، مەخپىيەتلىك-مەسلىھەت ئىدارىسىگە جاڭغا نازۇكلۇق دەرىجىسى تۆۋەن بىر خىزمەت بېرىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. كېيىن كانادا ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا باشقا خىزمەتنى سايە قىلغان قىلغان ۋە جاڭ بۇ خىزمەتلەرگە ئىلتىماس سۇنغان، ئەمما بۇ ئۇچ ئورۇننىڭ ھېچبىرى ئۇنى ئىشلەتمىگەن. 2006-يىلى فېدېرال ھۆكۈمەت جاڭنى خەتىرى بولمىغان باشقا بىر ئورۇنغا ۋاقىتلىق خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان. لېكىن، بۇ ئورگانمۇ يېڭى باشتىن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى يولغا سالغان.

1989-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى بولغان 1995-يىلى كاناداغا كېلىپ،1999-يىلى كانادا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن جاڭ «دۆلەت پوچتىسى» گېزىتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ كاناداغا بولغان ساداقىتىگە قىل سىغمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

كانادا فېدېرال سوت مەھكىمىسى ئالدىنقى ھەپتىدە ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاڭنىڭ خىزمەت مەسىلىسىنى ئەدلىيىنىڭ تەكشۈرۈپ چىقىش تەلىپىنى رەت قىلدى. سوتنىڭ ھۆكۈمىدە، جاڭنىڭ خىتاي جاسۇسلىرى بىلەن داۋاملىق مۇناسىۋەت قىلىپ تۇرغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بۇندىن كېيىن، كانادادا ھۆكۈمەت خادىمى بولالمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

سوت مەھكىمىسى جاڭنىڭ ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىش جەريانىدىكى مەھكىمە چىقىمى ئۈچۈن كەتكەن 3500 دوللارنى ئۇنىڭ تۆلىشىگە بۇيرۇدى.

مۇنداقچە ئېيتقاندا، فېدېرال سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ ھۆكۈمى-ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قايتىش ئارزۇسىدىكى جاڭ ئۈچۈن ئەجەللىك زەربە بولۇپلا قالماي شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرى ئۈچۈنمۇ بىر سىگنال ھېسابلىنىدۇ.

كانادا دائىرىلىرى 2006-يىلدىن بۇيان جاسۇسلار مەسىلىسىدە خىتاي دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە. 2010-يىلى كانادا بىخەتەرلىك-ئىستىخپارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رىچارد فاددېن كانادادىكى بەزى شتات ۋە شەھەرلەرنىڭ يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرىنىڭ چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خۇسۇسى يوللار ئارقىلىق كانادادا جاسۇسلۇق تورى شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارا بىلدۈرگەنىدى.

بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى، كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوھن بائىردنىڭ پارلامېنتتىكى كاتىپى بوب دېچېرت بىلەن شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تورونتودا تۇرۇشلۇق 32 ياشلىق ئايال مۇخبىرى شى رۇڭنىڭ ئىشقى-مۇھەببەت مەكتۇپلىرى ئاشكارىلىنىپ،بكانادادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كانادادىكى جاسۇسلىرى مەسىلىسى كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ قايتا كۈن تەرتىپىگە كەلگەچكە، بۇ ئەيىبلەشلەردىن پاسسىپ ئاھۋالغا چۈشكەن خىتاي دائىرىلىرى شى رۇڭنى كانادادىن قايتۇرۇپ كېتىش يولىنى تاللىغانىدى.

جاڭ خەييەن دىلوسى كانادا ھۆكۈمىتى كۆڭۈل بۆلگەن، خىتايغا ئائىت جاسۇسلۇق دىلولىرى ئىچىدىكى نەتىجىسى چىققان بىردىن-بىر دىلودۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.