1997 - يىلى 25 يېشىدا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان روب ئاندېرس، كانادا تارىخىدىكى ئەڭ ياش پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىرى. ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كانادالىق سىياسەتچىلەرنى سېتىۋېلىش ۋە ئۇلارنى قىلتاققا دەسسىتىش ئۈچۈن، قانداق ۋاستىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ 13 يىل جەريانىدا كەسىپداشلىرىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنى كانادا جامائىتىگە ئاشكارىلىدى. روب ئاندېرس كانادا دۆلەتلىك كبك رادىئوسى ۋە باشقا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سودا پۇرسىتى يارىتىش ۋە سەتەڭلەر تاكتىكىسى ئارقىلىق، خىتايدا زىيارەتتە بولغان كانادالىق سىياسەتچىلەرنى سېتىۋىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: " مېنىڭ پارلامېنتتىكى كەسىپدىشىم،خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە بىر مېھمانخانىغا چۈشكىنىدە، ياش قىزلار ئۇنىڭ ياتىقىغا كىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ بەدەن ئۇۋىلاش مۇلازىمىتى ۋە باشقا مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوستۇمنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ قىزلارنىڭ ئىنگىلىزچىسىمۇ، ئۇ قەدەر راۋان بولۇپ، گەپ - سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىدىن ئۇلارنىڭ مەخسۇس تەربىيىلەنگەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدىكەن. پارلامېنتتىكى يەنە بىر قانچە كەسىپدىشىم خىتايدا زىيارەتتە بولغىنىدا،خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارغا سودا پۇرسىتى يارىتىدىغانلىقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى تىلغا ئالغان بۇ سودا، ئەمىلىيەتتە بازار باھاسىدىن ناھايىتى يوقىرى بولغان " دېدى. پارلامېنت ئەزاسى روب ئاندېرس، بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ بۇ خىل تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ سىزغان سىزىقى بىلەن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ: "مېنىڭ مەخسىتىم بۇ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاش ئەمەس، بەلكى بۇ خىلدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنى ئاگاھلاندۇرۇش، ئۇلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قىلتىقىغا دەسسىگەنلىكىنى تونۇشىغا ياردەم بېرى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۇچۇرلارنى كانادا جامائىتى بىلەن ئورتاقلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش " دېدى.
ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچ تەپتارتماستىن ئۆزىگىمۇ بۇ خىل ئەخلاقسىز تەكلىپتە بولۇنغانلىقى، ئەمما خىتاينىڭ بۇ تەكلىبىنى قەتئىي رەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى راب ئاندېرسنىڭ بۇ سۆزلىرى، خىتاينى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلىش بىلەن تونۇلغان، لىبېرال پارتىيىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى جىم كاريگىئاننىسنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كۆپ قېتىم خىتايدا زىيارەتتە بولغانلىقىنى، ھەر دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە سودىگەرلىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى، ئەمما، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىدىن سودا مەنپەئەتى ۋە چىرايلىق قىزلار بىلەن تەمىنلەشكە ئوخشاش تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى، روب ئاندېرسنىڭ يوقىرىقى سۆزلىرىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ھاقارەت قىلىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ كەسىپداشلىرىغىمۇ قارا چاپلاش ئىكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبتىن روب ئاندەرسنىڭ كەچۈرۈم سورىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. كانادا ئاممىۋى بىخەتەرلىك مىنىستىرى ۋىك توئېۋەرس پارلامېنت ئەزاسى روب ئاندېرسنىڭ سۆزلىرىگە ھەيران قالمىغانلىقىنى، چۈنكى چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كاناداغا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەرخىل ۋاستىلەرنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئۇزۇن يىللار بولغانلىقىنى ۋە بۇ خىل خەۋەرلەرنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: " بۇ يەردە موھىم بولغىنى، سىياسەتچىلەر ئۈچۈن بۇ خىل بېسىم ۋە تەسىر كۆرسىتىشلەرگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش مەسىلىسىدۇر" دېدى.
كانادادىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلار روب ئاندېرسنىڭ سۆزلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن بەردى. كانادا دۆلەتلىك كبك رادىئو شىركىتىنىڭ كانادالىقلار ئارىسىدا ئېلىپ بارغان راي سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا،81 % تىن كۆپ كانالىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇل ۋە سەتەڭلەر تاكتىكىسى بىلەن كانادالىق سىياسەتچىلەرنى سېتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن. راي سىناشقا قاتناشقان 15 % كانادالىقلار بۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان. روب ئاندېرس خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئەڭ كەسكىن تەنقىد قىلىپ كەلگەن كانادا پارلامېنت ئەزالىرىدىن بىرى. ئۇ 2008 - يىلى ئاپرىلدا، بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسى بىلەن 1936 - يىلى ناتسىسلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى بېرلىندە ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىر - بىرىگە ئوخشايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئوغىسىنى قوزغىغانىدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.