خىتاينىڭ كاناداغا كەلگەن سەنئەت ئۆمىكىگە بىر نەپەر ئۇيغۇر قاتناشتۇرۇلغان

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەش ئۈچۈن كانادادىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، خىتايدىكى داڭلىق كۈلدۈرگە ئارتىستلىرى، سېرىكچىلار ۋە داڭلىق ناخشىچىلاردىن تەركىپ تاپقان بىر ئۆمەك ئۆتكەن ھەپتە كاناداغا يېتىپ كېلىپ، كانادانىڭ نۇقتىلىق شەھەرلىرىدە ئويۇن قويۇشنى باشلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ
2009.09.21

ئۆمەك تەركىبىدە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا "كالتەك توپ ئوينىتىش پادىشاھى" دەپ نام ئالغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سېرىكچىلەر ئۆمىكىنىڭ سېرىكچىسى غەيرەت ئېزىزمۇ بار.

بۇ ئۆمەك كانادانىڭ ھەر قايسى نۇقتىلىق شەھەرلىرىدە ئايلىنىپ ئويۇن قويىدىغان بولۇپ، 14 - 15 - ۋە 17 - سېنتەبىر كۈنلىرى كانادانىڭ ۋانكوۋېر، كالگارى ۋە ئوتتاۋا قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئويۇن قويغان.

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئويۇن قويۇش ئۆمىكىنىڭ نامى ''خوشال كۈلكىلىرىمىز بىلەن دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى كۈتۈۋالايلى'' دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ ئۆمەكنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى خىتايدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىنتايىن بەختلىك، خوشال - خۇرام، خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىغىنى كانادادا تەشۋىق قىلىش ئىكەن.

ئەمما يېقىندىلا 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىغىنى باشتىن كەچۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ تېخى ئايىغى ئۈزۈلمىگەن بولۇپ، ئۇلار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ بىتەرەپ تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىشنى جىددى تەلەپ قىلماقتا.

گەرچە، خىتاينىڭ داڭلىق كۈلكە چولپانلىرى كانادادا ئويۇن قويۇپ، 1 - ئۆكتەبىر دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان بولسىمۇ ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ كۈننى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ماتەم كۈنى قىلىپ بېكىتكەنلىكى مەلۇم.

ئۆتكەن ھەپتە كانادادا چىقىدىغان كۆپلىگەن خىتايچە يېزىقتىكى گېزىتلەردە بۇ ئۆمەكنىڭ كانادادىكى پائالىيەتلىرىگە كەڭرى يەر بېرىلگەن بولۇپ، "يۇلتۇزلۇق ئارال" گېزىتى ۋە شىنخۇئا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بۇ ئۆمەك تەركىبىدىكى ئۇيغۇر سېرىكچى غەيرەت ئېزىز، "شىنجاڭ گۈزەل ۋە بىخەتەر جاي، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى بىر ئىككى كۈن ئىچىدە شەكىللەنگەن ئىتتىپاقلىق ئەمەس، شۇنداقلا بىر قىسىم كىشىلەر بۇزىۋېتىمەن، دەپ بۇزىۋېتەلەيدىغان ئىتتىپاقلىق ئەمەس،" دېگەن.

غەيرەت ئېزىز ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھازىر كانادادا ئويۇن قويۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بۇ سەنئەت ئۆمىكىنىڭ نومۇرلىرى ئىچىدە تىبەتنى مەدھىيىلەيدىغان ناخشىلار، خىتاي قىزلىرى موڭغۇلچە ياسىنىپ ئوينايدىغان موڭغۇلچە ئۇسۇللار بولغاندىن باشقا، خىتاي قىزلىرى چاچلىرىنى قىرىق ئۆرۈپ، خىتاي يىگىتلىرى ئۇيغۇر پوتىلىرىنى باغلاپ ئوينايدىغان دولان مەشرىپىمۇ بار.

19 - سېنتەبىر شەنبە كۈنى بۇ ئۆمەك تورونتوغا يېتىپ كېلىپ، تورونتودىكى ماكمىلەن تىياتىرخانىسىدا بىر مەيدان ئويۇن قويدى. شۇ كۈنى ماكمىلەن تىياتىرخانىسىنىڭ ئىچى تورونتودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرى بىلەن توشۇپ كەتكەن بولۇپ، ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىز بۇ ئۆمەك تەركىبىدە كانادادا ئويۇن قويۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەيرەت ئەزىزنى قىسقا زىيارەت قىلىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈردۇق.

ئىگىلىشلەرگە ئاساسلانغاندا، 2004 - يىلى شىنجاڭ سېرىكچىلەر ئۆمىكىنىڭ 7 نەپەر سېرىكچىسى كاناداغا ئويۇن قويغىلى كېلىپ، كانادادا سىياسى پاناھلىق تىلەپ قالغان بولۇپ، تورونتودىكى خىتاي كونسۇلخانىسى يەنە شۇنداق بىر ئەھۋالنىڭ تەكرارلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن غەيرەت ئەزىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر پوزىتسىيىدە بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.